ئەرلەرنىڭ تۇپراق بېشىنى زىيارەت قىلىشى مۇستەھەب بولۇپ، بۇ مەلۇم ۋاقىت بىلەن
چەكلەنمەيدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭ ئەۋزەل ۋاقتىمۇ يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇپراق بېشىنى، قاچان ۋاقتىڭىز يەتسە شۇ چاغدا زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئەمما شۇنى ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا – ئانىمىز،
ئۇرۇق – تۇققانلىرىمىز ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ھەر پۇرسەتتە دۇئا قىلىپ تۇرۇشىمىز لازىم. دىنىمىزنىڭ يوليورۇقى مۇشۇنداقتۇر.