قۇرئان يولى

ئۆسۈم ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىلىرى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

كىرىش سۆز

ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تەئالا بىز ئىنسانلارنى، پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىشلارغا بۇيرۇپ، يەنە نۇرغۇن ئىشلاردىن توسقان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمر – پەرمانلىرىغا قانداق ئەمەل قىلىشىمىزنى ئۆگەتكەن.

ئاللاھ تەئالا چەكلىگەن ۋە بويسۇنمىغانلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قېلىشىنى ئېلان قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى رىبادۇر. رىبا ئۆسۈم، ئۆسۈم مۇئامىلىسى ۋە ئۆسۈمگە بېرىلگەن پۇل قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

مۇسۇلمانلار تورىغا بۇ توغرىدا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان سوئاللار، مېنى ئۆسۈم ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىرى توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم توختىلىشقا زورلىدى. شۇنىڭ بىلەن « ئۆسۈم ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىلىرى» ناملىق بۇ يازمىنى يېزىشقا باشلىدىم. ئاللاھتىن مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.

تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

1 – «رىبا» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى

«رىبا» كەلىمىسىنىڭ سۆز تومۇرى «ر ب و» دۇر. بۇ كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى بىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدىكى «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىگە ۋە لۇغەت كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىگە قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن مەن «رىبا» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا قۇرئان كەرىمدە «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن قانچىلىك كەلىمە بولسا، ئۇلار ئىپادىلىگەن مەنالارغا ۋە قولۇمدىكى لۇغەت كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرىگە ئاساسلىنىمەن.

ئا – «ر ب و» دىن تۈرلۈنگەن كەلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر:

قۇرئان كەرىمدە، «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن لېكىن «رىبا» كەلىمىسىدىن پەرقلىق شەكىللەردە كەلگەن 10 دانە كەلىمە بار. بۇ كەلىمىلەر ئۆتكەن ئايەتلەر تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن ئىبارەت:

ھەج (22 – سۈرە) سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتى، فۇسسىلەت (41- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتى، رۇم (30- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 39 – ئايىتى، بەقەرە (2- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 276- ئايىتى، رەئد (13- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 17- ئايىتى، ھاققە (69- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتى، نەھل (16- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 92- ئايىتى، بەقەرە (2- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 265- ئايىتى ۋە مۇئمىنۇن (23- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 50- ئايىتى.

بۇ ئايەتلەردە مەزكۇر كەلىمىلەرنىڭ ھەممىسى كۆپمەك، ئۆسمەك، زىيادە بولماق، چوڭايماق ۋە ئۆرلىمەك دېگەن سۆزلەرنىڭ پەرقلىق شەكىللىرىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ، «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن كەلمىلەرنىڭ ئارتماق، كۆپمەك، زىيادە بولماق، ئۆسمەك، چوڭايماق ۋە ئۆرلىمەك دېگەن مەنىلەرنىڭ پەرقلىق شەكىللىرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

«رىبا» كەلىمىسى بولسا، قۇرئان كەرىمدە 8 يەردە ئۆتىدۇ. بۇ كەلىمە ئۆتكەن ئايەتلەر تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن ئىبارەت: بەقەرە (2- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 275، 276، 278- ئايەتلىرى، ئال ئىمران (3- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتى، نىسا (4- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 161- ئايىتى ۋە رۇم (30- سۈرە) سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتى.

«رىبا» كەلىمىسى بۇ ئايەتلەردە ئۆسۈم، ئۆسۈم مۇئامىلىسى ۋە ئۆسۈملۈك قەرز دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ. دېمەك، ئايەتلەردىكى رىبا كەلىمىسى بەزىدە بېرىلگەن قەرز پۇلنىڭ ئۈستىگە قوشۇپ ئېلىنغان/بېرىلگەن ئارتۇق پۇلنى (ئۆسۈمنى) ئىپادىلىسە، بەزىدە قەرزدارنىڭ قەرز بەرگۈچىگە ئۆسۈم بېرىشى شەرتى بىلەن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆسۈملۈك قەرز مۇئامىلىسىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىدە بولسا، ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن بېرىلگەن قەرز پۇلنى ئىپادىلەيدۇ.

ب – لۇغەت كىتابلرىدا «ر ب و»

لىسانۇلئەرەب، ئەلمۇھىت، ئەلقامۇسۇل مۇھىت، مۇھىتۇل مۇھىت، مۇختارۇس سىھاھ، مۇفرەداتۇ ئەلفازىل قۇرئان، تاجۇل ئەرۇس، ئەلئەين، ئەلغەنى، ئەلۋەسىت، قاتارلىق مەشھۇر ئەرەبچە لۇغەت كىتابلرىدىمۇ «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەرگە كۆپەيمەك، ئۆسمەك، ئاشماق، زىيادە بولماق، ئۆرلىمەك، چوڭايماق، يېتىلمەك دېگەن ئىپادىلەرنىڭ پەرقلىق شەكىللىرى بىلەن مەنا بېرىلىدۇ.

بۇ كىتابلاردا «رىبا» كەلىمىسىگە بولسا، ئارتۇقى، زىيادىسى، قىلىشقان شەرتلەر بويىچە قەرزدار قەرزنىڭ ئۈستىگە قوشۇپ قەرز بەرگۈچىگە تۆلىگەن ئارتۇق پۇل/مال، قەرز بەرگۈچى قەرز بېرىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن پايدا، بەدەلسىز ئېرىشىلگەن مال دېگەن مەنالار بېىرلىدۇ

2 – «رىبا» دىن چەكلەيدىغان ئايەتلەر:

«ئۆسۈم يېگەنلەر، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم قوپقاندەكلا قوپىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ ‹سودا-سېتىق، خۇددى ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە ئوخشاشتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى ئاللاھ سودا – سېتىقنى ھالال، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ ئۆسۈمدىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۆسۈمنى داۋاملاشتۇرغانلار جەھەننەم ئەھلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ.

ئاللاھ ئۆسۈمنى يوقىتىپ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ ھېچبىر گۇناھكار نان كورنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇغان ۋە زاكاتنى بەرگەنلەر بارغۇ، ئۇلار رەببىنىڭ يېنىدا چوقۇم مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ، ھەرگىزمۇ قورقمايدۇ ۋە ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ. ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، تېخى قولۇڭلارغا ئۆتمىگەن ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار.

ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇم قىلمايسىلەر ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىمايسىلەر.

ئەگەر قەرزدار قىيىنچىلىق ئىچىدە بولسا، ئۇنىڭغا قولى ئۇزارغىچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋېتىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر» – (بەقەرە 2/275- 280).

«ئى مۇئمىنلار! ئۆسۈمنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر» – (ئال ئىمران 3/130).

بۇ ئايەتلەردە ئۆسۈم، ئۆسۈم مۇئامىلىسى دەپ تەرجىمە قىلىنغان، شۇنداقلا چەكلەنگەن نەرسە «رىبا» دۇر. دېمەك، ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتلەردە «رىبا» دىن چەكلەيدۇ. «رىبا» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ئۆسۈم، ئۆسۈم مۇئامىلىسى، ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن بېرىلگەن مۇددەتلىك قەرز دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئون ئايەتتىكى «ر ب و» دىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرى ۋە لۇغەت كىتابلىرىدىكى ئىپادىلەر كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاللاھتەئالانىڭ يۇقىردىكى ئايەتلەردە رىبادىن چەكلىگەنلىكى ئۆسۈم ئېلىشتىن، ئۆسۈم بېرىشتىن ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاللاھ تەئالا، يەنە نىسا سۈرىسىنىڭ 160 ۋە 161- ئايەتلىرىدە يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيادا جازالىنىشىغا سەۋەبچى بولغان گۇناھلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئۆسۈم ئالغانلقىنىمۇ زىكىر قىلىدۇ. باشقا نۇرغۇن ئايەتلەردە مۇسۇلمانلارنى يەھۇدىيلارغا ئەگىشىشتىن توسىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتلەردە ۋاسىتىلىك يوللار بىلەنمۇ مۇسۇلمانلارنى ئۆسۈم ئېلىشتىن توسىدۇ.
3 – مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:
1 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۇناھتىن ساقلىنىڭلار» دېگەندە بەزىلەر: «يا رەسۇلەللاھ! ئۇ قايسى گۇناھلار؟» دەپ سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەك، سېھىرگەرلىك قىلماق، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەك، ئۆسۈم يېمەك، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالماق، غازاتتىن قاچماق، ئىپپەتلىك، پاك ئاياللارغا «زىنا قىلدى» دەپ بوھتان چاپلىماق» – (بۇخارى، ۋەسايا 23؛ مۇسلىم ئىمان145).

2 – «پەيغەمبەر ئەلەيسسالام ئۆسۈم ئالغۇچىنى، ئۆسۈم بەرگۈچىنى، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى يېزىپ بەرگۈچىنى ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىنى لەنەتلىدى» – (بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەللەر رىۋايەت قىلغان).

پەيغەمبەر ئەلەيسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ:

3 – «ئۆسۈم يوقسۇللۇققا ئېلىپ بارىدۇ».

4 – «ئۆسۈم باش كۆتۈرگەن جەمئىيەتنىڭ خەلقىنى نامراتلىق بېسىپ كېتىدۇ. پاراخورلۇق تارقىلىپ كەتكەن جەمئىيەتنىڭ خەلقى قورقۇنچاق بولۇپ كېتىدۇ».

5 – «قانداقلا بىر قەۋمنىڭ ئارىسىدا جازانىخورلۇق ۋە زىناخورلۇق باش كۆتۈرسە، ئۇ قەۋم چوقۇم ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ» – (بۇ ئۈچ ھەدىسنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رىۋايەت قىلغان).

6 – «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۆمۈشنى كۆمۈشكە، ئارپىنى ئارپىغا، بۇغداينى بۇغدايغا، تۇزنى تۇزغا، خورمىنى خورمىغا تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق سېتىشقا بولىدۇ. كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالغۇچى بىلەن بەرگۈچى ئوخشاشتۇر» – (مۇسلىم، مۇساقات 82؛ ئەبۇ داۋۇد بۇيۇئ 12 . ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق سودىدىن مەنئى قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ).

7 – «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار» – (بۇخارى، بۇيۇئ 78؛ مۇسلىم، مۇساقات 88؛ نەسەئىي، بۇيۇئ 47).

8 ـ «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئاپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا ساتقاندا، ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشى لازىم. لېكىن تۈرلىرى پەرقلىق بولسا، نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىڭلارچە ساتساڭلار بولىدۇ» – (مۇسلىم، مۇساقات 81).

9 – «ئالتۇننى كۈمۈشكە ساتقاندا، كۈمۈشنىڭ ئالتۇندىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس؛ لېكىن ھەر ئىككى بەدەلنىڭ نەقمۇنەق بولۇشى شەرتتۇر، نېسى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇغداينى ئارپىغا ساتقاندا، ئارپىنىڭ بۇغدايدىن كۆپراق بولۇشى گۇناھ ئەمەس؛ لېكىن نەقمۇنەق بولۇش شەرتتۇر، نېسى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ» – (ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12).

10 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سا سۈپەتلىك خورمىنى ئىككى سا سۈپەتسىز خورمىغا سېتىۋالغانلارغا: «بۇ قىلغىنىڭلار ئۆسۈم مۇئامىلىسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۇنداق قىلماڭلار! ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئەگەر سۈپەتلىك خورما سېتىۋالماقچى بولساڭلار، سۈپەتسىز خورماڭلارنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا سۈپەتلىك خورمىنى سېتىۋالساڭلار بولىدۇ» دېگەن. – (بۇخارى، ۋەكالەت 95؛ مۇسلىم، مۇساقات 96، 97).

(بىر سا، مىڭ قىرىق دىرھەم ئېغىرلىقىدىكى بۇغداي ياكى ئارپا سىغىدىغان بىر ئۆلچەمدۇر. بىر سا، شەرئى دىرھەمگە ئاساسەن تەخمىنەن 2 كىلو 917 گرام؛ ئەنئەنىۋى دىرھەمگە ئاساسەن 3 كىلو 333 گرام كېلىدۇ. شامىل ئىسلام ئېسىكلوپېدىيىسى ۋە ئىقرائ ئىسلام ئېسىكلوپېدىيىسى).

11 – «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۆل خورمىغا قۇرۇق خورما ئېلىشتىن مەنئى قىلدى» – (ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 18؛ تىرمىزىي، بۇيۇئ 14؛ نەسەئىي، بۇيۇئ 36) .

4 – يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن تۆۋەندىكى ھۆكۈملەر چىقىدۇ:

«رىبا» كەلىمىسىنىڭ لۇغەت ۋە ئىستىلاھ مەنىسى، ئايەتلەردە بۇ كەلىمىگە بېرىلگەن مەنالار ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرگە ئاساسەن يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن تۆۋەندىكى ھۆكۈملەر چىقىدۇ:

1 – ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن قەرز بېرىش، ئۆسۈم بېرىش شەرتى بىلەن قەرز ئېلىش ئۆسۈم مۇئامىلىسى بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ھارامدۇر.

2 – بۇنداق بىر مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ ئانا پۇلغا قوشۇپ ئۆسۈم ئېلىشى ۋە ئۆسۈم بېرىشى ھارامدۇر.

3 – ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن قەرز بەرگەنلەر، ئەگەر تەۋبە قىلىپ يېڭىدىن ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن ۋە ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن بەرگەن پۇل/مېلىنىڭ ئۆسۈمىنى ئېلىشتىن ۋاز كەچسە، ئەسلىدىكى ئانا پۇل/مېلىنى قەرزدارلاردىن تەلەپ قىلىپ ئالسا بولىدۇ.

4 – ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارنى بۇ ئىشتىن چەكلىگەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرنىڭ بۇرۇن ئالغان ئۆسۈملىرى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. يەنى ئۆسۈم ئىشلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ بۇرۇن ئالغان ئۆسۈملىرىنى ئۆسۈمنى بەرگۈچىلەرگە قايتۇرپ بېرىش مەجبۇرىيتى يوقتۇر.

5 – ئاللاھنىڭ ئۆسۈمدىن ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە بۇ ئىشقا داۋام قىلىش، «مەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن جەڭ مەيدانىغا چۈشتۈم، مېنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى بۇ ئۇرۇشتا قولۇمدىن كەلگىنى ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىش ۋە ئۆسۈم ئېلىشتۇر، مانا مەن بۇ ئىشنى قىلىۋاتىمەن، ئۇلارمۇ ماڭا قارشى قولىدىن كەلگەننى قىلسۇن» دەپ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق بولىدۇ.

6 – ئاللاھ تەئالا، ئۆسۈمنىڭ ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرغانلارغا ئىككى تۈرلۈك جازا بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ؛ بىرى دۇنيادا ئۇنداقلارنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋېتىش، يەنە بىرى ئاخىرەتتە دوزاخقا ئېتىش ۋە دوزاختا مەڭگۈ قويۇش. مانا بۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى قىلىنغان ئۇرۇشنىڭ يەنى ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىش ۋە ئۆسۈم ئېلىشنىڭ جازاسىدۇر.

7 – ئۆسۈمدىن ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ قەرزداردىن ئانا پۇل/مېلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ھەققى بار، لېكىن بۇلار قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولغان تەقدىردە ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىشى يەنى كېيىن قولىڭىز ئۇزىغاندا بېرىڭ دەپ ئۇنىڭغا ۋاقىت بېرىشى كېرەك.

8 – ئەگەر بۇلار قەرزداردىكى ئانا پۇل/مېلىنىمۇ ئالماي سەدىقە قىلىۋەتسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

9 – ئۆسۈم ئېلىش ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قەبىھ گۇناھنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى پەقەت بۇ گۇناھنى قىلغانلار بىلەنلا چەكىلنىپ قالماستىن، بەلكىدە شۇلار ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئىنسانلىرىغىمۇ يېتىدۇ. پەيغەمبىرىمىز بۇنى ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن:

«ئۆسۈم يوقسۇللۇققا ئېلىپ بارىدۇ»، «ئۆسۈم باش كۆتۈرگەن جەمئىيەتنىڭ خەلقىنى نامراتلىق بېسىپ كېتىدۇ. پاراخورلۇق تارقىلىپ كەتكەن جەمئىيەتنىڭ خەلقى قورقۇنچاق بولۇپ كېتىدۇ»، «قانداقلا بىر قەۋمنىڭ ئارىسىدا جازانىخورلۇق ۋە زىناخورلۇق باش كۆتۈرسە، ئۇ قەۋم چوقۇم ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ» – (بۇ ئۈچ ھەدىسنى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رىۋايەت قىلغان).

10 – جىنسى ئوخشاش نەرسىلەرنى بىر – بىرى بىلەن ئالماشتۇرماقچى بولغانلار مەسىلەن: ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا… ئېلىپ – ساتماقچى بولغانلار، ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى شەرتكە رىئايە قىلىشلىرى لازىم. ئەكسى تەقدىردە ئۇلار ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشقان بولىدۇ.

11 – جىنسى پەرقلىق نەرسىلەرنى بىر – بىرى بىلەن ئالماشتۇرماقچى بولغانلار مەسىلەن: بۇغداينى ئارپىغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە ئېلىپ – ساتماقچى بولغانلار، ھەر ئىككى بەدەلنىڭ نەقمۇنەق بولۇش شەرتىگىلا رىئايە قىلسا بولىدۇ. بۇ خىل سودىدا تەڭمۇتەڭ يەنى ھەر ئىككى نەرسىنىڭ مىقدارىنىڭ ئوخشاش بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ. بۇ خىل سودىدا بىرى نەق بىرى نېسى بولسا، ئۆسۈم مۇئامىلىسى شەكىللىنگەن بولىدۇ.

12 – كۈنىمىزدىكىدەك ئەگەر مالنى پۇلغا سېتىۋالىدىغان ئىش بولسا، پۇلنىڭ نېسى بولۇشى ھەتتا مالنىڭ نەق باھاسى بىلەن نېسى باھاسىنىڭ پەرقلىق بولۇشى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مۇئەييەت بىر باھاغا كىلىشىپ سودىنى پۈتتۈرۈشى ئۆسۈم مۇئامىلىسى ھېسابلانمايدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن بىر مالنى، پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش شەرتى بىلەن نېسى ئېلىش/سېتىش، ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغانلىق بولمايدۇ. بۇنىڭدا پۇلنى تۆلەيدىغان ۋاقىتنىڭ ياكى ۋاقىتلارنىڭ ۋە ھەر ۋاقىتتا تۆلىنىدىغان پۇلنىڭ مىقدارىنىڭ ئېنىق بولۇشى لازىم. مالنىڭ پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش سودىسىدا مال باھاسىنىڭ، نەق باھاسىدىن يۇقىرى بولۇشى ئۆسۈم مۇئامىلىسى ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى بۇ، تىجارەتتۇر.

13 – قەرزدارغا بېرىلگەن ئانا پۇل/مالغا قوشۇپ ئېلىنغان ئارتۇق پۇل/مالغا ئۆسۈم دېيىلىدۇ. دىنىمىز بۇ ئارتۇق پۇل/مالنى يەنى ئۆسۈمنى ئېلىشتىن ۋە بۇنداق بىر مۇئامىلىنى قىلىشتىن چەكلەيدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە بىر ئايىلىق 10% ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن 100 يۈەن قەرز بەرگەن بولسا، قەرزدار ئاي توشقاندا بۇ قەرزنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرغان بولسا، 100 يۈەن قەرزدار قەرز بەرگۈچىدىن قەرز ئالغان 100 يۈەن پۇل، قوشۇپ بەرگەن 10 يۈەن بولسا ئۆسۈم پۇل ھېسابلىنىدۇ. دىنىمىز مانا بۇ 10 يۈەننى ئېلىشتىن ۋە بېرىشتىن چەكلىگەندەك باشتا بۇنداق بىر مۇئامىلىنى قىلىشتىنمۇ قەتئىي چەكلەيدۇ

14 – تىجارەتتە بولسا ئىش تامامەن پەرقلىق. تىجارەتتە ئىككى تەرەپ كىلىشىپ مەلۇم بىر مالنى مەلۇم بىر مىقدار پۇل بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. بۇ پۇل، مىقدارى قانچىلىك بولسا بولسۇن شۇ مالنىڭ بەدىلى بولىدۇ. دېمەك، تىجارەتتە مال بىلەن پۇل ئالماشتۇرىلىدۇ. ئەگەر ساتقۇچىمۇ بۇ مالنى باشقا بىرىدىن ئېلىپ، ئالغۇچىغا ئۆزى ئالغان باھادىن يۇقىرى بىر باھادا ساتقان بولسا ئارتۇقى پايدا ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى 100 يۈەنگە بىر گىلەم سېتىۋېلىپ 110 يۈەنگە ساتقان بولسا، گىلەمنىڭ باھاسى بۇ ئادەم ئالغاندا 100 يۈەن، ساتقاندا 110 يۈەن بولغان بولىدۇ. بۇ ئىش تىجارەت ھېسابلىنىدۇ. 10 يۈەن پۇل، ساتقۇچىنىڭ پايدىسى بولىدۇ.

خۇلاسە
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا دىنىمىز ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن ئۆسۈم ئېلىش/بېرىشنى ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى، بۇ ئىشقا كىرىپ قالغان ياكى كىرىپ قېلىش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ دەرھال تەۋبە قىلىشى لازىم. ئەكسى تەقدىردە دۇنيا ۋە ئاخرەتتە قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ .

ئۆسۈملۈك قەرز ئالغۇچىنىڭ بۇ قەرز پۇلغا سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىسىنىڭ مۇھىملىقىغا قاراپ، بۇ ئىش دۇرۇسلۇققا ئايلانمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆسۈملۈك قەرز بەرگۈچىنىڭ بىر شەخس ياكى بىر مۇئەسسەسە بولۇشىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بىر جازانىخورنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشى بىلەن بىر بانكىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرز بېرىشى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتۇر. يەنى ئۆسۈملۈك قەرزنى كىم بەرسە بەرسۇن ياكى قانداق مۇئەسسەسە تارقاتسا تارقاتسۇن ھارام ئىش قىلىغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان بولىدۇ.

ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر