ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز سالامەت تۇرلىمۇ؟
1-سوئال : «قۇرئان كەرىم» دە قانچە ئايەت بار؟
2-سوئال : «ئايەت» دېگەن سوز قانداق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
قۇرئان كەرىمدە سۈرىلەرنىڭ بېشىدىكى «بىسمىللاھ…»نى قوشمىغاندا 6236 ئايەت، قوشقاندا 6349 ئايەت بار. چۈنكى 9- سۈرىنىڭ (تەۋبە سۈرىسىنىڭ)نىڭ بېشىدا «بىسمىللاھ…» يوق.
ئايەت («آية») دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى ئالامەت، نىشان، مۆجىزە، سىمۋول، بەلگە، ئاجايىبات، ئىبرەت، دەلىل، قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئايەت دېگەن سۆزنىڭ ئىستىلاھى (ئاتالغۇ) مەنىسى بولسا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىككى تۇرغۇچ ئارىسىدىكى قىسمى دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن، كەۋسەر سۈرىسى ئۈچ ئايەتتۇر:
{إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَرَ(1) فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ(2) إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ الْأَبْتَرُ(3)}