سوئال:
«فىتنە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟
جاۋاب
فىتنە كەلىمىسىنىڭ لۇغەت مەنىسى ئالتۇننى ياكى كۈمۈشنى ئوتتا ئېرىتىپ ساپلاشتۇرۇش، بالاغا مۇبتىلا قىلىش، ئىمتىھان قىلىش دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ (مۇفرەداتى ئەلفازىل قۇرئان، تەھزىلۇللۇغە، مەقايىسۇللۇغە، لىسانۇل ئەرەب ف ت ن ماددىسى). بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە ئىمتىھان (بەقەرە 2/102؛ ئەنئام 6/53؛ ئەنكەبۇت 29/2؛ ئەنبىيا 21/35)، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش (مائىدە 5/49)، قىيناش (بەقەرە 2191؛ نەھل 16/110؛)، بۇزغۇنچىلىق (بەقەرە 193)، ئاسىيلىق قىلىش ۋە مۇناپىقلىق قىلىش (ھەدىد 57/14)، ھەقنىڭ باتىلغا ئوخشاپ قېلىشى (ئەنفال 8/73)، ئازدۇرۇش (مائىدە 5/41)، ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىرگە ئېلىش (نىسا 4/101)، ئىختىلاپ ۋە تەپرىقە (تەۋبە 9/47)، جىن چاپلىشىۋېلىش (نۇن 68/6)، ئوتقا تاشلاپ قىيناش (زارىيات 51/3، 13؛ بۇرۇج 85/10)، قىيىنچىلىققا يولۇقۇش، بالاغا دۇچار بولۇش (مائىدە تەۋبە 9/49؛ يۇنۇس 10/83). بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە ئەڭ كۆپ قىيىنچىلىق بىلەن ئىمتىھان قىلىش ۋە قىيناش مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.