3- ھېيت نامىزىنىڭ باشقا يەرلىرىنىڭ شەكلى
ھېيت نامىزىنىڭ قالغان يەرلىرى ئادەتتىكى نامازدىكىگە ئوخشاشتۇر. مەسىلەن:
ئا- ئىمام ۋە جامائەت ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدە ھېيت نامىزى ئوقۇش نىيىتى بولىدۇ. نىيەتنى ئاغزىدا سۆزلەش ياخشى ئەمەس، چۈنكى نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر.
ئە- ئالدى بىلەن ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىدۇ (نامازغاباشلايدۇ)، جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ، ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىدۇ.
ب- ئىمام ۋە جامائەت ئىچىدە سانا (سۇبھانەكەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە ۋەتەبارەكەسمۇكە ۋە تەئالا جەددۇكە ۋە لائىلاھە غەيرۇكە) نى ئوقۇيدۇ.
پ- سانادىن كېيىن ئىمام ئۈچ قېتىم ئۈنلۈك «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ. ئىمامنىڭ ھەر تەكبىر ئېيتىشىدا جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ.
ت- ئاندىن ئىمام ئىچىدە «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىم، بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم» نى ئوقۇغاندىن كېيىن، فاتىھە سۈرىسىنى ۋە باشقا بىرسۈرىنى (بۇ سۈرىنىڭ ئەئلا سۈرىسى بولۇشى ياخشىدۇر[1]) ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ. جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.
ج- ئاندىن ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ. ئاندىن ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ سەجدىگە بارىدۇ. ھېيت نامازلىرىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە ئوقۇلىدىغان زىكىر-تەسبىھلەر باشقا نامازلاردىكىگە ئوخشاشتۇر.
چ- ئاندىن ئىمام «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككى سەجدىدىن باش كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكئەتنى ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدۇ، جامائەتمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» ئورنىدىن تۇرۇشىدۇ.
خ- ئىمام ئورنىدىن تۇرۇپ ئىچىدە «بىسمىللاھ…» نى ئوقۇغاندىن كېيىن فاتىھەۋە بىر سۈرىنى (بۇ سۈرىنىڭ غاشىيە سۈرىسى بولۇشى ياخشىدۇر) ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ،جامائەت جىم تۇرۇپ ئاڭلايدۇ.
د- ئىمام قىرائەتتىن كېيىن يەنى فاتىھەنى ۋە بىر سۈرىنى ئوقۇپ بولغاندىنكېيىن ئۈچ قېتىم ئۈنلۈك «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ،جامائەتمۇ ھەر تەكبىردە ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىدۇ.
ر- ئاندىن ئىمام قايتا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تۆتىنچى تەكبىرنى ئېيتىپ رۇكۇغا بارىدۇ، جامائەت ئىمامغا ئەگىشىپ ئىچىدە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ.
ز- ھېيت نامىزىنىڭ قالغان قىسمى ئادەتتىكى نامازغا ئوخشايدۇ، يەنى ئولتۇرۇش، ئەتتەھىيياتۇ… دۇرۇت ۋە دۇئالار باشقا نامازلاردا قانداق ئوقۇلسا، ھېيت نامىزىدىمۇ شۇنداق ئوقۇلۇپ، ناماز ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.
ژ- ئىمام نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن جۈمە خۇتبىسىگە ئوخشاش ئىككى خۇتبە ئوقۇيدۇ، جامائەت جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلايدۇ. ئىككىنچى خۇتبىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ھېيت نامىزى ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا ھېيت نامىزى ئىككى رەكەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى نامازغا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمامنىڭ بەرگەن تەلىمىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىشىمىز ۋە دىققەت بىلەن ئوقۇشىمىز كېرەك.
[1] – چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھېيت نامازلىرىدا بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇغانلىقى ۋە سۈرە قاف بىلەن سۈرە قەمەرنىمۇ ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ كۆرسىتىدۇكى ھېيت نامازلىرىدا بۇ سۈرىلەرنى ئوقۇش ئەۋزەل، باشقا سۈرىلەرنى ئوقۇش جايىز. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس ئۈچۈن قاراڭ: مۇسلىم، ئىيدەين 14(891)، جۇمۇئە 62 (878)؛ مۇۋەتتا، ئىيدەين 8/ (1/180)، جۇمۇئە 19 (1/111)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات، 242 (1122، 1123)، 252 (1154)؛ تىرمىزى، سالات 385 (533، 534)؛ نەسەئى ، ئىدەين 12 (3/183-184)، 13 (3/184).