جاۋاب:
ھازىرقى جەمئىيەتتە نۇرغۇن يەرلەردىكى مەكتەپلەردە ئۆسمۈرلەرگە دىنى تەلىم- تەربىيە بېرىلمەيدۇ. لېكىن ئۇ مەكتەپلەردە ھاياتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك پەنلەر ئوقۇتۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى شۇ مەكتەپلەرگە بېرىشىمىز، دىنى جەھەتتە ئۆزىمىز تەربىيىلىشىمىز لازىم. ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇمكىن بولسا مىللىي مەكتەپلەرگە بەرگىنىمىز ياخشىدۇر. مۇھىمى بالىلارنىڭ ئىلىم ئەھلى بولۇپ يېتىلىشىدۇر.