ھەجنىڭ ھۆكمى
مەككىگە بېرىشقا كۈچى يەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆمرىدە بىر قېتىم ئۇ يەرگە بېرىپ ھەج قىلىشى پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿إِنَّ أَوَّلَ بَيۡتٖ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكٗا وَهُدٗى لِّلۡعَٰلَمِينَ ٩٦ فِيهِ ءَايَٰتُۢ بَيِّنَٰتٞ مَّقَامُ إِبۡرَٰهِيمَۖ وَمَن دَخَلَهُۥ كَانَ ءَامِنٗاۗ وَلِلَّهِ عَلَى ٱلنَّاسِ حِجُّ ٱلۡبَيۡتِ مَنِ ٱسۡتَطَاعَ إِلَيۡهِ سَبِيلٗاۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ ٱلۡعَٰلَمِينَ ٩٧﴾
«ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ بەرىكەتلىكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. بەيتۇللاھقا بېرىشقا يول تاپالىغان كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. كىم كافىر بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئالەملەردىن بىھاجەتتۇر»[1].
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەقرەئ ئىبنى ھابىس رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن ھەج ھەر يىلى پەرزمۇ ياكى ئۆمرىدە بىر قېتىم پەرزمۇ؟ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ئۆمرىدە بىر قېتىم پەرزدۇر. كىم بىردىن ئارتۇق ھەج قىلسا، ئارتۇق قىلغان ھەجى نەپلىدۇر»[2].
مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 – جىلد، 131- بەت.
[1] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 96 – ۋە 97 – ئايەتلەر.
[2] ئەبۇ داۋۇد، «ھەج»، 1؛ نەسەئى، « مەناسىك»، 1؛ ئىبنى ماجە، «مەناسىك»، 2.