ئەسسالامۇئەلەيكۇم:
ئۇستازلار! ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ قانچە كۈن تۇتۇش كېرەك؟ يەنە مۇھەررەم ئېيىغا خاس ئىبادەت بارمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
ئاشۇرا كۈنى، يەنى مۇھەررەم ئېيى (ھىجىرىيە بىرىنچى ئاي) نىڭ 10- كۈنى ۋە بۇنىڭغا قوشۇپ 9- كۈنى روزا تۇتۇش ياخشى ئىشتۇر.
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇرا كۈنىدە (مۇھەررەمنىڭ 10- كۈنى) روزا تۇتاتتى ۋە باشقىلارنىمۇ روزا تۇتۇشقا بۇيراتتى.- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئەبۇ قاتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاشۇرا كۈنى (مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10- كۈنى) روزا تۇتۇش توغرۇلۇق سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆتكەن يىلقى گۇناھلارغا كەففارەت بولىدۇ»، دېدى.- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن كېلەر يىلغىچە ئامان بولسام، چوقۇم مۇھەررەمنىڭ توققۇزىنچى كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن».- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇ ھەدىستە مۇھەررەم ئېيىنىڭ 9-، 10- كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا ئۈندەلگەن. 9- كۈنىنى قوشۇپ روزا تۇتۇشتىكى ھېكمەت: 10- كۈنىدىلا روزا تۇتىدىغان يەھۇدىيلارغا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈندۇر.
بۇنىڭدىن باشقا بۇ ئايغا مەخسۇس قىلىنغان بىر ئىبادەت يوقتۇر. باشقا ۋاقىتتا قىلىنىدىغان نورمال ئىبادەتلەر بۇ ئايدىمۇ ئوخشاش داۋام قىلىدۇ.