5. ۋىتىر نامىزى
«ۋىتىر»نىڭ مەنىسى تاق دېگەن بولۇپ، ۋىتىر نامىزى تەھەججۇد نامىزىنىڭ ئاخىرىدىكى بىر رەكئەت نامازنى كۆرسىتىدۇ. تەھەججۇد نامىزى ئۆتەش رەسۇلۇللاھقا پەرز، ئۇممەتكە نەپلە (سۈننەت) بولغان بىر كېچە نامىزىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمِنَ ٱلَّيۡلِ فَتَهَجَّدۡ بِهِۦ نَافِلَةٗ لَّكَ عَسَىٰٓ أَن يَبۡعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامٗا مَّحۡمُودٗا ٧٩﴾
«كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئويغۇنۇپ قۇرئان بىلەن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغىن، بۇ ناماز ساڭا ئارتۇقچە ۋەزىپىدۇر. شۇنداق قىلساڭ رەببىڭ سېنى مەدھىيەلىنىدىغان ماقامغا ئېرىشتۈرىشى مۇمكىن»[1].
بۇ ئايەتتىكى ﴿نَافِلَةً لَّكَ – ساڭا ئارتۇقچە ۋەزىپىدۇر﴾ دېگەن ئىپادە يۇقىرىدىكى مەزمۇنغا دالالەت قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىس:
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېچىنىڭ نامىزى (تەھەججۇد نامىزى) ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. تاڭ سۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلساڭ، بىر رەكئەت ئوقۇپ ئوقۇغان نامىزىڭنى تاق قىلىۋالغىن»[2].
1) ۋاقتى
ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەندىن كېيىن تاڭ سۈزۈلگىچىلىك بولغان ئارىلىقتۇر. لېكىن ئۇنى خۇپتەندىن كېيىن بىر مۇددەت ئۇخلاپ، كېچىسى ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تەھەججۇد نامىزى ئۆتىگەندىن كېيىن ئۆتەش ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿تَتَجَافَىٰ جُنُوبُهُمۡ عَنِ ٱلۡمَضَاجِعِ يَدۡعُونَ رَبَّهُمۡ خَوۡفٗا وَطَمَعٗا وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ ١٦﴾
«ئۇلارنىڭ يانلىرى تۆشەكلىرىدىن يىراقلىشىدۇ، قورقۇنچ ۋە ئۈمىد ئىچىدە رەببىگە دۇئا قىلىدۇ ۋە بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ»[3].
﴿… وَٱلۡمُسۡتَغۡفِرِينَ بِٱلۡأَسۡحَارِ ١٧﴾
«ئۇلار تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلاردا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگۈچى كىشىلەردۇر»[4].
﴿وَبِٱلۡأَسۡحَارِ هُمۡ يَسۡتَغۡفِرُونَ ١٨﴾
«ئۇلار تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلاردا مەغپىرەت تىلەيتتى»[5].
يانلارنىڭ «تۆشەكتىن يىراقلىشىشى» ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېتىش لازىم. «تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلاردا مەغپىرەت تىلەش» دېگەن ئىپادە ۋىتىردا ئوقۇلىدىغان قۇنۇت دۇئاسىغا ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ دۇئانىڭ تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلاردا، ۋىتىر نامىزىنىڭ تەھەججۇد نامىزىنىڭ ئاخىرىدىكى تاق رەكئەت ئىكەنلىكى بۇنى كۆرسىتىدۇ[6].
2) دۇئايى قۇنۇت
بۇ ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ قايسىسىنى ئوقۇسا بولىدۇ، ھەر ئىككىسىنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
«اللَّهُمَّ إِنَّا نَسْتَعِينُكَ وَنَسْتَغْفِرُكَ وَنُؤْمِنُ بِكَ وَنُثْنِي عَلَيْكَ الْخَيْرَ وَلَا نَكْفُرُكَ وَنَخْلَعُ وَنَتْرُكُ مَنْ يَفْجُرُكَ. اللَّهُمَّ إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَلَكَ نُصَلِّي وَنَسْجُدُ وَإِلَيْكَ نَسْعَى وَنَحْفِدُ وَنَرْجُو رَحْمَتَكَ وَنَخْشَى عَذَابَكَ إِنَّ عَذَابَكَ بِالْكُفَّارِ مُلْحِقٌ»
«ئى ئاللاھ! بىز سەندىن ياردەم تىلەيمىز، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمىز، ساڭا ئىمان كەلتۈرىمىز، سېنى پۈتكۈل ياخشىلىقلار بىلەن ماختايمىز، ساڭا تۇزكورلۇق قىلمايمىز، ساڭا ئاسىيلىق قىلغانلار بىلەن ئادا – جۇدا بولىمىز ۋە ئۇلارنى تاشلىۋىتىمىز. ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەن ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيمىز، ساڭىلا سەجدە قىلىمىز، سەن تەرەپكىلا يۈگۈرىمىز ۋە ئالدىرايمىز، رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمىز، ئازابىڭدىن قورقىمىز، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ ئازابىڭ كاپىرلارغا تېگىشلىكتۇر»[7].
«اللَّهُمَّ اهْدِنِي فِيمَنْ هَدَيْتَ وَعَافِنِي فِيمَنْ عَافَيْتَ وَتَوَلَّنِي فِيمَنْ تَوَلَّيْتَ وَبَارِكْ لِي فِيمَا أَعْطَيْتَ وَقِنِي شَرَّ مَا قَضَيْتَ إِنَّكَ تَقْضِي وَلَا يُقْضَى عَلَيْكَ وَإِنَّهُ لَا يَذِلُّ مَنْ وَالَيْتَ وَلَا يَعِزُّ مَنْ عَادَيْتَ تَبَارَكْتَ رَبَّنَا وَتَعَالَيْتَ»
«ئى ئاللاھ! سەن ھىدايەت بەرگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدا ماڭىمۇ ھىدايەت بەرگىن، سەن سالامەتلىك بەرگەن كىشىلەرنىڭ قاتارىدا ماڭىمۇ سالامەتلىك بەرگىن، سەن دوست تۇتقان كىشىلەرنىڭ قاتارىدا مېنىمۇ دوست تۇتقىن، سەن ماڭا بەرگەن نەرسىلەرنى مەن ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلىپ بەرگىن، مېنى ھۆكۈملىرىڭنىڭ يامىنىدىن ساقلىغىن، سەن ھۆكۈم قىلىسەن، ساڭا ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، سەن دوست تۇتقان كىشى خار بولمايدۇ، سەن دۈشمەن تۇتقان كىشى ئەزىز بولمايدۇ، ئى رەببىمىز! سەن ئۇلۇغسەن ۋە ئۈستۈنسەن»[8]
[1] 17 – سۈرە ئىسرا، 79 – ئايەت.
[2] بۇخارى، «ۋىتىر»، 1؛ مۇسلىم، «سالاتۇلمۇسافىرىن»، 145.
[3] 32 – سۈرە سەجدە، 16 – ئايەت.
[4] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 17 – ئايەت.
[5] 51 – سۈرە زارىيات، 18 – ئايەت.
[6] ئەبۇ نەسر ئىسمائىل ئىبن ھەمماد جەۋھەرى، «سحر»، سىھاھ تاجۇل لۇغە ۋە سىھاھۇل ئەرەبىييە، تەھقىقلىغۇچى، ئەھمەد ئابدۇلغەفۇر ئەتتار (بېيرۇت: دارۇل ئىلمى لىلمەلايىين، 1407/1987)، 2: 678 – 679؛ ئىبن مەنزۇر، «سحر»، 4: 348؛ ئىبن فارىس، «سحر»، 3: 138.
[7] بۇ دۇئانىڭ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بامدات نامىزىدا ئوقۇغان دۇئاسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى رىۋايات قىلىنىدۇ. قاراڭ؛ ئەبۇ بەكرى ئابدۇراززاق ئىبن ھۇمام ئىبن نافىئ سەنئانىي، مۇسەننەف، 3 – باسما، تەھقىقلىغۇچى: ھەبىبۇررەھمان ئەئزەمى (بېيرۇت: مەكتەبۇل ئىسلامى، ھ 1403 / م ؟)، 3: 110؛ ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئەبى شەيبە ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ئوسمان، ئەلكىتابۇل مۇسەننەف فىل ئەھادىيس ۋەلئەسار، تەھقىقلىغۇچى: كامال يۇسۇف ھۇۋت (رىياد: مەكتەبەتۇر رۇشد، ھ 1409/ م 1989)، 2: 106. شۇنىڭدەك، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ باشقىلارغا ئۆگەتكەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ئەبى شەيبە، مۇسەننەف، 2: 95.
[8] بۇ دۇئانى رەسۇلۇللاھ ئەيھىسسالامنىڭ ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇغا ۋىتىر نامىزىنىڭ دۇئاسىدا ئوقۇشى ئۈچۈن ئۆگىتىپ قويغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ (ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 338؛ تىرمىزى، «ئەبۋابۇلۋىتىر»، 341؛ نەسەئى، «قىيامۇللەيل ۋە تەتەۋۋۇئۇننەھار»، 51؛ ئىبنى ماجە، «ئىقامەتۇسسالات ۋەسسۇننەتۇ فىيھا»، 117).