ئىسلامنىڭ ئىمان شەرتلىرىنى، ئىبادەت ھېكمەتلىرىنى، مۇئامىلە ھۆكۈملىرىنى، ئەدەپ قائىدىلىرىنى ۋە ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنى تەتقىق قىلغان ئەقىل ئۆز ئىگىسىنى ئىسلامنىڭ سادىق بىر ئەزاسى بولۇشقا چاقىرىدۇ.دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىدىن قانۇنسىز ھالدا زوق ئېلىشنى كۆزلىگەن ۋە كۆنگەن خۇيلىرىدىن ۋاز كېچەلمىگەن نەپىس ئۆز ئىگىسىنى ئىسلامدىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىدۇ.
پەرىشتە قەلبكە (دىلغا) ئەقىلنىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇشنى ئىلھام قىلىدۇ، شەيتان نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىشنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ. قەلب ئەقىلنىڭ دەۋىتى بىلەن پەرىشتىنىڭ ئىلھامىغا ياكى نەپسنىڭ ئارزۇسى بىلەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئەگىشىپ قارار چىقىرىدۇ، بەدەن قەلبىنىڭ قارارىنى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەينەن ئىجرا قىلىدۇ. ئىنسان مانا بۇ شەكىلدە يا مۇسۇلمان ياكى كاپىر بولىدۇ.