قۇرئان يولى
ھايۋانلارنىڭ يارىتىلىش ھېكمىتىئوۋ ئوۋلاش 1

ھايۋانلارنىڭ يارىتىلىش ھېكمىتى\ئوۋ ئوۋلاش

     ئوۋ ئوۋلاش

ئىنسانلار ئىت ۋە قارچىغىغا ئوخشاش بەزى ھايۋانلارنى ئۆگىتىپ ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھايۋانلار بۇلارغا ئوۋ تۇتۇپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَسۡئَلُونَكَ مَاذَآ أُحِلَّ لَهُمۡۖ قُلۡ أُحِلَّ لَكُمُ ٱلطَّيِّبَٰتُ وَمَا عَلَّمۡتُم مِّنَ ٱلۡجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ ٱللَّهُۖ فَكُلُواْ مِمَّآ أَمۡسَكۡنَ عَلَيۡكُمۡ وَٱذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهِۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ  ٤﴾

«ئى مۇھەممەد‍‍‍! ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنىدىن ئۆگىتىپ، ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ھايۋانلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋانلار ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋاندىن يەڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىڭلار  ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى ناھايىتى تېزدۇر»[1].

 ئالدىنقى ئايەتتە ھارام قىلىنغان نەرسىلەر بايان قىلىغاندىن كىيىن، ئىنسانلار رەسۇلۇللاھتىن قانداق نەرسىلەرنى يېيىشنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ بۇ ئايەتنى نازىل قىلىپ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ۋە كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ تىرىك ھالاتتە ئوۋلاپ ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىنى يېيىشنى ھالال قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئوۋلايالايدىغان ھايۋانلارنى ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن باقسا بولىدۇ.   

[1] 5 – سۈرە مائىدە، 4 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر