ھەدىسلەردە چەكلەنگەن ھايۋانلار
1- يىرتقۇچ ھايۋانلار
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ۋە ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇشەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملەردىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ خەيبەردە ئۆتكۈر چىشلىق پۈتكۈل ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى ۋە تىرنىقى بىلەن تۇتۇپ يەيدىغان يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشتىن «چەكلىگەنلىكى»[1] ياكى «ھارام قىلغانلىقى»[2] رىۋايەت قىلىنىدۇ.
جۇمھۇر ئالىملار (تۆت مەزھەپ ئالىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئۆلىمالار) يۇقىرىدىكى ھەدىسكە ئاساسلىنىپ شىر، يولۋاس، يىلپىز، ئېيىق، بۆرە ۋە ئىت… قاتارلىق يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ، بۈركۈت، قارچىغا، قۇرغۇي ۋە لاچىن… قاتارلىق يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ «ھارام»لىقىنى ئېيتىدۇ[3].
مالىكىيلارنىڭ كۆپچىلىكى ۋە بەزى ئالىملار ھەدىسلەردىكى چەكلىمىنى ھاراملىقنى ئەمەس، مەكرۇھلۇقنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. 6 – سۈرە ئەنئامنىڭ 145 – ئايىتىنى ئۆزىگە دەلىل قىلغان ئائىشە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدەك پېشقەدەم ساھابىلەرنىڭ بۇ ھايۋانلارنى «مۇباھ» كۆرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[4].
2 – ئېشەك
بىرقانچە ھەدىستە خەيبەردە ئېشەك[5] گۆشلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ياكى ھارام قىلىنغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. رىۋايەتلەرنىڭ بەزىسى تۆۋەندىكىچە:
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام خەيبەر كۈنى ئېشەك گۆشلىرىنى يېيىشتىن چەكلىدى»[6].
ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇشەنىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام خەيبەر كۈنى ئېشەك گۆشلىرىنى ھارام قىلدى»[7].
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەلەمە ئىبنى ئەكۋەئـ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە خەيبەرگە چىقتۇق، ئاللاھ خەيبەرنى مۇسۇلمانلارغا پەتىھ قىلىپ بەردى، پەتىھ كۈنى ئاخشىمى ساھابىلەر بىرقانچە يەرگە ئوت قالىدى، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ: «بۇ نېمە ئوتلار؟ ئۇلارنى نېمىشقا قالايسىلەر؟» دەپ سورىدى. ساھابىلەر: «گۆش پىشۇرۇش ئۈچۈن» دېدى، رەسۇلۇللاھ: «نېمە گۆشى؟» دەپ سورىدى، ئۇلار: «ئېشەك گۆشى» دەپ جاۋاب بەردى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارنى تۆكۈۋېتىڭلار ۋە چېقىۋېتىڭلار» دېدى، بىر ئادەم: «يارەسۇلەللاھ! ئۇلارنى تۆكۈۋېتىپ قازانلارنى يۇيۇۋەتسەك بولامدۇ؟» دېدى، رەسۇلۇللاھ: «يا شۇنداق قىلىڭلار، يەنى قازانلارنى چېقىۋەتمەي يۇيۇۋېتىڭلار» دېدى[8].
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفا مۇنداق دەيدۇ: خەيبەر كۈنى رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە ئاچ قالدۇق، دۈشمەننىڭ شەھەردىن چىققان ئېشەكلىرىنى تۇتۇۋېلىپ بوغۇزلىدۇق، قازانلىرىمىز قايناۋاتاتتى، تۇيۇقسىز رەسۇلۇللاھنىڭ جاكارچىسى: «قازانلارنى كۆمتۈرۈڭلار، ئېشەك گۆشلىرىدىن ھېچ نەرسە يېمەڭلار!» دەپ جاكارلىدى. سەلەمە: «مەن نېمىشقا مۇشۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورىدىم، ئابدۇللاھ مۇنداق جاۋاب بەردى: بىزمۇ ئارىمىزدا بۇ ھەقتە سۆزلەشتۇق: بەزىمىز «رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى قەتئىي ھارام قىلدى» دېدۇق، بەزىمىز «رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى بەشتە بىرى ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ھارام قىلدى» دېدۇق[9].
دېمەك، ساھابىلەرنىڭ بەزىسى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېشەك گۆشىنى چەكلىگەنلىكىنى «قەتئىي ھارام قىلغانلىقى» دەپ چۈشەنگەن، بەزىلىرى مەزكۇر ئېشەكلەر غەنىيمەت بولغانلىقى ئۈچۈن تەقسىم قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلىق ھارام قىلغانلىقى دەپ چۈشەنگەن.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئېشەكلەرنى نىجاسەت يېگەنلىكى ئۈچۈن چەكلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان رىۋايەتلەرمۇ بار[10].
ئېشەك توغرۇلۇق يۇقىرىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ ئەكسىچە مۇنداق رىۋايەتلەرمۇ بار:
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، غالىب ئىبنى ئەبجەر مۇنداق دەيدۇ: «بىزگە قەھەتچىلىك يەتكەن ئىدى، ئىلكىمدە بولغان ماللىرىمنىڭ ئىچىدە ئېشەكتىن باشقا ئائىلەمگە يېگۈزگۈدەك بىر نەرسەم يوق ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئېشەك گۆشىنى چەكلىگەن ئىدى، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «يارەسۇلەللاھ! بىزگە قەھەتچىلىك يەتتى، ماللىرىمنىڭ ئىچىدە سېمىز ئېشەكلەردىن باشقا ئائىلەمگە يېگۈزگۈدەك بىر نەرسەم قالمىدى، سەن ئېشەك گۆشىنى چەكلىگەن ئىدىڭ، قانداق قىلاي؟» دېدىم، ئۇ: «ئائىلەڭگە سېمىز ئېشەكلىرىڭنىڭ گۆشلىرىدىن يېگۈزگىن، مەن ئۇلارنى پەقەت نىجاسەت يەيدىغان ھايۋانلار بولغانلىقى ئۈچۈنلا چەكلىگەن ئىدىم» دېدى[11].
بەنى مۇررە قەبىلىسىدىن بىر ئادەم – بىر رىۋايەتتە ئۇممۇ نەسر ئەلمۇھارىبىييە – رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ: «مېنىڭ مېلىمنىڭ تولىسىنى ئېشەكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلارنى يېسەك بولامدۇ؟» دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇلارنى يايلاقتا ئوتلىتىسەن، ئۇلار ئوت – چۆپ يەيدۇ، شۇنداقمۇ؟» دېدى، ئۇ كىشى: «شۇنداق» دېدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداقتا ئۇلارنى يېسەڭ بولىدۇ» دېدى[12].
ئېشەكنى ھارام دەپ قوبۇل قىلىدىغانلار بۇ ئىككى رىۋايەتنى سەنەد جەھەتتىن «زەئىپ»، «سەھىھ» دەپ قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ بۇلارنىڭ زۆرۈرەت ئەھۋالىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا نورمال ئەھۋاللار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەمر ئىبنى دىنار مۇنداق دەيدۇ: مەن جابىر ئىبنى زەيدكە: «بەزى ئىنسانلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئېشەكلەرنى يېيىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ» دېدىم، جابىر: «بۇنى بەسرەدە بىزنىڭ يېنىمىزدا ھەكەم ئىبنى ئەمر غىفارى دېگەن ئىدى، لېكىن بۇ كۆزقاراشنى ئىلىمدە بىر دېڭىز بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس قوبۇل قىلمىدى ۋە: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ماڭا ۋەھىي قىلىنغان ھۆكۈملەرنىڭ ئىچىدە، يەيدىغان كىشىگە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، ئېقىتىلغان قان، توڭگۇز گۆشى – چۈنكى ئۇ پاسكىنىدۇر – ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان فىسق قاتارلىقلاردىن باشقا ھارام قىلىنغان ھېچ نەرسە تاپالمايمەن…»[13] دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇدى[14].
يۇقىرىدا ئۆتكەن ۋە چەكلىمە ئىپادىلەيدىغان رىۋايەتلەرنى ئاساس قىلىدىغان ئۆلىمالارنىڭ كۆپچىلىكى ئېشەك گۆشىنى «ھارام» دەپ قوبۇل قىلىدۇ. ئىمام مالىك بولسا «مەكرۇھ» دەپ قوبۇل قىلىدۇ.
ساھابىلەردىن ئائىشە ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس[15]، تابىئىنلاردىن ئەبۇ ۋائىل شەقىق ئىبنى سەلەمە، ئىكرىمە، سەئىد ئىبنى جۇبەير ۋە شەئبى، ھەنەفىيە فەقىھلىرىدىن بىشر ئىبنى غىياس مەرىسىدەك ئۆلىمالارنىڭ[16]، 6 – سۈرە ئەنئامنىڭ 145 – ئايىتىنى دەلىل قىلىپ ئېشەكنى «مۇباھ» كۆرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
ئىمام ماتۇرىيدىي 6 – سۈرە ئەنئامنىڭ 145 – ئايىتىدە زىكىر قىلىنمىغان يېمەكلىكلەرگە كەسكىن «ھارام» دېيىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى مۇنۇ سۆزى بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«ھايۋانلار توغرىسىدا ‹ھارام› دېگەن سۆز پەقەت بۇ ئايەتتە زىكىر قىلىنغان مەيتە (ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشى)، ئېقىتىلغان قان ۋە چوشقا گۆشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ تېشىدا قالغان ھايۋانلار ئۈچۈن ‹چەكلەنگەن›، ‹مەكرۇھ› دېيىلىدۇ. لېكىن ھېچبىر شەكىلدە كەسكىن قىلىپ ‹ھارامدۇر› دېيىلمەيدۇ»[17].
ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ پېشقەدەم ئىماملىرىدىن بىرى بولغان كاسانى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«بىز ئېشەك گۆشىنى ‹ھارام› دەپ ئاتىمايمىز، چۈنكى قەتئىي ھارام، ھاراملىقى قەتئىي دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان نەرسىدۇر. ھاراملىقى ئىجتىھات ماۋزۇسى بولغان نەرسىلەر قەتئىي بىر شەكىلدە ھارام دېيىلمەيدۇ، بىز ئۇلارنى ‹مەكرۇھ› دەپ ئاتايمىز، ھالال ۋە ھارام ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش مەسىلىسىدە قەتئىي بىر ھۆكۈم بەرمەسلىك بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى يېيىشتىن ساقلىنىشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىمىز»[18].
ئەسكەرتىش:
ئېشەك گۆشىنى يېيىشنى چەكلەيدىغان رىۋايەتلەر ۋە ئۇلار توغرىسىدىكى پىكىر – مۇلاھىزىلەر ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ پەرقلىق بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى:
- مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ھارام قىلىنغان ھايۋانلار «پەقەت شۇلارلا ھارام، بۇلاردىن باشقا ھارام قىلىنغان ھېچ نەرسە تاپالمايمەن» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇھەقتە ئەڭ ئاخىردا نازىل بولغان ئايەتتە[19]، ئىلگىرى نازىل بولغان ئۈچ ئايەتتە[20] ھارام قىلىنغانلىقى زىكىر قىلىنغان ھايۋانلار تەكرارلانغان.
- ئېشەك گۆشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان رىۋايەتلەر ئۆزئارا زىتلىق تەشكىل قىلىش بىلەن بىرگە، مەزكۇر ئايەتلەردە زىكىر قىلىنمىغان يېڭى ھۆكۈم ئىپادىلىگەن.
[1] بۇخارى، «زابائىھ»، 28 – 29؛ مۇسلىم، «سەيد»، 12؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەتئىمە»، 25؛ تىرمىزى، «ئەتئىمە»، 3؛ ئىبنى ماجە، «سەيد»، 13؛ نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 79.
[2] مۇسلىم، «سەيد»، 15؛ ئىبنى ماجە، «سەيد»، 13.
[3] ئەبۇ ئابدىللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس شافىئىي، ئۇم (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1413 / م 1993)، 2: 390؛ قادى مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللاھ ئەبۇ بەكرى ئىبن ئەرەبى، ئەھكامۇل قۇرئان، تەھقىقلىغۇچى: مۇھەممەد ئابدۇلقادىر ئەتا، 3 – باسما (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، 1424/2003)، 2: 291 – 292؛ كاسانى، بەدائىئۇسەنائىئ، 6: 196 – 197؛ ئەبۇلۋەلىد مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى رۇشد ھەفىد، بىدايەتۇلمۇجتەھىد (ئىستانبۇل: دارۇ قەھرىمان، 1985)، 1: 380؛ ئىبنى قۇدامە، ئەلمۇغنى، 11: 67، 69.
[4] ئىبنى رۇشد، بىدايەتۇل مۇجتەھىد، 1: 380؛ مۇھيىددىن ئەبۇ زەكەرىيا يەھيا ئىبن شەرەف نەۋەۋى، سەھىھى مۇسلىم بىشەرھىننەۋەۋى ( بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1411 / م 1990)، 13: 83.
[5] ئېشەك مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردە «ئەھلىي ئېشەك» دېگەن شەكىلدە ئۆتىدۇ. «ئەھلىي» ئۆيگە ۋە ئادەمگە كۆندۈرۈلگەن دېگەن بولۇپ، بۇ مەنىنى ئۇيغۇرچىدىكى «ئېشەك» كەلىمىسى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرچىدا ئۆيدە بېقىلغان ئېشەك «ئېشەك»، ئۆيدە بېقىلمىغان ئېشەك «ياۋا ئېشەك» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ يەردە رىۋايەتلەردىكى «ئەھلىي ئېشەك»نى «ئېشەك» دەپ ئىپادىلىدۇق.
[6] بۇخارى، «زەبائىھ»، 28؛ مۇسلىم، «سەيد» 25.
[7] بۇخارى، «زەبائىھ»، 28؛ مۇسلىم، «سەيد»، 23.
[8] بۇخارى، «مەغازى»، 38؛ مۇسلىم، «سەيد»، 33.
[9] مۇسلىم، «سەيد»، 26.
[10] ئىبنى ماجە، «زەبائىھ»، 13؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەتئىمە»، 33.
[11] ئەبۇ داۋۇد، «ئەتئىمە»، 33.
[12] ئىبنى ئەبىي شەيبە، مۇسەننەف، 5: 122.
[13] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 145 – ئايەت.
[14] بۇخارى، «زەبائىھ»، 28.
[15] ئەبۇ بەكر ئەھمەد ئىبنى ئەلى رازى جەسساس، ئەھكامۇل قۇرئان، تەھقىقلىغۇچى: مۇھەممەد سادىق قەمھاۋى ( بېيرۇت: دارۇ ئىھيائىت تۇراسىل ئەرەبى، 1405)، 4: 185؛ سەرەخسى، مەبسۇت، 11: 232؛ ئىبنى رۇشد، بىدايەتۇلمۇجتەھىد، 1: 381؛ ئىبنى قۇدامە، مۇغنى، 11: 66، 17: 250.
[16] سەرەخسى، مەبسۇت، 11: 232؛ كاسانى، بەدائىئۇسسەنائىئ، 6: 189؛ ئەھمەت سائىم كىلاۋۇز، «بىشر ئىبنى غىياس»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1992)، 6: 221 ؛ مەھمەت شەنەر، «ھايۋان»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1998)، 17: 95.
[17] ئەبۇ مەنسۇر مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ماتۇرىيدىي، تەئۋىلاتۇل قۇرئان، تەھقىقلىغۇچى: ئەھمەد ۋانلى ئوغلى (ئىستانبۇل: دارۇلمىزان، 2005)، 5: 241.
[18] كاسانى، بەدائىئۇسسەنائىئ، 6: 191.
[19] 5 – سۈرە مائىدەنىڭ 3 – ئايىتىدە.
[20] بۇلار مەككىدە نازىل بولغان 6 – سۈرە ئەنئام 145 – ئايەت ۋە 16 – سۈرە نەھل 115 – ئايەت، مەدىنىدە نازىل بولغان 2 – سۈرە بەقەرە 177 – ئايەت قاتارلىق ئۈچ ئايەتتۇر.