ھارام ئايلار
ئاللاھ تائالا يەر شارىنى ياراتقاندىن بېرى ئايلارنىڭ سانىنى 12 قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئايلاردىن تۆتىنىڭ ھارام ئايلار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿إِنَّ عِدَّةَ الشُّهُورِ عِندَ اللَّهِ اثْنَا عَشَرَ شَهْرًا فِي كِتَابِ اللَّهِ يَوْمَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ مِنْهَا أَرْبَعَةٌ حُرُمٌ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ فَلَا تَظْلِمُوا فِيهِنَّ أَنفُسَكُمْ وَقَاتِلُوا الْمُشْرِكِينَ كَافَّةً كَمَا يُقَاتِلُونَكُمْ كَافَّةً وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ٣٦﴾
«ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئايلارنىڭ سانى، ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان كۈندىكى ھۆكمىگە ئاساسەن ئون ئىككى ئايدۇر. بۇلاردىن تۆتى ھارام ئايلاردۇر. مانا بۇ توغرا دىندۇر. ئۇنداقتا ئۇ ئايلاردا ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار. مۇشرىكلار سىلەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقاندەك، سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر» – (9 – سۈرە تەۋبە، 36 – ئايەت).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«بىر يىل 12 ئايدۇر. بۇلاردىن تۆتى ھارام ئايلاردۇر. بۇ ھارام ئايلارنىڭ ئۈچى ئارقا-ئارقىدىن كېلىدۇ؛زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم. بىرى بولسا جەمادىيەل ئاخىر بىلەن شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەجەب ئېيىدۇر[1]».
ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ھارام ئايلار – زۇلقەئدە (ھىجرىيىنىڭ 11 – ئېيى)، زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12 – ئېيى)، مۇھەررەم (ھىجرىيىنىڭ 1 – ئېيى) قاتارلىق ئۈچ ئاي ۋە رەجەب (ھىجرىيىنىڭ 7 – ئېيى)دىن ئىبارەت تۆت ئايدۇر.
بۇ ھارام ئايلارنى بەلگىلىگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىدۇر. بۇ ئايلاردا مەككە ۋە ئەتراپىدا چوڭ بازارلار قۇرۇلاتتى، ئىنسانلار ھەر يەردىن كېلىپ خاتىرجەم تىجارەتلىرىنى قىلىش بىلەن بىرگە ھەجلىرىنى ئادا قىلىپ مەملىكەتلىرىگە قايتىپ كېتەتتى. چۈنكى ھارام ئايلاردا تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن دۇشمەنگە قارشى مۇداپىئە ئۇرىشىدىن باشقا ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھۆكۈم ئىنسانلارنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلاتتى. مەيلى كاپىر بولسۇن، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن بۇ ئايلاردا ئۇرۇش ئېچىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿الشَّهْرُ الْحَرَامُ بِالشَّهْرِ الْحَرَامِ وَالْحُرُمَاتُ قِصَاصٌ فَمَنِ اعْتَدَى عَلَيْكُمْ فَاعْتَدُوا عَلَيْهِ بِمِثْلِ مَا اعْتَدَى عَلَيْكُمْ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ١٩٤﴾
«ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاي ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايغا ئوخشاشتۇر. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۇرۇشماسلىق قائىدىلىرىگە ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاش رىئايە قىلىشى لازىم. بۇنىڭغا ئاساسەن كىم سىلەرگە تاجاۋۇز قىلسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا قىلغان تاجاۋۇزىنىڭ ئوخشىشى بىلەن تاجاۋۇز قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر.» – (2 – سۈرە بەقەرە، 194 – ئايەت).
﴿يَسْأَلُونَكَ عَنِ الشَّهْرِ الْحَرَامِ قِتَالٍ فِيهِ قُلْ قِتَالٌ فِيهِ كَبِيرٌ وَصَدٌّ عَن سَبِيلِ اللَّهِ وَكُفْرٌ بِهِ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَإِخْرَاجُ أَهْلِهِ مِنْهُ أَكْبَرُ عِندَ اللَّهِ وَالْفِتْنَةُ أَكْبَرُ مِنَ الْقَتْلِ وَلَا يَزَالُونَ يُقَاتِلُونَكُمْ حَتَّى يَرُدُّوكُمْ عَن دِينِكُمْ إِنِ اسْتَطَاعُوا وَمَن يَرْتَدِدْ مِنكُمْ عَن دِينِهِ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُولَئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ٢١٧﴾
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر. لېكىن ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كافىر بولۇش، مەسجىدى ھەرەمنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى ئۇنىڭدىن چىقىرىۋېتىش بولسا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر...» – (2 – سۈرە بەقەرە، 217 – ئايەت).
[1] بۇخارى، تەپسىر، تەۋبە سۈرىسى، 8 – باب.