سوئال:
ھەر جۈمە كۈنى مەسچىتكە بارغان جاغدا تەبلىغ قىلىۋاتقان بولسا ئىككى رەكەت تەھىييەتۇلمەسجىد نامىزىنى ئوقۇش كېرەكمۇ ياكى ئولتۇرۇپ تەبلىغ ئاڭلاش زۆرۈرمۇ؟
جاۋاب:
ئوقۇش كېرەك. چۈنكى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جۈمە كۈنىدە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام خۇتبە ئوقۇۋاتاتتى. غەتەفانلىق سۇلەيك كېلىپ ئولتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «ئى سۇلەيك! ئورنۇڭدىن تۇر ۋە قىسقىغىنا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇ».
رەسۇلۇللاھ ئاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا كەلسە، قىسقا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن»- بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ ئەسلى تېكىستى:
عَنْ جَابِرِ بْنِ عَبْدِ اللهِ، قَالَ: جَاءَ سُلَيْكٌ الْغَطَفَانِيُّ يَوْمَ الْجُمُعَةِ، وَرَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَخْطُبُ، فَجَلَسَ، فَقَالَ لَهُ: «يَا سُلَيْكُ قُمْ فَارْكَعْ رَكْعَتَيْنِ، وَتَجَوَّزْ فِيهِمَا» ثُمَّ قَالَ: «إِذَا جَاءَ أَحَدُكُمْ يَوْمَ الْجُمُعَةِ، وَالْإِمَامُ يَخْطُبُ، فَلْيَرْكَعْ رَكْعَتَيْنِ، وَلْيَتَجَوَّزْ فِيهِمَا»