جاۋاب:
دىنىمىزدا ئۇنداق بىر ناماز يوق. ناماز، پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا ئوقۇلىدىغان بىر ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ ياكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇلمايدۇ. ناماز ئوقۇشقا بولىدىغان ھەرقانداق ۋاقىتتا ناماز ئوقۇپ، ئاتا – ئانىمىزنىڭ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزنىڭ ۋە باشقا ئەر – ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلەپ دۇئا قىلساق بولىدۇ.
ئاتا – ئانىمىزغا قىلىدىغان دۇئانى مەلۇم بىر كۈن ياكى مېلۇم بىر ۋاقىت بىلەن چەكلەپ قويماي، قاچان دۇئا قىلساق، دۇئايىمىزدا ئۇلارنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا ئىسرا سۈرىسىنىڭ 23 ۋە 24 – ئايەتلىرىدە ئاتا – ئانىمىز ھايات ۋاقتىدا ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارغا قانداق دۇئا قىلدىغانلىقىمىزنى ئېىنىق بىر شەكىلدە بىزگە ئۆگىتىدۇ.