قۇرئان يولى
ھەيزدار ئايال بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش 1

ھەيزدار ئايال بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش

ئەسسالامۇئەلەيكۇم:

ھەيز كۆرىۋاتقان ئايال بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا بولامدۇ؟ئەتراپىمىزدا بەزى كىشىلەر شۇنداق قىلىپ سالىدىكەن. دىنىمىزدا بۇ ئىش دۇرۇستمۇ؟ قىلغانلار قانداق قىلىدۇ؟ ئايالنىڭ ئارقىدىن مۇناسىۋەت قىلىش دۇرۇسمۇ؟

ئاياللار ھەيز كۆرىۋاتقان مەزگىلدە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ۋە ئايالغا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئارقا تەرىپىدىن كېلىش قەتئىي ھارامدۇر. بۇنى ئاللاھ تۆۋەندىكى ئايەتتە ئۇچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

وَيَسۡأَلُونَكَ عَنِ ٱلۡمَحِيضِۖ قُلۡ هُوَ أَذٗى فَٱعۡتَزِلُواْ ٱلنِّسَآءَ فِي ٱلۡمَحِيضِ وَلَا تَقۡرَبُوهُنَّ حَتَّىٰ يَطۡهُرۡنَۖ فَإِذَا تَطَهَّرۡنَ فَأۡتُوهُنَّ مِنۡ حَيۡثُ أَمَرَكُمُ ٱللَّهُۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلتَّوَّٰبِينَ وَيُحِبُّ ٱلۡمُتَطَهِّرِينَ 

«ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ساقلىنىڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار. ئوبدان پاكلانغان چاغلىرىدا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن كېلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاك بولغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ»-(2-سۈرە بەقەرە، 222- ئايەت).

ھەيز – جىنسىي ھۈجەيرىسى پىشىپ – يېتىلگەن قىزلارنىڭ بالىياتقۇسىدىن قان كېلىش ھادىسىسى بولۇپ، بۇنىڭ دەسلەپتە كېلىشى بىلەن قىزلار بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ. بۇ ھادىسە باشلانغاندىن تارتىپ ھەر ئايدا بىر قېتىم دەۋرىي يوسۇندا مەيدانغا كېلىدۇ ۋە ئۇلار تۇغۇشتىن قالغۇچىلىك داۋاملىشىدۇ. بۇ ھادىسىنىڭ ۋاقتى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن ئون كۈنگىچە بولىدۇ. ھەر ئايالنىڭ ھەيز كۆرىدىغان ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئايالنىڭ ھەيز كۆرۈش ۋاقتى ئۈچ كۈن بىلەن ئون كۈن ئارىسىدا بىرقانچە كۈنگە مۇئەييەنلىشىدۇ ۋە بۇ كۈنلەر ئۇ ئايالنىڭ ئادەت كۈنلىرى ياكى ھەيز مەزگىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھادىسە ھەر ئايدا بىر قېتىم بولغانلىقى ئۈچۈن «ئاي كۆرمەك»، مۇئەييەن كۈنلەردە بولۇشى ئادەت بولغانلىقى ئۈچۈن «ئادەت كۆرمەك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن كېلىدىغان نىفاسمۇ ھەر جەھەتتىن ھەيزنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

رىۋايەت قىلىنىشىچە جاھىلىيەت ئەھلى، ھەيز مەزگىلىدە ئاياللىرى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرمايتتى (ئۇلارغا ئايرىم ھۇجرا تەييارلاپ بېرەتتى)، بىر يەردە ئولتۇرمايتتى ۋە ھەمداستىخان بولمايتتى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى بىلگەن مۇسۇلمانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن «ئاياللىرىمىز ئادەت كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ چەك – چېگىرىسى قانداق بولىدۇ؟ بىر ئۆيدە ئولتۇرۇش، ھەمداستىخان بولۇش ۋەھاكازالارچۇ؟» دەپ سورىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت نازىل بولغان[1]. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ھەيز ھەم ئايال ئۈچۈن ھەم ئەر ئۈچۈن ئەزىيەتتۇر (زىيانلىقتۇر). شۇڭلاشقا ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ساقلىنىڭلار، ھەيز توختاپ ئۇلار غۇسۇل تاھارەت ئېلىپ پاكلانمىغىچە ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار. ئۇلار ھەيزدىن پاك بولسا ۋە غۇسۇل تاھارەت ئېلىپ پاكلانسا، ئۇلارغا ئاللاھ رۇخسەت قىلغان جايدىن يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە پاكلانغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ».

بۇ ئايەتتىن مۇنۇ ھۆكۈملەر چىقىدۇ:

1) ھەيز ۋە نىفاس مەزگىلىدىكى ئايال قان توختاپ غۇسۇل تاھارىتى ئالمىغۇچىلىك ناپاك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەيز ۋە نىفاس مەزگىلىدىكى ئايال بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەمما بۇ مەزگىلىدىكى ئايال بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتىن باشقا ئىنسانىي ۋە ئائىلىۋىي مۇناسىۋەتلەر ئادەتتىكى بويىچە داۋاملىشىدۇ: بىر ئۆيدە تۇرۇش، بىر جايدا ئولتۇرۇش، بىر تۆشەكتە يېتىپ – قوپۇش، بىر داستىخاندا يەپ – ئىچىش ۋەھاكازالار….

2) شۇنداق قىلىپ قالغانلار تەۋبە قىلىشى كېرەك. چۈنكى گۇناھلاردىن پاكلىنىش تەۋبە بىلەن، نىجاسەت ۋە ناپاكلىقتىن پاكلىنىش سۇ بىلەن بولىدۇ.

3) ئايالنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىش ھارامدۇر. ئايەتتىكى «ئاللاھ رۇخسەت قىلغان جايدىن يېقىنلىشىڭلار» ئىپادىسى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.  

[1] تەبەرى، جامىئۇل بەيان فى تەئۋىلىل قۇئان، 4: 372؛ فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 6: 414؛ ئىبنى كەسىر، تەفسىرۇل قۇرئانىل ئەزىم، 1: 438.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر