قۇرئان يولى
ھايۋانلارنىڭ يارىتىلىش ھېكمەتلىرى 1

ھايۋانلارنىڭ يارىتىلىش ھېكمەتلىرى

1.     ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋاسىتىسى بولۇش

تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلار ئاللاھنىڭ رىزاسىنى كۆزلەپ قۇربانلىق قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱتۡلُ عَلَيۡهِمۡ نَبَأَ ٱبۡنَيۡ ءَادَمَ بِٱلۡحَقِّ إِذۡ قَرَّبَا قُرۡبَانٗا فَتُقُبِّلَ مِنۡ أَحَدِهِمَا وَلَمۡ يُتَقَبَّلۡ مِنَ ٱلۡأٓخَرِ قَالَ لَأَقۡتُلَنَّكَۖ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ ٱللَّهُ مِنَ ٱلۡمُتَّقِينَ  ٢٧﴾

«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن بىردىن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرىنىڭ قوبۇل قىلىندى، يەنە بىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمىدى. قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغىنى: ‹مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن› دېۋىدى، قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغىنى مۇنداق دېدى: ‹ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنىلا قوبۇل قىلىدۇ›»[1].

﴿وَلِكُلِّ أُمَّةٖ جَعَلۡنَا مَنسَكٗا لِّيَذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّنۢ بَهِيمَةِ ٱلۡأَنۡعَٰمِۗ فَإِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ فَلَهُۥٓ أَسۡلِمُواْۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُخۡبِتِينَ  ٣٤﴾

«بىز ھەر ئۈممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق. بىز بۇنى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلاردىن بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق. سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئۇنداقتا پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار. ئاللاھقا چىن قەلبىدىن بويسۇنغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»[2].

2.     ئوۋ ئوۋلاش

ئىنسانلار ئىت ۋە قارچىغىغا ئوخشاش بەزى ھايۋانلارنى ئۆگىتىپ ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھايۋانلار بۇلارغا ئوۋ تۇتۇپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَسۡئَلُونَكَ مَاذَآ أُحِلَّ لَهُمۡۖ قُلۡ أُحِلَّ لَكُمُ ٱلطَّيِّبَٰتُ وَمَا عَلَّمۡتُم مِّنَ ٱلۡجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ ٱللَّهُۖ فَكُلُواْ مِمَّآ أَمۡسَكۡنَ عَلَيۡكُمۡ وَٱذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهِۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ  ٤﴾

«ئى مۇھەممەد‍‍‍! ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنىدىن ئۆگىتىپ، ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ھايۋانلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋانلار ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋاندىن يەڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىڭلار  ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى ناھايىتى تېزدۇر»[3].

داۋامى بار…

[1] 5 – سۈرە مائىدە، 27 – ئايەت.

[2] 22 – سۈرە ھەج، 34 – ئايەت.

[3] 5 – سۈرە مائىدە، 4 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر