ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
1- كاپىرلار ماڭا يەپ-ئىچىدىغان نەرسە ھەدىيە قىلسا ئېلىپ ئىستېمال قىلسام بولامدۇ؟
2- «ئارقا ئىشىك» قىلىپ ئوقۇۋاتقان كەسپىمنى ئالماشتۇرسام ياكى خىزمىتىمنى ئۆستۈرسەم بولامدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
جاۋاب:
1- توڭگۇز گۆشى، ھاراق، ياكى باشقا ھارام نەرسىلەرنى ھەدىيە ئېلىپ ئىستېمال قىلسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ، لېكىن مېۋە-چېۋىدەك ياكى چاي-سۇدەك ھالال نەرسىلەرنى بەرسە ئېلىپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ھالال نەرسە كاپىرنىڭ قولى تەگكەنلىكى ئۈچۈن ھارام بولۇپ كەتمەيدۇ.
2- ئۇنداق قىلىش پارا بەرگەنلىك، شۇنداق ھارام ئىش قىلغانلىق بولىدۇ. ساقلىنىش كېرەك!