جاۋاب:
ھازىرقى مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ، چۈنكى دىنىمىزدا بىر كىشىنىڭ گۇناھى يەنە بىر كىشىگە يۈكلەنمەيدۇ. بىر گۇناھنىڭ جاۋابكارلىقى شۇ گۇناھنى ئۆتكۈزگەن كىشى بىلەنلا تۈگەيدۇ. نەجم سۈرىسىنىڭ (53- سۈرە) 38- ۋە 39- ئايەتلىرى بۇنى كۆرسىتىدۇ. بۇ توغرىدا باشقا نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەر بار.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەسچىت سېلىشقا ئىشلىتىلگەن پۇل- مالنىڭ نەدىن تېپىلغانلىقىنىڭ ھېسابىنى شۇ پۇل- مالنىڭ مەسچىتكە بېرىلىشنىڭ ئالدىدىكى ئىگىلىرى بېرىدۇ. باشقا ھېچبىر كىشى بۇ پۇل- مال توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ. يەنى بۇنداق پۇل- ماللارنى ئىشلىتىپ سېلىنغان مەسچىت- جامەلەردە ناماز ئوقۇغانلارنىڭ نامىزىغا ھېچقانداق دەخلى يەتمەيدۇ. مەسچىتكە چاپلانغان شۇئارلارغا كەلسەك، ئەگەر بۇ جانلىق نەرسىلەرنىڭ رەسىمى بولۇپ قالسا، قىبلە تەرەپتە ياكى ئوڭ تەرەپتە بولماسلىقى لازىم.
خوش، «ھازىرقى مۇسۇلمانلارغا جۇمە نامىزى ئوقۇش پەرزمۇ ياكى پېشىن نامىزى ئوقۇساق بولامدۇ؟» دېگەن سوئالغا كېلەيلى. ئەسلىدە بۇ سوئال ناھايىتى خەتەرلىك بىر سوئالدۇر. چۈنكى بۇ، «بىز بەزى چاغدا ياكى بەزى يەردە ئاللاھنىڭ بەزى ئەمرىنى ئادا قىلمىساقمۇ بولامدۇ؟» دېگەن بولىدۇ. لېكىن بىز بۇنى سورىغۇچى قېرىنداشلىرىمىزنى مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن سورىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
چۈنكى ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ئۆزى ئەھلى ئىلىم ئەمەس لېكىن ئەھلى ئىلىمگە ئوخشايدىغان ناھايىتى كۆپ موللىچاقلار بار. ئۇلار: «ئۇ چاغدا ئۇنداقتى، ھازىر مۇنداق، شۇڭا ئۇنداق قىلماي مۇنداق قىلىشىمىز لازىم» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ساددا مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈشمەكتە. بۇلارنى ئەھلى ئىلىم گۇمان قىلىپ بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ قايمۇقۇپ قالغانلىقىمۇ ئېنىق. شۇڭا بۇ توغرىدا تەپسىلىي جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
قېرىندىشىم! قۇرئان كەرىم قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىدۇ. يەنى قۇرئان كەرىمدە بىر ئىشنى «قىلىڭلار ياكى قىلماڭلار» دېگەن بولسا، بۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارىتىلىدۇ. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ دەسلەپكى مۇخاتەبلىرىدىن تارتىپ قىيامەتكىچە دۇنياغا كەلگەن ۋە كېلىدىغان ھەممە ئىنساننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا ھازىر 21- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭدا ياشىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى شۇ:
اللە تەئالا بىر نەرسىگە بۇيرۇپ ياكى بىر نەرسىدىن توساپ، ئاندىن ئۆزى بۇ ھۆكۈمنى بەزى يەردە ياكى بەزى شارائىتتا ئىجرا قىلىمىساڭلىمۇ بولىدۇ دېمىگەنلا بولسا ئۇ ھۆكۈمنىڭ ھەر قانداق يەردە، ھەر قانداق زاماندا ۋە ھەر قانداق شارائىتتا ئىجرا قىلىنىشى لازىم.
اللە تەئالانىڭ بىرەر ئەمرىنى «بۇ پالانى زامانغا ياكى پالانى رايونغا خاس، ياكى ئۇ چاغدا ئۇنداقتى ھازىر مۇنداق. شۇڭا بىز ھازىرقى مۇسۇلمانلار مۇنداقراق قىلىشىمىز لازىم» دېگۈچىلەر دىنى ھۆكۈم بەلگىلىگەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى اللە تەئالانىڭ ئورنىدا قويغان بولىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە جۈمە (جۇمۇئە) سۈرىسى (62- سۈرە) دەپ ئاتىلىدىغان بىر سۈرە بار. اللە تەئالا بۇ سۈرىنى نازىل قىلىش بىلەن ھەپتىدە بىر قېتىم جۈمە ئوقۇشنى پەرز قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ پەرزنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە بۇ پەرزنىڭ قانداق ئادا قىلىنىشىنى ئۆگەتكەن.
مەزكۇر سۈرىدە ياكى قۇئان كەرىمنىڭ باشقا يەرلىرىدە ۋە ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدىكى تەلىماتلىرىدا «بۇ پەرزنى پالانى يەردە ياكى پالانى زامان كەلگەندە ئادا قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن مەزمۇندا بىر ھۆكۈم يوق.
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ھېلىقىدەك «ئالىملار» نىڭ بىلسە دىنىمىزنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىنسانلارغا تەبلىغ قىلىش (يەتكۈزۈش)نىڭ ئورنىغا ئۆزلىرى ھۆكۈم چىقىرىپ، بۇنى اللەنىڭ ۋە اللەنىڭ ئەلچىسىنىڭ نامىدىن سۆزلەپ يۈرۈشلىرى ئىنتايىن خەتەرلىك. ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى لازىم.
يىغىپ ئېيتقاندا ھازىرقى مۇسۇلمانلارغا جۈمە نامىزى ئوقۇش پەرز. بۇ پەرزنى ئادا قىلغانلارنىڭ يەنى جۈمە نامىزىنى ئوقۇغانلارنىڭ پېشىن نامىزى ئوقۇشى توغرا ئەمەس. جۈمە نامىزىنىڭ پەرزلىكى قىيامەتكە قەدەر داۋام قىلىدۇ.