جاۋاب:
ئالدى بىلەن دىنىمىزنىڭ ھاراق ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىچىملىك ۋە چېكىملىكلەردىن قەتئىي مەنئى قىلغانلىقىنى بىلىۋېلشىمىز لازىم.
شۇنداقتىمۇ سىز دېگەندەك ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا (ئاللاھ ھەر مۇئمىننى بۇ پالاكەتتىن ساقلىسۇن)، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن غۇسۇل قىلماستىن، تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. چۈنكى غۇسۇل جۇنۇپلۇقتىن، ھەيز ۋە نىفاستىن پاكلىنىش ئۈچۈن قىلىنىدۇ.