جۈمە نامىزىغا غۇسۇل قىلىپ چىقىش
بۇ توغرىدىكى بەزى ھەدىسلەر مۇنداق:
سەمۇرە ئىبنى جۈندۈب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە نامىزىغا تاھارەت ئالسا بولىدۇ. لېكىن غۇسۇل قىلسا تېخىمۇ ياخشى»[1].
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «سىلەردىن بىر كىشى جۈمە نامىزىغا چىقىدىغان چاغدا غۇسۇل قىلسۇن»[2].
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جۈمە كۈنى ئۆرە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇۋاتاتتى، دەسلەپكى مۇھاجىرلاردىن بىر كىشىنىڭ مەسچىتكە كىرگەنلىكىنى كۆردى ۋە ئۇنى چاقىرىپ «بۇ قايسى ۋاقىت؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: «ئىشىم بار ئىدى، ئەزان ئوقۇلغانغا قەدەر ئۆيگە قايتالمىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاران تاھارەت ئېلىشقا ئۈلگۈردۈم» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئۆمەر: «يەنە تاھارەت ئالدىڭمۇ؟» ھالبۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غۇسلى قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلىسەن ئەمەسمۇ؟» دەپ كايىپ كەتتى[3].
جۈمە نامىزىغا خۇشپۇراق نەرسە ئىشلىتىپ چىقىش
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنى غۇسۇل قىلىش بالاغەتكە يەتكەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى. چىشلىرىنى تازىلاش ۋە خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشمۇ شۇنداق»[4].
جۈمە كۈنىگە مەخسۇس كىيىم
مۇھەممەد ئىبنى يەھيا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئەگەر ئىمكانىيىتىڭ يار بەرسە جۈمە ئۈچۈن ئىش كىيىمىڭدىن باشقا مەخسۇس بىر قۇر كىيىمىڭ بولسۇن»[5].
جۈمە ئۈچۈن خۇش پۇراق ئىشلىتىش
ئەبۇ سەئىد خۇدرى (ر.ز) پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «جۈمە كۈنى غۇسلى قىلىش بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر كىشىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. چىشلىرىنى پاكىزلاش ۋە خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشمۇ ھەم شۇنداقتۇر.
[1] – تىرمىزى، جۇمۇئە 497.
[2] – بۇخارى ۋە مۇسلىم، جۇمۇئە 2.
[3] – بۇخارى، جۇمۇئە 2 مۇسلىم، جۇمۇئە 3.
[4] – بۇخارى، جۇمۇئە 3.
[5] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1078.