كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا شېرىن سۆزلۈك ۋە خۇش چىراي بولۇش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
﴿… وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِلْمُؤْمِنِينَ…﴾
«مۇئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن»-(15-سۈرە ھىجىر، 88- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
﴿… وَلَوْ كُنتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لاَنفَضُّواْ مِنْ حَوْلِكَ …﴾
«ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى»-(3-سۈرە ئال ئىمران، 159- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
- ئەدىي ئىبن ھاتەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر يېرىم خورما چاغلىق نەرسىنى سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار، يېرىم خورما چاغلىق نەرسىنىمۇ تاپالمىغان كىشى ياخشى سۆز بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلانسۇن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:
1) ئاز بولسىمۇ سەدىقە قىلىپ تۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) ئەگەر يېنىدا بەرگۈدەك نەرسىسى بولمىسا، سائىلنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ياخشى ۋەدىلەرنى بېرىپ قايتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياخشى سۆزنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەدىقە». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:
1) ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش ۋە باشقىلارغا ياخشى سىلىق گەپ قىلىش سەدىقە ھېسابلىنىدىغانلىقى.
2) سەدىقىنىڭ بارچە ياخشىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى. گەرچە سەدىقە كۆپىنچە ھاللاردا پۇل-مالغا قارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن كۈلۈمسىرەش، سىلىق گەپ قىلىشقا ئوخشاش باشقا ئىشلارنىڭمۇ سەدىقە ھېسابلىنىدىغانلىقى.
- ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر ياخشى ئىشنى كىچىك سانىمىغىن، ھەتتاكى قېرىندىشىڭ بىلەن ئوچۇق چىراي مۇلاقات بولۇشۇڭمۇ ياخشى ئەمەل قاتارىغا كىرىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇئمىنلەر ئارا بىر-بىرىدىن دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ئىزدەش، خۇش چىراي بولۇش، كۈلۈمسىرەش قەلبتىكى دوستلۇق-مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.