قۇرئان يولى
ھايۋاننى سولاپ بېقىش ۋە ئېلىپ - سېتىش 1

ھايۋاننى سولاپ بېقىش ۋە ئېلىپ – سېتىش

ھايۋاننى سولاپ بېقىش ۋە ئېلىپ – سېتىش

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بەزى ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ، ئۇلارنى ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرۈشنىڭ جايىزلىقىنى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ئىنسانلارغا كۆندۈرۈپ بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنى ئەتىگەن – كەچتە ئوتلاققا ئاپارغان ۋە ئوتلاقتىن ئەكەلگەن چاغلاردا ئىگىلىرىگە زوق بېرىدىغانلىقىنى، ئات، قېچىر ۋە ئېشەكلەرنى ئىنسانلار ئۈچۈن ئۇلاغ ھەمدە زىننەت قىلىپ ياراتقانلىقىنى، بەزى ھايۋانلارنىڭ يۈك توشۇيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ[1].

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ بايانى دالالەت قىلىدۇكى: تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى؛ ئات، قېچىر ۋە ئېشەكلەرنى، باشقا زىننەت بولىدىغان ھايۋان ۋە قۇشلارنى؛ ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنى سولاپ بېقىشقا ۋە ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك، كۆندۈرۈپ ئوۋچى قىلىنماقچى بولغان يىرتقۇچ ھايۋان ۋە قۇشلار ھېچكىمنىڭ مۈلكى ھېسابلانمايدىغان بولسا، ئۇلارنى تۇتۇشقا ۋە تۇتۇپ سېتىشقا، شۇنداقلا سولاپ بېقىشقا بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئىككى ھەدىس:

  • ئەبۇ تەيياھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەبۇ ئۇمەير دەپ بىر كىچىك قېرىندىشىم بار ئىدى، ئۇنىڭ نۇغەير ئىسىملىك بىر قۇشى بار ئىدى، بۇ قېرىندىشىم ئۇ قۇش بىلەن ئوينايتتى، رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەندە ئۇ ئۇكامنى كۆرسە: «ئى ئابا ئۇمەير، نېمە قىلدى نۇغەير!» دەيتتى[2].
  • ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئايال بىر مۈشۈكنى يېمەكلىكمۇ بەرمەي ۋە زېمىندىكى ھاشارەتلەرنىمۇ يېگىلى قويماي باغلاپ قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن دوۋزىخىي بولۇپ كەتكەن»[3].

سولاپ باققان ھايۋانلارنى ئاچ قويماسلىق، ئۇسسۇز قويماسلىق كېرەك. ئۇلارنىڭ ساقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇلارغا راھەت ياشىيالايدىغان مۇھىت تەييارلاپ بېرىش لازىم. چۈنكى ئىگىسىگە ئۇلاغ ۋە زىننەت بولىدىغان، يۈك توشۇيدىغان، ئوۋچى قىلىپ يېتۈشتۈرۈلىۋاتقان ۋە يېتۈشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن سېتىش ياكى ئوۋچىلىق قىلىش ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرى توق، سۇغا قانغان ۋە تەنلىرى ساق بولۇشى كېرەك. «نۇغەير» ئىسىملىك قۇشنىڭ ئۆز ئىگىسى بىلەن ئوينىشىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى كېسەل ياكى ئاچ ۋە ياكى سۇسىرىغان قۇش ئوينىيالمايدۇ.

[1] قاراڭ: 5 –  سۈرە مائىدە، 4 – ئايەت؛ 16 –  سۈرە نەھل، 4 ~ 8 –  ئايەتلەر؛ 36 –  سۈرە ياسىن، 72 –  ئايەت.

[2] بۇخارى، «ئەدەب»، 112؛ مۇسلىم، «ئاداب»،  30؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 76؛ ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد، 24 : 300، 25 : 338.

[3] بۇخارى، «بەدئۇلخەلق»، 16؛ مۇسلىم، «تەۋبە»،  25.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر