4. پىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى
پىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى بىر كىشى ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ بىر كۈنلۈك تائامىدۇر ياكى ئۇنىڭ بەدىلىدۇر. بۇنى يۇقىرىدا بۇ سەدىقىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا زىكىر قىلىنغان ئايەت (2 – سۈرە بەقەرە، 187 – ئايەت) ۋە ھېكمىتى توغرىسىدا زىكىر قىلىنغان ھەدىس ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
5. ئادا قىلىش ۋاقتى
پىتىر سەدىقىسى روزا ھېيت كۈنىنىڭ ئەتىگىنىدىن باشلاپ، ھېيت نامىزىغا چىققۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئادا قىلىنىدۇ. ھېيت كۈنىدىن بىر – ئىككى كۈن ئىلگىرى بېرىشكىمۇ بولىدۇ. نافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام فىتىر زاكىتىنى ئىنسانلار ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىشكە بۇيرۇغان[1].
6. پىتىر سەدىقىسى بېرىلىدىغانلار
پىتىر سەدىقىسى زاكات بېرىشكە بولىدىغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. چۈنكى پىتىر سەدىقىسىمۇ بىر تۈرلۈك زاكاتتۇر. زاكاتنىڭ كىملەرگە ۋە قەيەرلەرگە بېرىلىدىغانلىقى 9 – سۈرە تەۋبەنىڭ 60 – ئايىتىدە بايان قىلىنغان. لېكىن مىسكىنلەرگە بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر، چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە «تائامۇ مىسكىن (مىسكىن تائامى)»[2]، مۇناسىۋەتلىك ھەدىستە «تۇئمەتەن لىلمەساكىن (مىسكىنلەرگە تائام بولۇشى ئۈچۈن)[3]» دېيىلىدۇ.
مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 107 – 108.
[1] بۇخارى، «زاكات»، 76؛ مۇسلىم، «زاكات»، 5، 22؛ ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 18؛ نەسەئى، «زاكات»، 45.
[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 184 – ئايەت.
[3] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 17؛ ئىبنى ماجە، «زاكات»، 218.