ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر
تەييارلىغۇچى: ئەبۇلفاتىھ
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئاللاھ تائالا قىلغان ئىشىنى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ ئېسىل ئەلچىگە رەھمەت ياغدۇرسۇن، شەنىنى ئۇلۇغ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلسۇن. مەن شاھىتلىق قىلىمەنكى بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. يەنە شاھىتلىق قىلىمەنكى مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسىدۇر ۋە ئەلچىسىدۇر.
قېرىنداشلار! مەن ئۆزۈمگە ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. چۈنكى قىيامەت كۈنى ئالىي دەرىجىلەرگە، يۇقىرى مەرتىبىلەرگە پەقەت تەقۋادارلىق بىلەنلا يەتكىلى بولىدۇ.
جەننەتكە قېزىقىڭلار، جەھەننەمدىن قېچىڭلار. ياخشىلىق ئاللاھنىڭ يولىدىدۇر، ئۇنى ئىزدەڭلار. ئاللاھ، ھەر نەرسىگە قادىردۇر ۋە ھەر ئىشقا نازىردۇر، بۇنى بىلىڭلار. رەببىڭلار نازىل قىلغان قۇرئانغا بويسۇنۇڭلار، رەببىڭلار ئەۋەتكەن پەيغەمبەرگە ئەگىشىڭلار. ئۇنى قويۇپ ئەۋلىيالارغا ئەگەشمەڭلار.
مۆھتەرەم مۇئمىنلار! ئاللاھ تائالا ئۆز ئىرادىسى ۋە ئۆز خاھىشى بويىچە ئاسمان – زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتتى. ئاندىن ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنى يارىتىپ، ئۇلارنى ئاۋۋال جەننەتكە، ئاندىن بۇ زېمىنغا يەرلەشتۈردى. ئاندىن ئىنساننى بۇ زېمىندا ئۆزى بېكىتكەن نىزام بويىچە كۆپەيتتى. پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. شۇڭا قانداق نەرسىگە قارىساق، ئاللاھ ياراتقان ھالەتتىن ۋە ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىن باش تارتمىغانلىقىنى كۆرىمىز.
ئىنسانمۇ ئاللاھ ياراتقان مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچبىر زامان ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ تېشىغا چىقالمايدۇ. كىمنىڭ قاچان، قەيەردە، قانداق تۇغۇلىشى؛ قاچان، قەيەردە، قانداق ياشىشى ۋە قاچان، قەيەردە، قانداق ئۆلۈشى ئاللاھنىڭ ھۆكمى بويىچە بولىدۇ.
لېكىن ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئەقىل ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بەزى ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇش ۋە بويسۇنماسلىق ئىختىيارىنى بەرگەن. ئىنسان بۇ ساھەدە كافىر ۋە مۇسۇلمان دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇ ھۆكۈملەرگە بويسۇنغان ئىنسانغا مۇسۇلمان، بويسۇنمىغان ئىنسانغا كافىر دېيىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇ ھۆكۈملىرى، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلاردا بايان قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئۇ ھۆكۈملەرنى يەتكۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ.
دېمەك ئاللاھ تائالا ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتلاردىن پەرقلىق ياراتقانلىقى ئۈچۈن، ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. يەنى ئىنسان تۇغۇلۇپ، ياشاپ، ئۆلۈپ تۈگەپ كەتمەيدۇ. دۇنيادىكى ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاخىرەتتە ئەبەدىي بىر ھاياتى باشلىنىدۇ. دۇنيادىكى ھاياتىنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىكى ھۆكۈملەرگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن بويسۇنۇپ ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتى جەننەتتە بولىدۇ؛ بويسۇنماي ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ئەبەدىي ھاياتى بولسا جەھەننەمدە بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆزى خالىغان بەندىسىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا كىتاب نازىل قىلىدۇ. ئۇ بەندە ئۆزىگە نازىل قىلىنغان كىتابنى يەتكۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. ئۇ بەندىگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئىجرائاتلىرىغا سۈننەت دېيىلىدۇ. پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىشى ياكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن پەرقلىق بىر ھۆكۈم چىقىرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇمۇ ئۇ كىتابتىكى ھۆكۈملەرگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇلىدۇ.
دېمەك پەيغەمبەرمۇ ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇ كىتابلىرىدىكى ھۆكۈملەرگە بويسۇنۇپ ئۆزىنىڭ قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ ۋە ئۈممىتىگە ئۈلگە بولىدۇ. بۇ ئىش نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن بېرى مۇشۇنداق بولۇپ كەلگەن.
ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىككە تاللىغان بەندىلىرىنىڭ ئاخىرقىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر، نازىل قىلغان كىتابلىرىنىڭ ئاخىرقىسى قۇرئان كەرىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن؛ قۇرئان كەرىمنى ھەر زامان، ھەر ماكانغا شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۇيغۇن بىر شەكىلدە نازىل قىلىپ، پەيغەمبىرىمىزدىن باشلاپ تا قىيامەتكىچە دۇنياغا كېلىدىغان بارلىق ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان.
يىغىپ ئېيتقاندا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قۇللىرىنىڭ ئىچىدىن تاللاپ بۇ كىتابنى، ئۇنىڭغا نازىل قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئەينەن يەتكۈزدى ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىدى. ئۇنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدىكى بارلىق سۆز – ھەرىكەتلىرى ئۇ كىتابنىڭ بايانى بولدى. خاتا قىلىپ سالسا، ئاللاھ تائالا دەرھال تۈزىتىپ توغرىسىنى كۆرسىتىپ قويدى. (ئەنفال سۈرىسىنىڭ 67 – 68 – ئايەتلىرىگە ۋە ئەبەسە سۈرىسىنىڭ باشلىرىغا قاراڭ).
شۇنىڭ بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ بايانى بولغان سۈننەت، ئاللاھنىڭ تەسىتىقىدىن ئۆتتى ۋە ئۇنىڭغىمۇ بويسۇنۇش پەرز قىلىندى. «كىم ئۇ ئەلچىگە ئىتائەت قىلسا، چوقۇم ئاللاھغا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ…» – (نىسا 4/80).
«… قۇرئان، ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ باتىل كېلەلمەيدىغان، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، نېمە قىلسا ئەڭ مۇكەممەل قىلىدىغان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان غالىب بىر كىتاب» – (فۇسسىلەت 41/41-42) بولغانلىقى ۋە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى شۇ قۇرئاننىڭ بايانى بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان ۋە سۈننەت بىرلىكتە دىنىمىزنىڭ ئاساسىدۇر.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:
«ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن…» – (ئەھزاب 33/2)،
«رەببىڭدىن ساڭا ۋەھيى قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن- ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق- ۋە مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن» – (ئەنئام 6/106)،
«ئېيتقىنكى، مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجىسى ئەمەس. مەن ئۆزۈمگە ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن، ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن. مەن پەقەتلا ئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى» – (ئەھقاف 46/9) دېگەن.
بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات قىلىنىشتىن 3 ئاي ۋە 3 كۈن ئىلگىرى ئاللاھ تائالا، «… بۈگۈن سىلەر ئۈچۈن دىنىڭلارنى مۇكەممەل قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم ۋە سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا ئىسلامنى تاللىدىم…» – (مائىدە 5/3)، دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغان. دېمەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات چاغدىلا دىن تولۇق تاماملىنىپ بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىن كېيىن دىنغا قوشۇلۇپ قالغان نەرسىلەر ئەسلا دىن ئەمەس. بۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك!
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن بىر نەسىھەت، قەلبلەردىكى كېسەللەرگە بىر شىپا، مۆمىنلەر ئۈچۈن بىر يول كۆرسەتكۈچى ۋە بىر رەھمەت كەلدى» – (يۇنۇس 10/57)،
«ھۆكۈم قىلىش پەقەتلا ئاللاھغا مەنسۇبتۇر، ئاللاھ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا قۇل بولۇشقا بۇيرۇدى. بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ» – (يۇسۇف 12/40)،
«… ئۇلار تاغۇتقا كافىر بولۇشقا بۇيرۇلغان تۇرۇپ، تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. شەيتان ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئازدۇرۇۋېتىشنى خالايدۇ» – (نىسا 4/60)،
«ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلغىن. ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگەشمىگىن. ئۇلارنىڭ سېنى، ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان ھۆكۈملەرنىڭ بىر قىسمىدىن ۋاز كەچۈرىشىدىن ساقلانغىن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىنىڭ يۈزىسىدىن ئاللاھ ئۇلارغا مۇسىبەت يەتكۈزىدۇ. ئەمەلىيەت شۇكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى يولدىن چىققۇچى كىشىلەردۇر» – (مائىدە 5/49).
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! دەرھال قۇرئان – سۈننەتتىكى ئىسلامغا قايتايلى. شۇنداق قىلساق، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت – سائادىتىمىزنى قولىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز. كەسكىن ئىشىنىشىمىز كېرەككى، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى بۇ ئەھۋالغا ئەكەلمىدى. ئەكسىچە مۇسۇلمانلار ئىسلامنى بۇ ئەھۋالغا ئەكەلدى. بۇنى بىلىشىمىز ۋە ئۇنداق «مۇسۇلمانلار» دىن بولماسلىقىمىز لازىم.
ئىبادىتىمىزنى، ئىتائىتىمىزنى ۋە مۇھەببىتىمىزنى بىزنى يوقتىن بار قىلغان، بىزنى نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە بارلىق ئىشلىرىمىز ئىلكىدە بولغان ئاللاھغا خالىس قىلىشىمىز لازىم. قورقۇشىمىز ئاللاھدىنلا، ئۈمىدىمىز ئاللاھقىلا ۋە رىغبىتىمىز ئاللاھ رىزاسىغىلا بولۇشى لازىم.
«بىزنى ئاللاھ ياراتتى. ھايات – ماماتىمىز ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئۇ بىزگە بارلىق ھايات لازىمەتلىرىنى ئاتا قىلغۇچى زاتتۇر» دېگەن گەپلەر ھېچكىمنى مۇسۇلمان قىلمايدۇ. مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قەيتسىز ۋە شەرتسىز بويسۇنۇش كېرەك.
يۇقىرىدا دېگىنىمدەك نېمە دېيىشىمىزنى، نېمە يېيىشىمىزنى، نېمە قىلىشىمىزنى، نېمىدىن ساقلىنىشىمىزنى ئاللاھ ئۆزى بەلگىلەيدۇ؛ ئەلچىسى بۇنى يەتكۈزىدۇ، «بۇ ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا يەتكۈزۈشتۇر…» – (مائىدە 5/99) ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇشتا بىزگە ئۈلگە بولىدۇ، «قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى رەسۇلۇللاھ، سىلەر ئۈچۈن، يەنى ئاللاھنى، ئاخرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەر ئۈچۈن ئۈلگىدۇر» – (ئەھزاب 33/21).
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ، قۇرئاننىڭ بەزى ھۆكۈملىرىنى ئۆزگەرتىپ ئورنىغا باشقا بىر ھۆكۈم قويۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: ‹بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن› دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ‹مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن. مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن. ئەگەر رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن چوقۇم قورقىمەن›» – (يۇنۇس 10/15).
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ھۆكۈمنى پەقەتلا ئاللاھ قويىدۇ. پەيغەمبەر ئىجرا قىلىدۇ. دىن بۇ شەكىلدە مەيدانغا كېلىدۇ. ھېچكىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «پالان ھەدىس، پالان ئايەتنى مەنسۇخ قىلغان؛ پالان خەلىپە پالان ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋاتقان؛ ئاللاھ تائالا ئۇنداق دېگەن بىلەن، بۇ ئىشنىڭ ھۆكمى بىزنىڭ پالان كىتابتا مۇنداق…» دېگەندەك سۆزلەر قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرگەن بىر مۇسۇلماننىڭ ئاغزىدىن چىقماسلىقى لازىم.
ئاللاھ تەئالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!
2004 – يلى 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى جۈمە