قۇرئان يولى
 ھارام ھايۋانلار 1

 ھارام ھايۋانلار

 ھارام ھايۋانلار

ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، چوشقا گۆشى، باتىل ئىلاھلارنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلار ۋە ھالال ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا تومۇرلىرىدىن ئېقىپ چىققان قان ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةَ وَٱلدَّمَ وَلَحۡمَ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ بِهِۦ لِغَيۡرِ ٱللَّهِۖ…  ١٧٣

«ئاللاھ سىلەرگە پەقەت ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، توڭگۇزنىڭ گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىلا ھارام قىلدى»[1].

﴿حُرِّمَتۡ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةُ وَٱلدَّمُ وَلَحۡمُ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦ وَٱلۡمُنۡخَنِقَةُ وَٱلۡمَوۡقُوذَةُ وَٱلۡمُتَرَدِّيَةُ وَٱلنَّطِيحَةُ وَمَآ أَكَلَ ٱلسَّبُعُ إِلَّا مَا ذَكَّيۡتُمۡ وَمَا ذُبِحَ عَلَى ٱلنُّصُبِ… وَأَن تَسۡتَقۡسِمُواْ بِٱلۡأَزۡلَٰمِۚ ذَٰلِكُمۡ فِسۡقٌۗ …  ٣

 «سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، توڭگۇزنىڭ گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن، باشقا ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يىرتقۇچلار يەپ قويغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى. بۇلاردىن جېنى چىقىپ بولغىچە بوغۇزلىۋالغىنىڭلار مۇستەسنا. شۇنىڭدەك، تىكلەپ قويۇلغان تاشلارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار[2] ۋە پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىشىڭلار سىلەرگە ھارام قىلىندى. ئەنە شۇلار فىسقتۇر[3]»[4].

﴿قُل لَّآ أَجِدُ فِي مَآ أُوحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّمًا عَلَىٰ طَاعِمٖ يَطۡعَمُهُۥٓ إِلَّآ أَن يَكُونَ مَيۡتَةً أَوۡ دَمٗا مَّسۡفُوحًا أَوۡ لَحۡمَ خِنزِيرٖ فَإِنَّهُۥ رِجۡسٌ أَوۡ فِسۡقًا أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦۚ …  ١٤٥

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ماڭا ۋەھىي قىلىنغان ھۆكۈملەرنىڭ ئىچىدە، يەيدىغان كىشىگە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، ئېقىتىلغان قان، توڭگۇز گۆشى – چۈنكى ئۇ پاسكىنىدۇر – ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان فىسق قاتارلىقلاردىن باشقا ھارام قىلىنغان ھېچ نەرسە تاپالمايمەن»[5].

﴿إِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةَ وَٱلدَّمَ وَلَحۡمَ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦۖ …  ١١٥

«ئاللاھ سىلەرگە پەقەت ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، توڭگۇزنىڭ گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىلا ھارام قىلدى»[6].


[1] 2 – سۈرە بەقەرە، 173 – ئايەت.

[2] جاھىلىيەتتە كەبىنىڭ چۆرىسىدە تىكلەپ قويۇلغان بىر قىسىم تاشلار بولۇپ، ئۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىناتتى ۋە قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قانلىرىدىن شۇ تاشلارغا سۇۋاپ قويۇلاتتى. بۇ ئايەت بىلەن ئەنە شۇ تاشلارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلىنغان (فەخرۇددىن رازى، تەفسىرۇلكەبىر، 11: 285).

[3] بۇ ھاراملارغا يېقىنلىشىش توغرا يولدىن چىققانلىقتۇر.

[4] 5 – سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت.

[5] 6 – سۈرە ئەنئام، 145 – ئايەت.

[6] 16 – سۈرە نەھل، 115 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر