قۇرئان يولى
پاكىزلىقنىڭ تۈرلىرى 1

پاكىزلىقنىڭ تۈرلىرى

2§. مەنىۋى پاكىزلىق

مەنىۋى پاكىزلىق – مەنىۋى نىجاسەت بولغان شېرىك، شەك، ھەسەت، يامان نىيەت، ئاداۋەت، ساختىلىق، تەكەببۇرلۇق، ماختانچاقلىق، رىياكارلىق، شۆھرەتپەرەسلىك ۋە باشقا پۈتۈن گۇناھلاردىن پاكلانماق دېمەكتۇر. بۇ، قەلبنى ئۇ نىجاسەتلەردىن پاكلاپ ئۇنىڭغا تەۋھىد، ئىخلاس ۋە ياخشى نىيەت قاتارلىقلارنى يەرلەشتۈرۈش بىلەن، نەپسىنى سەمىمىي تەۋبە قىلىش ئارقىلىق گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن پاكىزلاش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. مانا بۇ مەنىۋى پاكىزلىقتۇر، شۇنداقلا ئىماننىڭ يېرىمىدۇر. تۆۋەندىكى ئايەتلەر ۋە ھەدىس بۇ مەنىۋى نىجاسەتلەرگە دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡمُشۡرِكُونَ نَجَسٞ فَلَا يَقۡرَبُواْ ٱلۡمَسۡجِدَ ٱلۡحَرَامَ بَعۡدَ عَامِهِمۡ هَٰذَاۚ وَإِنۡ خِفۡتُمۡ عَيۡلَةٗ فَسَوۡفَ يُغۡنِيكُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦٓ إِن شَآءَۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ حَكِيمٞ  ٢٨﴾

«ئى مۇئمىنلار! شۈبھىسىزكى، مۇشرىكلار نىجىستۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ يىلدىن كېيىن مەسجىدى ھەرەمگە يېقىنلاشمىسۇن. ئەگەر يوقسۇزلۇقتىن قورقساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ خالىسا سىلەرنى ئۆز پەزلى بىلەن بىھاجەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[1].‏

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡخَمۡرُ وَٱلۡمَيۡسِرُ وَٱلۡأَنصَابُ وَٱلۡأَزۡلَٰمُ رِجۡسٞ مِّنۡ عَمَلِ ٱلشَّيۡطَٰنِ فَٱجۡتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ  ٩٠﴾

«ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، تىكلەپ قويۇلغان تاشلار، پال ئوقلىرى ھەقىقەتەن پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار. مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»[2].

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «مۇئمىن نىجىس بولمايدۇ» دېگەن[3]

3§. ماددىي پاكىزلىق

 ماددىي پاكىزلىق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ھەدەستىن (ھۆكمىي نىجاسەتتىن)، يەنە بىرى خۇبستىن (ماددىي نىجاسەتتىن) پاكلىنىشتۇر. ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنىڭ، پاكىزلىق قوراللىرىنىڭ بىرى بىلەن بۇ ئىككى كىردىن پاكلىنىشى شەرتتۇر.

1.    پاكىزلىق قوراللىرى

1) سۇ

سۇ ئۆزى پاكتۇر، باشقا نەرسىلەرنى پاكىزلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ ٱلرِّيَٰحَ بُشۡرَۢا بَيۡنَ يَدَيۡ رَحۡمَتِهِۦۚ وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ طَهُورٗا  ٤٨﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى رەھمىتىنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى قىلىپ ئەۋەتتى. بىز ئاسماندىن پاك ۋە پاكلىغۇچى سۇ چۈشۈردۇق‏»[4].

بۇ ئايەتتىكى سۇ – يامغۇر، قار ۋە مۆلدۈر  سۇلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ «دېڭىز سۈيى بىلەن تاھارەت ئالساق بولامدۇ» دەپ سورىغان كىشىگە: «دېڭىزنىڭ سۈيى پاكتۇر ۋە پاكلىغۇچىدۇر»[5] دېگەن سۆزىدىن دېڭىز – ئوكيان سۇلىرىنىڭمۇ پاكلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ  بىر چېلەك زەمزەم سۈيى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئىچكەنلىكى ۋە تاھارەت ئالغانلىقى مەلۇم [6]. بۇ  قۇدۇق ۋە بۇلاق سۇلىرىنىڭ پاكىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئېرىق – ئۆستەڭ ۋە دەريالارنىڭ سۇلىرى قار، يامغۇر ياكى بۇلاق سۇلىرىدىن ھاسىل بولغانلىقى ئۈچۈن  بۇلارمۇ پاك ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن تاھارەت ئېلىشقا بولىدۇ.

2) پاك تۇپراق

تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىغان ياكى سۇنى ئىشلىتىشكە قادىر بولالمىغان كىشى ئۈچۈن پاك تۇپراق سۇنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. ئۇ كىشى پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىپ نامىزىنى ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە كېيىنچە قايتا توختىلىمىز.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1 : 17 – 19.

[1] 9 – سۈرە تەۋبە، 28 – ئايەت.

[2] 5 – سۈرە مائىدە، 90 – ئايەت.

[3] بۇخارى، «غۇسل»، 23، 34؛ مۇسلىم، «ھەيز»، 371؛ ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 97؛ تىرمىزى، «تاھارەت»، 89؛ نەسەئى،  «تاھارەت»، 172؛ ئىبنى ماجە، «تاھارەت»، 80 .

[4] 25 – سۈرە فۇرقان، 48 – ئايەت.

[5] ئەبۇ داۋۇد، «تاھارەت»، 41، تىرمىزى، « تاھارەت»، 52، نەسەئى، «مىياھ»، 5.

[6]  ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 3: 315.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر