قۇرئان يولى
قۇرئاندا ھايۋانلار 1

قۇرئاندا ھايۋانلار

ھايۋانلار

قۇرئان كەرىمدە 26 تۈرلۈك ھايۋاننىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىدۇ[1] ۋە ئالتە سۈرە ھايۋان ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىدۇ[2]. بۇ، ھايۋانلارنىڭ ئىنسان ۋە تەبىئەت ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم جانلىقلار  ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ھەقلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. بىز بۇ يەردە قۇرئان ۋە ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ئۇ ھەقلەرنى ئۆگىنىشكە ۋە ئۆگەنگىنىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز.

1§. ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن پايدىلىرى

1.     ئىنسانلارغا قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئەسلىتىش

كائىناتتا قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى، سۇ ھايۋانلىرى ۋە ئۇچارقاناتلاردىن ئىبارەت پۈتۈن ھايۋانلار ئۆزىگە خاس ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلماقتىدۇر. بۇلارنىڭ قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنىشى ئىنسانلارغا ئاللاھقا قۇللۇق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئەسلىتىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يَسۡجُدُۤ لَهُۥۤ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ وَٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُ وَٱلنُّجُومُ وَٱلۡجِبَالُ وَٱلشَّجَرُ وَٱلدَّوَآبُّ وَكَثِيرٞ مِّنَ ٱلنَّاسِۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيۡهِ ٱلۡعَذَابُۗ وَمَن يُهِنِ ٱللَّهُ فَمَا لَهُۥ مِن مُّكۡرِمٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ يَفۡعَلُ مَا يَشَآءُ۩  ١٨﴾

«كۆرمىدىڭمۇ: ئاسمانلاردىكى كىشىلەر، زېمىندىكى كىشىلەر، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، جانلىقلار ۋە ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئاللاھقا سەجدە قىلماقتا. ئىنسانلارنىڭ تولىسىغا ئازاب تېگىشلىك بولماقتىدۇر. ئاللاھ خار قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ»[3].

﴿أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يُسَبِّحُ لَهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱلطَّيۡرُ صَٰٓفَّٰتٖۖ كُلّٞ قَدۡ عَلِمَ صَلَاتَهُۥ وَتَسۡبِيحَهُۥۗ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِمَا يَفۡعَلُونَ  ٤١﴾

«كۆرمىدىڭمۇ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر، سەپ – سەپ ئۇچارقاناتلار ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتماقتىدۇر. ھەر بىرى ئۆز دۇئاسىنى ۋە تەسبىھىنى بىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[4].

2.     ھەقتىن يۈز ئۆرىگەنلەرنى ھوشىنى تېپىشقا دەۋەت قىلىش

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى بەزى ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تەسۋىرلەپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىگە يارىشا ئىش قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى ئەسلىتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱتۡلُ عَلَيۡهِمۡ نَبَأَ ٱلَّذِيٓ ءَاتَيۡنَٰهُ ءَايَٰتِنَا فَٱنسَلَخَ مِنۡهَا فَأَتۡبَعَهُ ٱلشَّيۡطَٰنُ فَكَانَ مِنَ ٱلۡغَاوِينَ  ١٧٥ وَلَوۡ شِئۡنَا لَرَفَعۡنَٰهُ بِهَا وَلَٰكِنَّهُۥٓ أَخۡلَدَ إِلَى ٱلۡأَرۡضِ وَٱتَّبَعَ هَوَىٰهُۚ فَمَثَلُهُۥ كَمَثَلِ ٱلۡكَلۡبِ إِن تَحۡمِلۡ عَلَيۡهِ يَلۡهَثۡ أَوۡ تَتۡرُكۡهُ يَلۡهَثۚ ذَّٰلِكَ مَثَلُ ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِئَايَٰتِنَاۚ فَٱقۡصُصِ ٱلۡقَصَصَ لَعَلَّهُمۡ يَتَفَكَّرُونَ  ١٧٦﴾

«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا مۇنۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: بىز ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەرگەن ئىدۇق، ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئايرىلىپ چىقتى. شەيتان ئۇنى ئۆزىگە ئەگەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى. ئەگەر بىز خالىغان بولساق ئۇنى ئايەتلىرىمىز بىلەن يۈكسەلدۈرەتتۇق. لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. ئۇنىڭ ئەھۋالى خۇددى شۇ ئىتنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش: ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى ساڭگىلىتىپ ھاسىرايدۇ، ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەتسەڭمۇ تىلىنى ساڭگىلىتىپ ھاسىرايدۇ. ئەنە شۇ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىدۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا بۇ قىسسەنى بايان قىلغىن، تەپەككۇر قىلغاي»[5].

ئاللاھ تائالا ھەر كىشىگە ئۆزىنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنىڭ ئايەتلىرىنى (دەلىللىرىنى) بىلدۈرگەن، 7 – سۈرە ئەئرافنىڭ 172 – ئايىتىدە بايان قىلىنغاندەك ھەر كىشىنىڭ فىترىتىگە ئۆزىنىڭ رەب (ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە باققۇچى) ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش قابىلىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان. لېكىن بەزى كىشىلەر ئۇ دەلىللەردىن ۋە ئۇ قابىلىيەتتىن ئايرىلىپ چىقىدۇ، دەلىللەرنى دىققەتكە ئالمايدۇ، ئىشىنىش قابىلىيىتىنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەيتان ئۇنى ئارقىسىغا سالىدۇ – دە، ئۇ ئازغۇنلارنىڭ سېپىگە قوشۇلىدۇ.

ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇ كىشىنى مەزكۇر ئايەتلىرىدىن پايدىلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى يۈكسەلدۈرەتتى. لېكىن ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ بۇنى خالىشى ئۈچۈن تەلەپكە لايىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى، ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىنى ئويلاپ دۇنياغا بېرىلىشنى تاللىدى، ئۆزىنى ۋاقىتلىق مەنپەئەتنىڭ ئەسىرى قىلدى،  فىترىتىدىكى پاكىز روھ ۋە زېھنىدىكى ئالىي قابىلىيەتلەر ئۇنى ئىمانغا چاقىرىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئۇ نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا ۋە كۆڭلىنىڭ ئارزۇلىرىغا بويسۇندى.

بۇ ئەھۋالدا ئۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنسانلىق قىممىتىنى ۋە ئادىمىيلىك ئالاھىدىلىكىنىمۇ يوقاتقانلىقى ئۈچۈن 176 – ئايەتتە ئۇنىڭ پىسخولوگىيەلىك ئەھۋالى ئىسسىقتىن ياكى باشقا بىر قىيىنچىلىقتىن تىلىنى ساڭگىلىتىپ داۋاملىق ھاسىرايدىغان، قوغلانسىمۇ، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلسىمۇ بىر خىل تۇرىدىغان ئىتنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىتىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَمَا لَهُمۡ عَنِ ٱلتَّذۡكِرَةِ مُعۡرِضِينَ  ٤٩ كَأَنَّهُمۡ حُمُرٞ مُّسۡتَنفِرَةٞ  ٥٠ فَرَّتۡ مِن قَسۡوَرَةِۢ  ٥١﴾

«مۇشرىكلارغا نېمە بولدىكىن، ئەسكە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىلىمدىن يۈز ئۆرۈۋاتىدۇ؟ ئۇلار خۇددى يولۋاستىن قاچقان ياۋا ئېشەكلەردۇر»[6].

3.     قاتناش ۋە ئۇرۇش ۋاسىتىسى بولۇش

تۆگە، ئات، قېچىر ۋە ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلار ئىنسانلارغا ئۇلاغ ۋە ئۇرۇش ۋاسىتىسى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأَذِّن فِي ٱلنَّاسِ بِٱلۡحَجِّ يَأۡتُوكَ رِجَالٗا وَعَلَىٰ كُلِّ ضَامِرٖ يَأۡتِينَ مِن كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٖ  ٢٧﴾

«ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلغىن. ئۇلار يېنىڭغا پىيادىمۇ كېلىدۇ، چوڭقۇر ۋە كەڭ يوللاردىن كەلگەن ئورۇق ئۇلاغلار ئۈستىدىمۇ كېلىدۇ»[7].

﴿وَٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡأَزۡوَٰجَ كُلَّهَا وَجَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلۡفُلۡكِ وَٱلۡأَنۡعَٰمِ مَا تَرۡكَبُونَ  ١٢﴾

«ئاللاھ پۈتكۈل جۈپلەرنى ياراتقان، سىلەرگە كېمىلەرنى ۋە بىر قىسىم ھايۋانلارنى قاتناش ۋاسىتىسى قىلىپ بەرگەن زاتتۇر»[8].

﴿أَوَ لَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا خَلَقۡنَا لَهُم مِّمَّا عَمِلَتۡ أَيۡدِينَآ أَنۡعَٰمٗا فَهُمۡ لَهَا مَٰلِكُونَ  ٧١ وَذَلَّلۡنَٰهَا لَهُمۡ فَمِنۡهَا رَكُوبُهُمۡ وَمِنۡهَا يَأۡكُلُونَ  ٧٢﴾

«ئۇلار كۆرمىدىمۇ: بىز ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئىشلەپ ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ياراتتۇق. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدۇر. بىز ئۇ ھايۋانلارنى ئۇلارغا كۆندۈرۈپ بەردۇق. ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسى ئۇلارنىڭ ئۇلىغىدۇر، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى يەيدۇ»[9].

﴿وَٱلۡأَنۡعَٰمَ خَلَقَهَاۖ لَكُمۡ فِيهَا دِفۡءٞ وَمَنَٰفِعُ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ  ٥ وَلَكُمۡ فِيهَا جَمَالٌ حِينَ تُرِيحُونَ وَحِينَ تَسۡرَحُونَ  ٦ وَتَحۡمِلُ أَثۡقَالَكُمۡ إِلَىٰ بَلَدٖ لَّمۡ تَكُونُواْ بَٰلِغِيهِ إِلَّا بِشِقِّ ٱلۡأَنفُسِۚ إِنَّ رَبَّكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ  ٧ وَٱلۡخَيۡلَ وَٱلۡبِغَالَ وَٱلۡحَمِيرَ لِتَرۡكَبُوهَا وَزِينَةٗۚ وَيَخۡلُقُ مَا لَا تَعۡلَمُونَ  ٨﴾

«ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ياراتتى. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن ئىسسىتقۇچى نەرسىلەر ۋە باشقا مەنپەئەتلەر بار. ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر.‏ ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن ئېلىپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ بارغان چاغلىرىڭلاردا زوق ئالىسىلەر.‏ ئۇلار سىلەر جاپا – مۇشەققەتسىز بارالمايدىغان يىراق جايلارغا يۈكلىرىڭلارنى توشۇيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭلار ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏ ئاللاھ ئاتلارنى، قېچىرلارنى، ئېشەكلەرنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت بولۇشى ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ»[10].

﴿وَأَعِدُّواْ لَهُم مَّا ٱسۡتَطَعۡتُم مِّن قُوَّةٖ وَمِن رِّبَاطِ ٱلۡخَيۡلِ …  ٦٠﴾

«دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرى تەييارلاڭلار»[11].

4.     گۆش – ياغ ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش

تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە ئىنسانلارنى گۆش – ياغ ۋە سۈت بىلەن، بېلىق گۆش – ياغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِنَّ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَنۡعَٰمِ لَعِبۡرَةٗۖ نُّسۡقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهِۦ مِنۢ بَيۡنِ فَرۡثٖ وَدَمٖ لَّبَنًا خَالِصٗا سَآئِغٗا لِّلشَّٰرِبِينَ  ٦٦﴾

«شۈبھىسىزكى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار: سىلەرنى ئۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇ، ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنىدىكى ئوزۇقلۇقلار بىلەن قاننىڭ ئارىسىدىن كېلىدىغان، ئىچكەنلەرنىڭ گاللىرىدىن سىلىق ئۆتۈپ كېتىدىغان ساپ سۈتتۇر»[12].

﴿وَإِنَّ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَنۡعَٰمِ لَعِبۡرَةٗۖ نُّسۡقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهَا وَلَكُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ كَثِيرَةٞ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ  ٢١ وَعَلَيۡهَا وَعَلَى ٱلۡفُلۡكِ تُحۡمَلُونَ  ٢٢﴾

«شۈبھىسىزكى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار. بىز سىلەرنى ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمى بىلەن سۇغىرىمىز. سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردا كۆپ مەنپەئەتلەر بار. ئۇلاردىن يەيسىلەر. ئۇلارغا مىنىپ ۋە كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ خالىغان يەرلىرىڭلارغا بارىسىلەر ۋە ھەر ئىككىسى بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر»[13].

﴿أَوَ لَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا خَلَقۡنَا لَهُم مِّمَّا عَمِلَتۡ أَيۡدِينَآ أَنۡعَٰمٗا فَهُمۡ لَهَا مَٰلِكُونَ ٧١ وَذَلَّلۡنَٰهَا لَهُمۡ فَمِنۡهَا رَكُوبُهُمۡ وَمِنۡهَا يَأۡكُلُونَ  ٧٢ وَلَهُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ وَمَشَارِبُۚ أَفَلَا يَشۡكُرُونَ  ٧٣﴾

«ئۇلار كۆرمىدىمۇ: بىز ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئىشلەپ ئۇلارغا تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى يارىتىپ بەردۇق. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدۇر. بىز ئۇ ھايۋانلارنى ئۇلارغا كۆندۈرۈپ بەردۇق. ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسى ئۇلارنىڭ ئۇلىغىدۇر. ئۇلار ئۇ ھايۋانلاردىن يەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا مەنپەئەتلەر ۋە ئىچىلىدىغان نەرسىلەر بار. ئۇلار يەنىلا شۈكۈر قىلمامدۇ؟»[14]

﴿وَمَا يَسۡتَوِي ٱلۡبَحۡرَانِ هَٰذَا عَذۡبٞ فُرَاتٞ سَآئِغٞ شَرَابُهُۥ وَهَٰذَا مِلۡحٌ أُجَاجٞۖ وَمِن كُلّٖ تَأۡكُلُونَ لَحۡمٗا طَرِيّٗا …  ١٢﴾

«ئىككى دېڭىز ئوخشاش بولمايدۇ. بىرى شېرىندۇر، تاتلىقتۇر، سۈيى گالدىن سىلىق ئۆتىدۇ. يەنە بىرى تۇزلۇقتۇر، ئاچچىقتۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن يېڭى گۆش يەيسىلەر،… »[15].

داۋامى بار…

[1] تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە، پاشا، ئات، ئېشەك، قېچىر، ئەجدىھا، چىكەتكە، بېلىق، توڭگۇز، بۆرە، چىۋىن، بۆدۈنە، پاقا، ئۆمۈچۈك، قاغا، پەرۋانە، پىل، مايمۇن،  يولۋاس، ئىت، ھەسەل ھەرىسى، ھۆپۈپ، پىت قاتارلىقلاردۇر.

[2] بەقەرە (كالا)، ئەنئام (تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە)، نەھل (ھەسەل ھەرىسى)، نەمل (چۈمۈلە)، ئەنكەبۇت (ئۆمۈچۈك) ۋە فىل (پىل) سۈرىلىرىدۇر.

[3] 22 – سۈرە ھەج، 18 – ئايەت.

[4] 24 – سۈرە نۇر، 41 – ئايەت.

[5] 7 – سۈرە ئەئراف، 175 – ۋە 176 – ئايەتلەر.

[6] 74 – سۈرە مۇددەسسىر، 49 ~ 51 – ئايەت.

[7] 22 – سۈرە ھەج، 27 – ئايەت.

[8] 43 – سۈرە زۇخرۇف، 12 – ئايەت.

[9] 36 – سۈرە ياسىن، 71 – ۋە 72 – ئايەتلەر.

[10] 16 – سۈرە نەھل، 5 ~ 8 – ئايەتلەر.

[11] 8 – سۈرە ئەنفال، 60 – ئايەت.

[12] 16 – سۈرە نەھل، 66 – ئايەت.

[13] 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 21 – ۋە 22 – ئايەتلەر.

[14] 36 – سۈرە ياسىن، 71 ~ 73 – ئايەتلەر.

[15] 35 – سۈرە فاتىر، 12 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر