قۇرئان يولى
ھايۋانلار نېمە ئۈچۈن يارىتىلدى؟ 1

ھايۋانلار نېمە ئۈچۈن يارىتىلدى؟

1.      شىپالىق ئىچىملىك بىلەن تەمىنلەش

 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأَوۡحَىٰ رَبُّكَ إِلَى ٱلنَّحۡلِ أَنِ ٱتَّخِذِي مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتٗا وَمِنَ ٱلشَّجَرِ وَمِمَّا يَعۡرِشُونَ  ٦٨ ثُمَّ كُلِي مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ فَٱسۡلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلٗاۚ يَخۡرُجُ مِنۢ بُطُونِهَا شَرَابٞ مُّخۡتَلِفٌ أَلۡوَٰنُهُۥ فِيهِ شِفَآءٞ لِّلنَّاسِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ  ٦٩﴾

«رەببىڭ ھەسەل ھەرىسگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: ‹تاغلاردا، ئورمانزارلىقلاردا ۋە ئىنسانلار تەييارلىغان ساندۇقلاردا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆيلەر ياسىغىن. ئاندىن كېيىن مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يېگىن، ئاندىن رەببىڭ ساڭا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يوللاردا ماڭغىن›. ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىن رەڭگىلىرى ھەر خىل ئىچىملىك چىقىدۇ. ئۇ ئىچىملىكتە ئىنسانلار ئۈچۈن شىپا بار. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار»[1].

2.     خام ماددا بىلەن تەمىنلەش 

بەزى ھايۋانلار كىيىم – كېچەك، ئۆي سەرەمجانلىرى ۋە چېدىر ئۈچۈن لازىمەتلىك ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّنۢ بُيُوتِكُمۡ سَكَنٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّن جُلُودِ ٱلۡأَنۡعَٰمِ بُيُوتٗا تَسۡتَخِفُّونَهَا يَوۡمَ ظَعۡنِكُمۡ وَيَوۡمَ إِقَامَتِكُمۡ وَمِنۡ أَصۡوَافِهَا وَأَوۡبَارِهَا وَأَشۡعَارِهَآ أَثَٰثٗا وَمَتَٰعًا إِلَىٰ حِينٖ  ٨٠﴾

«ئاللاھ ئۆيلىرىڭلارنى سىلەرگە ئارامگاھ قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تېرىلىرىدىن كۆچكەن كۈنۈڭلاردا ۋە تۇرغان كۈنۈڭلاردا ئېلىپ مېڭىشىڭلارغا ئەپلىك ئۆيلەرنى قىلىپ بەردى. ئاللاھ يەنە سىلەرگە ئۇ ماللارنىڭ يۇڭلىرىدىن، تىۋىتلىرىدىن ۋە چۇپۇرلىرىدىن كىيىم – كېچەكلەر ۋە بىر مۇددەتكىچە چىدايدىغان ئۆي سەرەمجانلىرى قىلىپ بەردى»[2].

3.     خۇش پۇراقلىق ماددا، يىپەك بىلەن تەمىنلەش

كېيىكتىن ئىپار، كىتتىن ئەنبەر، پىلە قۇرتىدىن يىپەك چىقىدۇ. بۇلار قۇرئان كەرىمدە جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن قىلىپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيادىمۇ بارلىقىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۇلارغا قىزىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجۡرَ مَنۡ أَحۡسَنَ عَمَلًا ٣٠ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ جَنَّٰتُ عَدۡنٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهِمُ ٱلۡأَنۡهَٰرُ يُحَلَّوۡنَ فِيهَا مِنۡ أَسَاوِرَمِن ذَهَبٖ وَيَلۡبَسُونَ ثِيَابًا خُضۡرٗا مِّن سُندُسٖ وَإِسۡتَبۡرَقٖ مُّتَّكِ‍ِٔينَ فِيهَا عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِۚ نِعۡمَ ٱلثَّوَابُ وَحَسُنَتۡ مُرۡتَفَقٗا ٣١﴾

«ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ياخشى ئىش قىلغان كىشىنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيمىز. ئەنە شۇلار ئۈچۈن ئاستىدىن ھەر خىل ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئەدن جەننەتلىرى بار. ئۇلارغا ئۇ جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر سېلىپ قويۇلىدۇ. ئۇلار نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن تىكىلگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىپ، تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! ئۇ نېمىدېگەن ياخشى ئارامگاھ!»[3].

﴿إِنَّ ٱللَّهَ يُدۡخِلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ يُحَلَّوۡنَ فِيهَا مِنۡ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٖ وَلُؤۡلُؤٗاۖ وَلِبَاسُهُمۡ فِيهَا حَرِيرٞ ٢٣﴾

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر ۋە مەرۋايىتلار بىلەن زىننەتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇ جەننەتلەردىكى كىيىملىرى يىپەكتىن بولىدۇ»[4].

﴿إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ لَفِي نَعِيمٍ  ٢٢ عَلَى ٱلۡأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ  ٢٣ تَعۡرِفُ فِي وُجُوهِهِمۡ نَضۡرَةَ ٱلنَّعِيمِ  ٢٤ يُسۡقَوۡنَ مِن رَّحِيقٖ مَّخۡتُومٍ  ٢٥ خِتَٰمُهُۥ مِسۡكٞۚ وَفِي ذَٰلِكَ فَلۡيَتَنَافَسِ ٱلۡمُتَنَٰفِسُونَ  ٢٦﴾

«شۈبھىسىزكى، ياخشىلار نەئىمدە بولىدۇ[5]. ئۇلار تەختلەرنىڭ ئۈستىدە قارايدۇ. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە نېمەتنىڭ گۈزەللىكىنى تونۇيسەن. ئۇلار ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ بىر ئىچىملىك بىلەن سۇغىرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرى ئىپاردۇر. بەسلەشكۈچىلەر ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن بەسلەشسۇن»[6].

4.     بەزى زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَهُوَ ٱلَّذِي سَخَّرَ ٱلۡبَحۡرَ لِتَأۡكُلُواْ مِنۡهُ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُواْ مِنۡهُ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ١٤﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، دېڭىزنىمۇ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۇنىڭدىن يېڭى گۆش يېيىشىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى – سەن ئۇنىڭدا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن – ھەمدە ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن شۇنداق قىلدى»[7].‏

﴿وَمَا يَسۡتَوِي ٱلۡبَحۡرَانِ هَٰذَا عَذۡبٞ فُرَاتٞ سَآئِغٞ شَرَابُهُۥ وَهَٰذَا مِلۡحٌ أُجَاجٞۖ وَمِن كُلّٖ تَأۡكُلُونَ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُونَ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ١٢﴾

«ئىككى دېڭىز ئوخشاش بولمايدۇ. بىرى شېرىندۇر، تاتلىقتۇر، سۈيى ئاسان ئىچىلىدۇ ۋە ئاسان سىڭىدۇ. يەنە بىرى تۇزلۇقتۇر، ئاچچىقتۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن يېڭى گۆش يەيسىلەر، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىسىلەر. سەن ئۇلاردا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر»[8].‏

﴿مَرَجَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ يَلۡتَقِيَانِ  ١٩ بَيۡنَهُمَا بَرۡزَخٞ لَّا يَبۡغِيَانِ  ٢٠ فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ  ٢١ يَخۡرُجُ مِنۡهُمَا ٱللُّؤۡلُؤُ وَٱلۡمَرۡجَانُ  ٢٢ فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ  ٢٣﴾

«رەھمان ئىككى دېڭىزنى بىر – بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ھالەتتە قويۇۋەتتى. ئۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا توسما بار. ئۇلار بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ. ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ ئۇ ئىككى دېڭىزدىن مەرۋايىت ۋە مارجان چىقىدۇ. ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟»[9].

داۋامى بار…

[1] 16 – سۈرە نەھل، 68 – ۋە 69 – ئايەتلەر.

[2] 16 – سۈرە نەھل، 80 – ئايەت.

[3] 18 – سۈرە كەھف، 30 – ۋە 31 – ئايەتلەر.

[4] 22 – سۈرە ھەج، 23 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 35 – سۈرە فاتىر، 33 – ئايەت؛ 44 – سۈرە دۇخان، 51 ~ 53 – ئايەتلەر؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 12 – ۋە 21 – ئايەتلەر.

[5] يەنى نەئىم جەننەتلىرىدە بولىدۇ، نېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ.

[6] 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 22 ~ 26 – ئايەتلەر.

[7] 16 – سۈرە نەھل، 14 – ئايەت.

[8] 35 – سۈرە فاتىر، 12 – ئايەت.

[9] 55 – سۈرە رەھمان، 19 ~ 23 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر