ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پەزىلەتلىك ئۇستازلار!
سوئال:
بىزنىڭ يۇرتتا مەسچىت ئىماملىرى جامائەتلەرنى جۇمەدىن كىىيىن پېشىن نامىزى ئۇقۇشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭغا بىر تەپسىلي جاۋاپ بەرسەڭلەر! بۇ ئىشنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپتىكى ھۆكمى نېمە؟ ھۆرمەت بىلەن: ئابدىلتىپ
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
قۇرئان كەرىمدە جۈمە سۈرىسى دەپ بىر سۈرە بار. ئۇ سۈرىنىڭ 10- ئايىتىدە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانتَشِرُوا فِي الْأَرْض…».
بۇ ئايەتتىكى «الصَّلَاةُ– ناماز» دىن، جۈمەنىڭ پەرزى مەقسەت قىلىنىدۇ. «فَانتَشِرُوا– تارقىلىڭلار» دېگەن سۆزنىڭ بېشىدىكى «ف» ھەرپنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى «دەرھال» دېگەن بولىدۇ.
بۇ ئايەت، «ناماز» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئەسسەلات «الصَّلَاةُ» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى ئەلىف لام «ال» ۋە «تارقىلىڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان فەنتەشىرۇ «فَانتَشِرُوا» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى «ف» دىققەتكە ئېلىنىپ، «جۈمەنىڭ پەرزى ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار…» دېگەن شەكىلدە تەرجىمە قىلىنسا، تولۇق تەرجىمە قىلىنغان بولىدۇ.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن جۈمە نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن دەرھال تارقىلىپ كېتىش كېرەك. بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ تەكىتلەيدۇ:
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەسچىتتىن چىقىپ ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى»- (بۇخارى، جۈمە 39؛ مۇسلىم، جۈمە 71؛ ئەبۇ داۋۇ، جۈمە 1127).
بۇ توغرىدا يەنە مۇنداق بىر ھەدىسمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمەدىن كېيىن ناماز ئوقۇماقچى بولساڭلار، تۆت رەكئەت ئوقۇڭلار»- (مۇسلىم، جۈمە 68؛ ئەبۇ داۋۇد، جۈمە 1131؛ تىرمىزى، جۈمە 523).
لېكىن بۇھەدىسلەرنىڭ بىرىنچىسى يەنى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەسچىتتىن چىقىپ ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى» دېگەن شەكىلدىكىسى، ھەدىس ئىلمى ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئەڭ سەھىھ (توغرا) دۇر. ھەمدە بۇ ھەدىس، يۇقارقى ئايەتكە يەنى قۇرئان كەرىمنىڭ 62- سۈرىسى بولغان جۈمە سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىنىڭ مەزمۇنىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن مۇنداق ھۆكۈملەر چىقىدۇ:
1-جۈمەدىن قايتىپ ئۆيدە، ياكى ئىش خانىدا ۋە ياكى ھەر قانداق بىر يەردە ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇش ياخشى ئىشتۇر.
2- جۈمەنىڭ پەرزىدىن كېيىن ھېچ سۈننەت ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەدىن كېيىن ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ نامازنىڭ سۈننەت دېگەن ئىسمى، بۇنى ئوقۇسىڭىز ساۋاب بولىدۇ، ئوقۇمىسىڭىز گۇناھ بولمايدۇ، دېگەن بولىدۇ.
لېكىن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلاردا جاھىللىق شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى: ھارام بىلەن كارىمىز يوق مەكرۇھقا ئېسىلىۋالىدىغان، پەرز بىلەن كارىمىز يوق سۈننەتكە ئېسىلىۋالىدىغان، ناماز ئوقۇمىغانلار بىلەن كارىمىز يوق يالاڭۋاشتاق مەسچىتكە كىرگەنلەرنى قوغلىۋېتىغان، بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇش ئېغىر كېلىدىغان لېكىن ھەرەمگە بېرىپ «ھاجىم» بولۇپ كەلگۈمىز كەپ كېتىدىغان ئىشلار بار. ئاللاھ ھەممىمىزگە ئەقىل ۋە ئىلىم ئاتا قىلسۇن.
3- جۈمەكۈنى جۈمە نامىزىنى ئوقۇغانلارنىڭ پېشىن نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك ئەمەس، ھەتتا ئوقۇسا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئىبادەت دېگەن ئىبادەت دەپ ئۆزى چاغلاپ ئىش قىلىش ئەمەس، بۇيرۇققا بويسۇنۇشتۇر.
تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بىر نەرسىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئىبادەت ھېسابلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇ نەرسىنى ئىبادەت دەپ كۆرسەتكەن بولۇشى ۋە ئۇ نەرسىنىڭ پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئادا قىلىنىشى شەرت. پەرز قىلىنمىغان بىر نامازنى پەرز دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئوقۇش گۇناھدۇر. جۈمە كۈنى جۈمەدىن كېيىن پېشىن ئوقۇشقا ئاللاھ بۇيرۇمىغان، پەيغەمبەر ئۇنى ئوقۇمىغان ۋە ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان.
جۈمە كۈنى جۈمەدىن كېيىن پېشىن ئوقۇيدىغانلار، ئاللاھ بۇيرۇمىغان ۋە پەيغەمبەر كۆرسەتمىگەن ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغىنىنى «پېشىن» دېيىشكە جاسارەت قىلالماي «ئېھتىياتى پېشىن» دەيدۇ. ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ نامازنى ئادەتتە پېشىن ئوقۇغانداك ئوقۇمايدۇ.
ئۇلاردىن سوراش كېرەك: جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز ئەۋزەل، شۇنداقمۇ؟ ئىمام مېھرابتا، جامائەتمۇ ھازىر ۋە ھەممەيلەن جامەنىڭ ئىچىدە، بۇ نامازنى نېمىشقا پېشىن نامىزىنىمۇ جۈمەنى ئوقۇغاندەك جامائەت بولۇپ ئوقۇمايسىلەر؟ نېمىشقا كۈندە جامائەت بولۇپ ئوقۇيدىغان پېشىن نامىزىنى جۈمە كۈنى ئايرىم-ئايرىم ئوقۇيسىلەر؟
ئۇلار ئوقۇغان «ئېھتىياتى پېشىن» مەسىلىگە كەلسەك، ئاللاھ نازىل قىلغان دىندا «ئېھتىياتى ناماز» دەپ بىر ناماز يوق. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ دىنىدا «ئېھتىياتى نامازدىگەر»، «ئېھتىياتى نامازشام»، «ئېھتىياتى خۇپتەن»… دەيدىغان نامازلار يوق. ھەر نامازنى، شەرتلىرىنى ۋە رۇكنلىرىنى ئادا قىلغان ھالدا، ئاللاھ قوبۇل قىلىدۇ، دېگەن ئىشەنچ بىلەن بىر قېتىم ئوقۇش كېرەك. ئۇنداق تەرەددۇت بىلەن «ئاۋۇ بولماي قالسا، ماۋۇ بولار» دەپ ئىبادەت قىلماسلىق لازىم.
«جۈمە نامىزى مەقبۇل بولماي قالسا، بۇ ناماز مەقبۇل بولار» دەپ «ئېھتىياتى پېشىن» ئوقۇش دىنىدا ئۆزى چاغلاپ ئىبادەت شەكلى پەيدا قىلغانلىق بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھقا بويسۇنمىغانلىق ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشمىگەنلىك بولىدۇ.
قېرىندىشىم! جۈمەدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ناماز توغرۇلۇق قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ھۆكۈملەر ئەنە شۇلاردۇر. بىلگەنلەر بۇلارنى بىلمىگەنلەرگە قولىدىن كېلىشىچە چۈشەندۈرۈپ قويسا بولىدۇ. ئۇلار ئەمەل قىلامدۇ، قىلمامدۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. قىيامەت كۈنى ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ» – (مائىدە سۈرىسى، 105 – ئايەت).