قۇرئان يولى
ھايۋانلارسۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش 1

ھايۋانلار\سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش

سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش

بۇ ھايۋانلارنى سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن نەسىللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَاطِرُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ جَعَلَ لَكُم مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ أَزۡوَٰجٗا وَمِنَ ٱلۡأَنۡعَٰمِ أَزۡوَٰجٗا يَذۡرَؤُكُمۡ فِيهِۚ لَيۡسَ كَمِثۡلِهِۦ شَيۡءٞۖ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ  ١١﴾

«ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن جۈپلەر يارىتىپ بەردى. ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى جۈپلۈك قىلىپ ياراتتى. ئاللاھ بۇ ئارقىلىق سىلەرنى كۆپەيتىدۇ. ئاللاھقا ئوخشايدىغان ھېچبىر نەرسە يوقتۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[1].

بۇ ئايەت كۆپىيىشىنى، يەنى نەسىلنىڭ داۋاملىشىشىنى ئىنسانلارنىڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ جۈپ يارىتىلىشىنىڭ ھېكمىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھايۋانلارنىڭ بوغاز بولۇشى ۋە كۆپىيىشى تەبىئىي ھالدا بولۇشى كېرەك. لېكىن بۇ تەبىئىي يول ئېھتىياجنى قامداشتا يېتەرسىز قالسا بۇنىڭ نەتىجىسىگە قاراش كېرەك:

ئەگەر سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن نەسىللەندۈرۈشنىڭ ھايۋانلارغا ياكى ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ۋە ياكى ئۇلارنىڭ نەسلىنىڭ داۋاملىشىشىغا سالىدىغان زىيىنى، كەلتۈرىدىغان پايدىسىدىن كۆپ بولسا، ياكى بۇنداق ئۇسۇل بىلەن نەسىللىنىپ تۇغقان ھايۋاننىڭ سۈتى ۋە مەھسۇلاتلىرى، تۇغۇلغان بالىسىنىڭ گۆش – يېغى ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان بولسا، ھايۋانلارنى سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن نەسىللەندۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام «زىيان سېلىشقا ۋە زىيان تارتىشقا بولمايدۇ» دېگەن[2].

ئەگەر سۈنئىي نەسىللەندۈرۈشنىڭ ھايۋانلارغا ياكى ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ۋە ياكى ئىنسانلارغا زىيىنى بولمىسا ياكى بولغان تەقدىردىمۇ زىيىنى پايدىسىغا قارىغاندا بەك ئاز بولسا، سۈنئىي نەسىللەندۈرۈشكە بولىدۇ.

[1] 42 – سۈرە شۇرا، 11 – ئايەت.

[2] ئىبنى ماجە، «ئەھكام»، 17؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 5 : 55 – 56؛ مۇۋەتتا، «ئەقدىيە»، 2758.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر