خوتۇن، بالا-چاقىلىرىغا خىراجەت بېرىش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَعلَى الْمَوْلُودِ لَهُ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ
«ئاتا-ئانىلار قائىدە بويىچە يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇش كېرەك»-(سۈرە بەقەرە، 233- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
لِيُنفِقْ ذُو سَعَةٍ مِّن سَعَتِهِ وَمَن قُدِرَ عَلَيْهِ رِزْقُهُ فَلْيُنفِقْ مِمَّا آتَاهُ اللَّهُ لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا مَا آتَاهَا سَيَجْعَلُ اللَّهُ بَعْدَ عُسْرٍ يُسْرًا
«باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن)، ئاللاھ تائالا ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)»-(سۈرە تالاق، 7- ئايەت).
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
وَمَا أَنفَقْتُم مِّن شَيْءٍ فَهُوَ يُخْلِفُهُ
«(ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تائالا تولدۇرۇپ بېرىدۇ»-(سۈرە سەبەئ، 39- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا يولىدا بىر دىنارنى سەرپ قىلساڭ، قۇل ئازاد قىلىشتا بىر دىنار سەرپ قىلساڭ، مىسكىنگە بىر دىنار سەرپ قىلساڭ، ئائىلەڭگە بىر دىنار سەرپ قىلساڭ، مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىن ئائىلەڭگە سەرپ قىلغان دىنارىڭنىڭ ساۋابى ئەڭ كاتتا بولىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۆز ئائىلىسىگە خىراجەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە جايىدا خىراجەت قىلىش ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇ ۋاجىپ بولۇپ، باشقا يەرلەرگە پۇل-مال سەرپ قىلىش مەندۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، پەرز زاكات بۇنىڭ سىرتىدا.
- رەسۇلۇللاھنىڭ خىزمەتچىسى ئەبۇ ئابدۇرەھمان سەۋبان ئىبن بۇجدۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ سەرپ قىلغان دىنارلىرى ئىچىدە ئەجرى ئەڭ كاتتا بولىدىغىنى ئائىلىسىگە سەرپ قىلغان دىناردۇر. ئاللاھ تائالا يولىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاتاپ قويغان ئۇلاغقا خەجلىگەن دىناردۇر ۋە ئاللاھ تائالا يولىدا بۇرادەرلىرىگە سەرپ قىلغان دىناردۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تۈرلۈك يوللارغا سەرپ قىلىنغان پۇل-مالنىڭ ساۋابىنىڭ تەرتىپى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆز ئائىلىسىگە خەجلىگەن خىراجەتنىڭ ساۋابنىڭ ئەڭ چوڭ ئىكەنلىكى.
- ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئەبۇ سەلەمەنىڭ بالىلىرىنى باققانلىقىمغا ساۋاب بولامدۇ؟ مەن ئۇلارنى جان بېقىش كويىدا تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىپ كەتكەن ھالەتتە تاشلاپ قويمىدىم. ئۇلار مېنىڭمۇ بالىلىرىمدۇر»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «شۇنداق، ئۇلار ئۈچۈن تارتقان چىقىملىرىڭغا ساڭا ساۋاب بولىدۇ»، دېدى.
— بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: گەرچە ئانا بالىلىرىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن ئۇلارغا چىقىم قىلىپ باقسىمۇ، مۇشۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئانىغا ساۋاب بولىدىغانلىقى.
- سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەپ بىرەر نەپىقە بەرسەڭ ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسەن، ھەتتاكى ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سالغان بىرەر لوقما ئۈچۈنمۇ ساۋاب تاپىسەن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەرنىڭ ئايالىغا قىلغان نەپىقىسى ئۈچۈنمۇ ئۇ كىشىگە ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى، ھېچقانداق ساۋابمۇ ياكى گۇناھمۇ بولمايدىغان مۇباھ ئىشلار ياخشى نىيەت بىلەن ئېلىپ بېرىلسا تائەت-ئىبادەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىدىغانلىقى.
- ئەبۇ مەسئۇد بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان ئادەم ئاللاھ تائالانى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئائىلىسىگە خىراجەت قىلسا، ئۇنىڭغا سەدىقە بەرگەننىڭ ساۋابى بولىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
- ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق بولغان كىشىلەرنىڭ خىراجىتىنى بەرمەسلىكى يېتەرلىك گۇناھتۇر». — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىراۋنىڭ ئۆزىگە تەۋە كىشىلەرنىڭ خىراجىتىنى ئۈزۈپ قويۇشى يېتەرلىك گۇناھتۇر»، دېگەن، دېيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:
1) ئۆزىگە قاراشلىق كىشىلەرگە نەپىقە بېرىشتە بېخىللىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.
2) ئەرنىڭ ئايالى، بالا-چاقىلىرى، شۇنىڭدەك خىزمەتچىگە ئوخشاش كىشىلەرگە مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكى.
- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە ھەر كۈنى ئاسماندىن ئىككى پەرىشتە چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىرى: «ئى ئاللاھ! سىخىي ئادەمگە ئۇنىڭ خەير-ئېھسان قىلىپ بەرگىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن»، دەيدۇ. يەنە بىرى: «ئى ئاللاھ! بېخىلنىڭ مېلىنى تىرپىسەن قىلىۋەتكىن»، دەيدۇ. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سىخىي ئادەمگە خەير-ئېھسان قىلغان مېلى ئۈچۈن تېخىمۇ زىيادە ئاتا قىلىشقا دۇئا قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، شۇنداقلا نەپىقە بېرىشكە تېگىشلىك كىشىلەرگە بېخىللىق قىلغان ئادەمنىڭ مال-مۈلكىنى تىرپىسەن قىلىۋېتىشكە دۇئا قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.
- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈستۈنكى قول (بەرگەن قول) ئاستىنقى قولدىن (ئالغان قولدىن) ياخشىدۇر. بېرىشتە، ئۆزۈڭگە يېقىن كىشىلەردىن باشلا، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئاشقاننى بېرىش ئەڭ ياخشى سەدىقىدۇر. كىمكى ئىپپەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىپپەتلىك قىلىدۇ، كىمكى بىھاجەتلىكنى تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى بىھاجەت قىلىدۇ». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:
1) كىشىلەر تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. ئەڭ ئەۋزىلى باشقىلارغا خەير-ئېھسان قىلىپ، پۇل-مال بەرگۈچى ئادەم، ئۇنىڭدىن قالسا باشقىلاردىن بىرەر نەرسە ئېلىشتىن ئۆزىنى تارتىدىغان ئادەم، ئۇنىڭدىن قالسا كىشىلەردىن تىلىمىگەن، بەرگەننى ئالغان ئادەم، ئۇنىڭدىن قالسا سوراپ ئالغۇچى تىلەمچىدۇر.
2) بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن سورىغان كىشىگە ئاللاھ تائالانىڭ بېرىدىغانلىقى، ئىپپەت-ھايا ۋە قانائەت سالىھ مۇئمىننىڭ سۈپىتى ئىكەنلىكى.
3) كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە خىراجەت قىلىپ ئېشىنغاندىن كېيىن قىلغان سەدىقىسىنىڭ ئەڭ ياخشى سەدىقە ئىكەنلىكى.