مۇئمىن ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدۇ
﴿إِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُكُمۡ أَن تُؤَدُّواْ ٱلۡأَمَٰنَٰتِ إِلَىٰٓ أَهۡلِهَا وَإِذَا حَكَمۡتُم بَيۡنَ ٱلنَّاسِ أَن تَحۡكُمُواْ بِٱلۡعَدۡلِۚ … ﴾
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغان چېغىڭلاردا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ…»-(4-سۈرە نىسا، 58- ئايەت).
﴿یَـٰۤأَیُّهَا ٱلَّذِینَ ءَامَنُوا۟ لَا تَخُونُوا۟ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ وَتَخُونُوۤا۟ أَمَـٰنَـٰتِكُمۡ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ﴾
« ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا خىيانەت قىلماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئامانەتلىرىڭلارغا خىيانەت قىلماڭلار»-(8-سۈرە ئەنفال، 27- ئايەت).
﴿وَٱلَّذِينَ هُمۡ لِأَمَٰنَٰتِهِمۡ وَعَهۡدِهِمۡ رَٰعُونَ﴾
«ئۇ مۇئمىنلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر»-(23-سۈرە مۇئمىنۇن، 8- ئايەت).