سوئال:
ئاياللار چېچنى كەسسە بۇلامدۇ؟ ئابدىلتىپ
جاۋاب:
ئاياللارنىڭ چېچى ئاياللارغا خاس بىر شەكىلدە بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئاياللار چېچىنى كەسكەندە ياكى كەستۈرگەندە چاچلىرىنىڭ ئەرلەرنىڭ چاچلىرىغا ئوخشاپ قالماسلىقىغا دىققەت قىلىشلىرى لازىم. چۈنكى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئاياللارغا، ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇچى ئەرلەرگە لەنەت ئېيتقان»- (بۇخارى 5885؛ ئىبنى ماجە 1558).