قۇرئان يولى
قۇرئان يولى

پەتىۋا سوراڭ

سوئالىڭىزنى سوراڭ

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.

  • ياخشىمۇسىز ئۇستاز مەن ئۆتكەندە (12- چىسلا) بۇ ئورۇن ئارقىلىق بېقىۋېلىنغان بالا توغرىسىدا پەتۋا سوراپ بىر مەزمۇن ئەۋەتكەن تاپشۇرۇپ ئالغانسىزمۇ؟ سىلەرنىڭ ئىلخەت قاتارلىق ئالاقىلىشش ئادىرسىڭلار بولمىغاچقا، پەقەت مۇشۇ ئورۇن ئارقىلىقلا سىلەردىن سوئال سورالايدىكەنمىز. دائىم بۇ بەتتىن جاۋاپ بەرگەنمىدۇ دەپ ئىزدەۋەتىمەن ھازىرغىچە بېكەت ئىچىدە بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر يوق. مەن ئەۋەتكەن مەزمۇننى تاپشۇرۇپ ئالغان بولساڭلار خەۋەر بەرگەن بولساڭلار رەھمەت ئاۋارە قىلدىم

    • ئاللاھ ئائىلىڭىزگە ۋە پۈتۈن ئۇرۇق – تۇققانلىرىڭىزغا خاتىرجەملىك ۋە ھىدايەت ئاتا قىلسۇن. ئۆز ئاتا-ئانىڭىزنى تاپقانلىقىڭىزدىن سۆيۈندۈم. بۇ مەسىلىدە سىزنىڭ ھېچقانداق گۇناھىڭىز يوقكەن. سىز پەقەت ۋاپادارلىق بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپسىز. گۇناھ پەقەت سىزنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ قويۇپ، ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە ۋە ئىنسانلىق مەسئۇلىيەتكە خىلاپلىق قىلغان شۇ ئۆز ئاتا – ئانىڭىزدا. چۈنكى بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن ئاتا-ئانىنىڭ ئۈستىگە بىر مۇنچە مەسئۇلىيەت يۈكلىنىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلسۇن.
      سۇئاللىرىڭىزغا كەلسەك؛ يۇرت چوڭلىرى بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ، ئاتا-ئانىڭىزغا نەسىھەت قىلىپ باقسۇن، ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ باقسۇن. ئۆز قېرىنداشلىرىڭىز بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قېرىنداش ئىكەنلىكىڭلارنى، بىر بىرىڭلارغا مەھرەم بىر ئائىلە ئىكەنلىكىڭلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۇرۇنۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. يەنە ئېتىراپ قىلمىسا ئامال يوق، ئۇلار قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن سىزگە ئۇلارغا باقمىغانلىق، ياخشىلىق قىلمىغانلىقنىڭ گۇناھى ئارتىلمايدۇ. بۇ مەسىلىدىكى مۇھىم نۇقتا مىراس مەسىلىسىدۇر؛ ئۆز – ئاتا ئانىڭىزدىن بىرەسى ئۆلۈپ كەتسە- سىز ۋاز كەچمىگەن تەقدىردە- ئۇلاردىن مىراس ئېلىش ھەققىڭىز بولىدۇ. بۇنى ئۇلار ئېتىراپ قىلسۇن قىلمىسۇن ئاللاھنىڭ قېتىدا شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى سىز ئۇلارنىڭ ئۆز بالىسى ھېسابلىنىسز. مىراستا، بالىنىڭ ئۆز دادىسىنىڭ مىراسىدىن ئېلىشى ئۈچۈن دادىسىغا كارغا كەلگەن بولۇشى ياكى دادىسىنىڭ يېنىدا بىللە ياشىغان بولۇشى ۋە ياكى ئۇ دادىنىڭ ئۇ بالىنىڭ ئانىسى بىلەن ئەر-خوتۇنلۇقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىشى ئەسلا شەرت ئەمەستۇر! پەقەت قانداشلىق مۇناسىۋەت يېتىدۇ.
      سىزنى بېقىۋالغان ئاتا – ئانىڭىزغا كەلسەك، ئۇلار سىزنى كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئېمىتمىگەن بولسا سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەر ئۇ ئۆيدىكى ئاياللارغا ۋە ئەرلەرگە مەھرەم بولمايسىلەر يەنى سىز بۇ ئىشنى بىلگەندىن باشلاپ ئۇ ئۆيدىكى قىز قېرىنداشلار بىلەن يالغۇز بىر ئۆيدە قالسىڭىز بولمايدۇ. سىزنىڭ ئاياللىرىڭىز ۋە قىزلىرىڭىز بۇ ئۆيدىكى ئەركەكلەر بىلەن خالى قالسا بولمايدۇ. ئۇلارغا بۇ ئەھۋالنى بىلىپ، ئېيتىپ ھەممىسىنى خەۋەردار قىلىپ قويسىڭىز ياخشى بولىدۇ. بەلكى سىز بىلمىگەن باشقا ئىشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. سىزنى بىقىپ چوڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلىق مەجبۇرىيىتىىڭىزنى ئادا قىلىپ، ياخشىلىق قىلىپ ماڭسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بۇ ئائىلىدە سىزنىڭ ھېچقانداق مىراس ھەققىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى مىراس، پەقەت قانداشلىق مۇناسىۋېتىدىن بولىدۇ.
      ئىسلام دىنىمىزنىڭ مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىدە بېقىۋالغان بالا مىراستىن ھەسسە ئالالمايدۇ. چۈنكى بېقىۋېلىش بېقىۋېلىنغۇچى بىلەن باققۇچى ئارىسىدا ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بېقىۋالغان بالا قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىدە ھەقىقىي بالا ھېسابلانمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
      «مَا جَعَلَ اللَّهُ لِرَجُلٍ مِنْ قَلْبَيْنِ فِي جَوْفِهِ وَمَا جَعَلَ أَزْوَاجَكُمُ اللَّائِي تُظَاهِرُونَ مِنْهُنَّ أُمَّهَاتِكُمْ وَمَا جَعَلَ أَدْعِيَاءَكُمْ أَبْنَاءَكُمْ ذَلِكُمْ قَوْلُكُمْ بِأَفْوَاهِكُمْ وَاللَّهُ يَقُولُ الْحَقَّ وَهُوَ يَهْدِي السَّبِيلَ. ادْعُوهُمْ لِآبَائِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِنْدَ اللَّهِ فَإِنْ لَمْ تَعْلَمُوا آبَاءَهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ وَمَوَالِيكُمْ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا»
      «ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب ياراتمىدى. شۇنىڭدەك سىلەر: ‹سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن› دېگەن ئاياللىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ.بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار. بۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە دوستلىرىڭلار. ئۇلارنى سەۋەنلىكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقا بىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سالساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇنى قەستەن قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/4-5.
      بۇ ئايەتكە بولۇپمۇ ئايەتنىڭ ئاستى سىزىلغان قىسمىغا ئاساسەن سىزگە سىزنى بېقىۋالغان دادىڭىزنىڭ ياكى بېقىۋالغان ئانىڭىزنىڭ ۋە ياكى بۇلارنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىلىرىنىڭ مىراسىدىن ھېچ نەرسە تەگمەيدۇ.
      4 – سۇئالىڭىزغا كەلسەك، بۇ ئىشتا سىزنىڭ ھېچقانداق گۇناھىڭىز يوق. مەيلى نىكاھسىز تۇغۇلغان بولۇڭ، مەيلى نىكاھلىق تۇغۇلغان بولۇق پۈتۈن مەسئۇلىيەت ئاتا-ئانىڭىزدا بولىدۇ. نېمە بولسا بولسۇن سىز ئۇلارنىڭ بالىسى ھېسابلىنىسىز. ئۇلارنىڭ ياكى باشقا قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ سىزنى ئەيىپلەيدىغانغا، كەمسىتىدىغانغا ھېچقانداق ھەققى يوق. سىز ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلىنىسىز.

      • ئاخىرى جاۋاپ تاپشۇرۇپ ئالالىدىم رەھمەت ئۇستاز بۇ ئىش مېنى نۇرغۇن كېچىلەر ئۇيقۇسىز قويغان، ئۆزۈمنى بەكمۇ غېرىپ ھېس قىلىپ قالغانتىم ۋە قەلبىمدە بەكمۇ چوڭ بىر تۈگۈن بولۇپ قالغانتى، رەھمەت ئۇستاز رەھمەت…

        • ئەرزىمەيدۇ، قېرىندىشىم، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن. بىر قانچە كۈن تور بەتلىرىمىزدە بىر چاتاق چىقىپتىكەن. ۋاقتىدا كۆرمەپتىمىز. شۇڭا جاۋاب قايتۇرالماي قاپتىمىز.

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز مەن ھازىر 45 ياشقا كىردىم، ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ بېقىۋېلىنغان بالا ئىكەنلىكىمنى بىلمەيتتىم، بۇ سىرنى ماڭا ھازىرغا قەدەر باققان ئائىلەم ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىم دەپ باقمىدى. مەن بۇنى بىلگىلى يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى. مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتام يىگىرمە يىل ئاۋال كېسەل سەۋەپلىك تۈگەپ كەتكەن، مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئانام ھازىرغا قەدەر توي قىلمىدى.
    مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئاغرىپ قېلىپ 9 يىلغا يېققىن قاتتىق كېسەل ئازابى تارتتىم، ئۆزۈمنىڭ داۋالىنىش ئىقتىسادى بولمىغاچقا، دوختۇردا ۋاقتىمدا ھاياتىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئەتراپىمدىكى ئاق كۆڭۈل يۇرتداشلىرىم ۋە ئاممىنىڭ ئىقتىساد توپلاپ بىرىشى بىلەن داۋالىنىش پۇللىرىمنى تاپشۇرۋالدىم. شۇندىن كىيىنمۇ مەن تۇرمۇشلۇق بولغانغا قەدەر بېقىپ چوڭ قىلغان ئانام ۋە ئىككى سىڭىل قىز قېرىندىشىم بىلەن بىر ئائىلىدە تۇردۇم. كىيىن تۇرمۇش قۇرۇپ ھازىر بىر ئوغۇل ئىككى قىز پەرزەنتىم بار. ئۆزۈمنىڭ بېقىۋېلىنغان بالا ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كىيىن، مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئانام ھازىر ياشقا چوڭ كېسەلچان بولغاچقا، سالامەتلىكىگە تەسىر يەتمىسۇن زەربە بولۇپ قالمىسۇن دەپ، ئۆزۈمنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقانلىقىمنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئانامغا بىلدۈرەلمىدىم. ھازىر ئۇلارغا بىلدۈرمىگەن ئاساستا ئۆز ئائىلەمدىكىلەرنى سۈرۈشتە قىلىپ تاپتىم. مېنىڭ ئۆز ئاتا- ئانام ھازىر ھايات، مەن ئېنىقلىغان ئۇچۇردا مەندىن كىچىك ئۈچ ئوغۇل قېرىندىشىم ۋە ئاتامنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىبارەت ئۇرۇق – تۇققانلىرىم ھەممىسى دىگۈدەك ھايات.
    ئۆز ئاتامنىڭ ئۇچۇرىنى تاپقاندىن كىيىن، دەسلەپتە ئاتامنىڭ ئۇكىسى ۋە چوڭ ئاتىمىز بىلەن ئۆز ئاتا – ئانامنى كۆرۈپ تونۇشلۇق بىرىپ، بارلىق ئۇرۇق- تۇققانلىرىم بىلەن كىيىنكى ئۆمۈرۈمدە بولسىمۇ ئىزدىشىپ ئۆتۈش ئارزويۇم بارلىقىنى بىلدۈرۈپ بىر قانچە قېتىم يۈز-تۇرانە كۆرۈشتۈم. لېكىن ئىش مەن ئويلىغاندەك بولمىدى.
    مەن چوڭ ئاتىمىز ۋە ئاتامنىڭ قېرىندىشىدىن بىلىشىمچە، مەن ئۇلار توي قىلىپ ئىككى ئايدىلا دۇنياغا كۆز ئېچىپتىمەن، شۇڭا ئۇلار ئەتراپىدىكى قولۇم- قوشنىلاردىن خىجىل بولۇپ مېنى باشقىلارغا بىرۋېتىپتىكەن. ھەتتاكى ھازىرغا قەدەر مېنىڭ ئىزدىرىكىمنىمۇ قىلىپ باقماپتىكەن. بۇلارنى بىلگەندىن كىيىن ئىچىم بەكمۇ ئاچچىق بولدى. كىيىن يەنىلا مەن بۇ ئىشنى بىلدىم چوڭلار ئالدىغا چىقىش مەسئولىيتىم بار دەپ بىلىپ، نەچچە رەت ئاتامنىڭ قېرىندىشى ۋە چوڭ ئاتاملارنى ئىزدەپ ئۇچۇراشتۇرۇپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ باردىم. چوڭلار بۇ ئىشنى ئاتا- ئانامغا ئېيىتقاندىن كىيىن، ئاتا – ئانام ھازىرقى كېلىنلەر ۋە قوشنىلار ئارىسىدا خىجالەتتە قېلىشتىن قورقۇپ، مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ماڭا تونۇشلۇق بىرىشنى رەت قىلدى. ئۇستاز ئۆزلىرىدىن سورىماقچى بولغان سۇئالىم شۇكى:
    1.مەن بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ داۋاملىق ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىغا بارايمۇ ياكى توختاپ قالايمۇ؟
    2. بۇ ئەھۋالدا مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئائىلەمگە نىسپەتەن قانداق يول تۇتسام ئەڭ ياخشى؟ مېنىڭ باققان ئائىلەمگە مىننەتتارلىقىم بار…
    3. بۇ سىرنى بىلگەنلىكىمنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئانامغا ئېيىتسام ياخشىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ ماڭا ئۆزى دىيىشىنى كۈتەيمۇ؟
    بۇ ئىشنى دىسەم باققان ئانامنىڭ ھازىر يېشى چوڭ بولغاچقا، بۇ ئىش سەۋەپلىك زەربىگە ئۇچۇراپ بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. بۇ ئىش سەۋەپلىك بېشىم بەكمۇ قاتتى، بېشىمغا بەكمۇ چوڭ غەم چۈشتى، ماڭا ياخشى بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا ئۇستاز.
    4.بۇ خىل ئەھۋالدا « بۇنداق ھالەتتە دۇنياغا كۆز ئېچىش» ماڭا نىسپەتەن ھۆكۈم قانداق؟ مەن نىكاھ ئىچىدە تۇغۇلغان بولامدىم ياكى نىكاھ سىرتىدا تۇغۇلغان بولامدىم؟ مەنمۇ گۇناھكار ھېساپلىنامدىم؟ مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟
    ماڭا بۇ ئىش توغرىسىدا تەپسىلى بىر پەتۋا بەرگەن بولساڭلار…

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر