قۇرئان يولى
ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان پايدىلىرى 1

ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان پايدىلىرى

1.     زىننەت بولۇش ۋە زوق بېرىش

ئىنسانلارغا ئات، قېچىر ۋە ئېشەك ئۇلاغ بولۇش بىلەن بىرگە زىننەت بولىدۇ. تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە يۇقىرىدىكى پايدىلىرىدىن باشقا ئۆز ئىگىسىگە زوق بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلۡأَنۡعَٰمَ خَلَقَهَاۖ لَكُمۡ فِيهَا دِفۡءٞ وَمَنَٰفِعُ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ  ٥ وَلَكُمۡ فِيهَا جَمَالٌ حِينَ تُرِيحُونَ وَحِينَ تَسۡرَحُونَ  ٦ وَتَحۡمِلُ أَثۡقَالَكُمۡ إِلَىٰ بَلَدٖ لَّمۡ تَكُونُواْ بَٰلِغِيهِ إِلَّا بِشِقِّ ٱلۡأَنفُسِۚ إِنَّ رَبَّكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ  ٧ وَٱلۡخَيۡلَ وَٱلۡبِغَالَ وَٱلۡحَمِيرَ لِتَرۡكَبُوهَا وَزِينَةٗۚ وَيَخۡلُقُ مَا لَا تَعۡلَمُونَ  ٨﴾

«ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ياراتتى. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن ئىسسىتقۇچى نەرسىلەر ۋە باشقا مەنپەئەتلەر بار: ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر. ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن ئېلىپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ بارغان چاغلىرىڭلاردا زوق ئالىسىلەر. ئۇلار سىلەر ناھايىتى جاپا تارتمىساڭلار بارالمايدىغان يىراق جايلارغا يۈكلىرىڭلارنى توشۇيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭلار ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ ئاتلارنى، قېچىرلارنى، ئېشەكلەرنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت بولۇشى ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ»[1].

2.                     قاراۋۇللۇق قىلىش

بەزى ھايۋانلار خەتەرنى ئىنسانلاردىن ئىلگىرى ھېس قىلىدۇ ۋە بۇنى بىر شەكىلدە ئۇلارغا خەۋەر قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئىنسانلاردىن پەرقلىق بولۇشىدىن ھاسىل بولغان ئالاھىدىلىكىدۇر. بولۇپمۇ ئىت ۋە غازغا ئوخشاش ھايۋانلار ئامانلىق ساقلاش ۋە كۆزەتچىلىك ئىشلىرىنى ئوبدان قىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ ئىشقا ئەسھابى كەھفنىڭ ئىتى مىسال قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَتَحۡسَبُهُمۡ أَيۡقَاظٗا وَهُمۡ رُقُودٞۚ وَنُقَلِّبُهُمۡ ذَاتَ ٱلۡيَمِينِ وَذَاتَ ٱلشِّمَالِۖ وَكَلۡبُهُم بَٰسِطٞ ذِرَاعَيۡهِ بِٱلۡوَصِيدِۚ لَوِ ٱطَّلَعۡتَ عَلَيۡهِمۡ لَوَلَّيۡتَ مِنۡهُمۡ فِرَارٗا وَلَمُلِئۡتَ مِنۡهُمۡ رُعۡبٗا  ١٨﴾

«ئۇلارنى كۆرسەڭ ئويغاق دەپ ئويلايتتىڭ. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدا ئىدى. بىز ئۇلارنى گاھ ئوڭ يېنىغا، گاھ سول يېنىغا ئۆرۈپ تۇراتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىتى بولسا، غارنىڭ بۇسۇغىسىغا ئالدى پۇتلىرىنى سوزغان ھالەتتە ئىدى. ئۇلارنى بۇ ھالەتتە كۆرگەن بولساڭ، دەرھال ئارقاڭغا قاراپ قاچاتتىڭ ۋە ئىچىڭگە قورقۇنچ تولۇپ كېتەتتى»[2].

3.                     ئىلىم ئۆگىتىش

ھايۋانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىنسانلارغا بەزى نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ، ئۇلارغا ئىلھام كېلىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇنىڭغا قاغا مىسال قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَبَعَثَ ٱللَّهُ غُرَابٗا يَبۡحَثُ فِي ٱلۡأَرۡضِ لِيُرِيَهُۥ كَيۡفَ يُوَٰرِي سَوۡءَةَ أَخِيهِۚ قَالَ يَٰوَيۡلَتَىٰٓ أَعَجَزۡتُ أَنۡ أَكُونَ مِثۡلَ هَٰذَا ٱلۡغُرَابِ فَأُوَٰرِيَ سَوۡءَةَ أَخِيۖ فَأَصۡبَحَ مِنَ ٱلنَّٰدِمِينَ  ٣١﴾

«ئۇ ئەسنادا ئاللاھ بىر قاغا ئەۋەتتى، قاغا يەرنى چوقۇيتتى. بۇ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ: ‹ۋاي ئىسىت! مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇپ، قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمەلمەپتىمەن!› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى»[3].

[1] 16 – سۈرە نەھل، 5 ~ 8 – ئايەت.

[2] 18 – سۈرە كەھف، 18 – ئايەت.

[3] 5 – سۈرە مائىدە، 31 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر