تاھارەت سۇندۇرۇشنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرى
1 –پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرگەندە «مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دەپ ئۇيۇلغان تامغا ئۈزۈكىنى چىقىرىۋېتەتتى[1].
2 –پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەت سۇندۇرماقچى بولغاندا ئىنسانلاردىن يىراقلىشاتتى[2]. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرەت سۇندۇرماقچى بولغاندا ھېچكىم كۆرمەيدىغان دەرىجىدە يىراق جايلارغا كېتىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[3].
3– پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولغاندا «بىسمىللاھ ئاللاھۇممە ئىننى ئەئۇزۇبىكە مىنەلخۇبسى ۋەلخەبائىس» دەيتتى[4].
4– پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەت سۇندۇرۇۋاتقان چېغىدا سالام قىلغان كىشىنىڭ سالامنى ئىلىك ئالمىغان[5].
5 –پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەرەت سۇندۇرىدىغان چېغىڭلاردا قىبلىگە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، ئارقاڭلارنىمۇ قىلماڭلار. لېكىن شەرق ياكى غەرب تەرەپكە[6] قاراپ ئولتۇرۇڭلار»[7].
ئەسكەرتىش:
ئەگەر ھاجەت قىلىدىغان يەرنىڭ ئەتراپى ئېتىكلىك بولسا، قىبلىگە ئالدى ياكى ئارقىسى بولۇپ قېلىشنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق. چۈنكى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەفسەنىڭ ئۆگزىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامغا ئالدىنى قىلىپ، قىبلىگە ئارقىسىنى قىلىپ، تەرەت سۇندۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى[8] ۋە «تەرەت سۇندۇرغۇچى بىلەن قىبلىنىڭ ئارىسىدا بىر نەرسە بولسا، ئالدىنى ياكى ئارقىسىنى قىبلىگە قىلىپ تەرەت سۇندۇرۇشنىڭ زىيىنى يوق» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[9].
6 –پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇۋىغا سىيىشتىن توسقان[10].
7- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «لەنەتكە قېلىشىىڭلارغا سەۋەبچى بولىدىغان ئۈچ ئىشتىن يەنى سۇ مەنبەلىرى ۋە چۆرىلىرىگە، يوللارغا ۋە سايىلارغا تەرەت سۇندۇرۇشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن[11].
8– پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنچىغا ۋە سۇغا سيىشتىن توسقان[12].
9 – ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سىيگەنلىكىمنى كۆرۈپ، «ئى ئۆمەر! ئۆرە تۇرۇپ سىيمىگىن!» دېگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئۆرە تۇرۇپ سىيمىدىم[13].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە كىم «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆرە تۇرۇپ سىيگەن» دېسە، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داۋاملىق ئولتۇرۇپ سىيەتتى[14].
10- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەردىن بىر كىشى ھاجەتخانىغا بارسا، ئۈچ دانە تاش بىلەن تەرەت يوللىرىنى تازىلىسۇن. چۈنكى ئۈچ دانە تاش ئۇنىڭغا يېتەرلىك[15]. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەت سۇندۇرغىلى چىقسا، مەن ۋە بىزدىن بىر بالا ئىستىنجا قىلىشى ئۈچۈن بىر قاچىدا سۇ ئېلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقاتتۇق[16].
ئەسكەرتىش:
مەقسەت تەرەت يوللىرىنى پاكىزلاش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشنى سۇ بىلەن ئادا قىلىش بەك ياخشى. شۇنىڭ بىلەن بىللە تاش، چالما ۋە تازىلىق قەغىزى قاتارلىق ئۆزى پاكىز، نىجاسەتنى چىقىرالايدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ ئادا قىلىشقا بولىدۇ.
11- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەردىن بىر كىشى سىيگەندە زەكىرىنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتمىسۇن، ئوڭ قولى بىلەن ئىستىنجا قىلمىسۇن ۋە قاچىنىڭ ئىچىگە تىنمىسۇن. دېگەن[17].
12- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىپ بولۇپ، قولىنى يەرگە سۈرتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[18].
بۇ يەردە قولنىڭ تېخىمۇ پاكىز بولۇشى مەقسەت قىلىنغان. ھازىرقى زاماندا بۇ مەقسەتنى سوپۇن بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.
13 –ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خالادىن چىققاندا «پەرۋەردىگارىم! مېنى كەچۈرگىن» دەيتتى[19].
[1]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 10؛ تىرمىزىي، لىباس 16؛ نەسەئىي، زىينەت 54.
[3]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 1.
[4]– بۇ دۇئانىڭ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئى ئاللاھ! مەن ئەركەك ۋە چىشى جىنلاردىن قېچىپ ساڭا پاناھلىنىمەن. ياكى ئى ئاللاھ، مەن پاسكىنىچىلىقتىن ۋە پاسكىنا نەرسىلەردىن قېچىپ ساڭا پاناھلىنىمەن.- (بۇخارىي، ۋۇدۇ 9، دوئەۋات 15؛ مۇسلىم، ھەيز 122؛ تىرمىزىي، تاھارەت 4؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 3؛ نەسەئىي، تاھارەت 18).
[5]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 8؛ تىرمىزىي، تاھارەت 67، ئىستىئزان 27؛ نەسەئىي، تاھارەت 32-33؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 27؛ دارەمى، ئىستىئزان 13.
[6]– مەدىنىدە قىبلىگە ئالدىنى ياكى ئارقىسىنى قىلماسلىق ئۈچۈن شەرق ياكى غەربكە قاراشقا توغرا كېلىدۇ. باشقا جايلاردا ياشايدىغان ئىنسانلار شەرق ياكى غەربنى ئۆلچەم قىلماي، قىبلىگە ئالدى ياكى ئارقىسىنىڭ بولۇپ قالماسلىقىنى ئاساس قىلىشى لازىم.
[7]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 11، سالاھ 29؛ مۇسلىم، تاھارەت 59؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 4؛ تىرمىزىي، تاھارەت 6؛ نەسەئىي، تاھارەت 19؛ 20 ۋە 21.
[8]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 12، 14، خۇمۇس 4؛ مۇسلىم، تاھارەت 62؛ مۇۋاتتا، قىبلە 3؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 5؛ تىرمىزىي، تاھارەت 7؛ نەسەئىي، تاھارەت 22.
[9]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 4.
[11]– مۇسلىم، تاھارەت 68؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 14.
[12]– بۇخارىي، 48 – سۈرىنىڭ تەپسىرى 5؛ مۇسلىم، تاھارەت 94 ۋە 96؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 15؛ 36؛ تىرمىزىي، تاھارەت 17، 51، نەسەئىي، تاھارەت 31، 45، 146؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 12، 25؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، مۇسنەد 4/ 110 ۋە 111؛ نۇرۇددىن ئەلى ئىبنى ئەبى بەكرى ئەل – ھەيسەمىي، مەجمەئۇززەۋائىد ۋە مەنبەئۇل فەۋەائىد، بېيرۇت 1988، 1 – توم، 204 – بەت.
[13]– تىرمىزىي، تاھارەت 8.
[14]– تىرمىزىي، تاھارەت 8؛ نەسەئىي، تاھارەت 25.
[15]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 21؛ نەسەئىي، تاھارەت 40؛ دارە قۇتنىي، ئىستىنجا 4.
[16]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 15- 16- 17، 56، سالات 93؛ مۇسلىم، تاھارەت 70؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 23؛ نەسەئىي، تاھارەت 41.
[17]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 19.
[18]– نەسەئىي، تاھارەت 43؛ ئىبنى ماجە، تاھارەت 29.