ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئالدى بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنى پەرزلەرنى ئادا قىلىدۇ دەپ ياخشى گۇمان قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ 10 ـ ۋە 11 ـ ئايەتلىرىدە مۇئمىنلارنى بىر ـ بىرىنى مەسخىرە قىلىشتىن، بىر ـ بىرىنى ئەيىبلەشتىن، بىر ـ بىرىنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرىشتىن، كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلىشتىن، باشقىلارنىڭ ئەيبىنى ئىزدەشتىن ۋە باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن توسىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى ماھىيىتىدە مۇنداق بىر ھەدىسى بار:
««گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى گۇمانخورلۇق سۆزلەرنىڭ ئەڭ يالغىنىدۇر. كىشىلەرنىڭ ئەيبىنى ئىزدىمەڭلار، تىڭ – تىڭلاپ يۈرمەڭلار، نەپسانىيەتچىلىك قىلماڭلار، ھەسەت قىلىشماڭلار، ئاداۋەت قىلىشماڭلار، ماي تارتىپ يۈرۈشمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە قېرىنداشلار بولۇڭلار، مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلمايدۇ، مۇسۇلمان مۇسۇلماننى خارلىمايدۇ، مۇسۇلمان مۇسۇلماننى كەمسىتمەيدۇ، تەقۋالىق مانا مۇشۇ يەردىدۇر،( يەنى قەلبتىدۇر)» ( بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز باشقىلار ھەققىدە ئالدىراپ كاپىر، مۇناپىق دەپ ھۆكۈم چىقارماسلىقىمىز لازىم. بىزنىڭ ئۇنداق ھۆكۈم چىقىرىش ھەققىمىز ۋە ھوقۇقىمىزمۇ يوق.
بىز مۇسۇلمان دەپ بىلىدىغان بىر كىشى يېزىش ياكى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كاپىرلىقىنى ياكى مۇناپىقلىقىنى ئېلان قىلمىغانلا بولسا، ئۇ بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن قولۇم ـ قوشنىلىرىمىزنى ياخشى گۇمان قىلىپ، ئۇلارغا ياخشى قوشنىدارچىلىق قىلىشىمىز، ئۇلارغا سوۋغا ـ سالام بېرىشىمىز، ئۇلاردىن سوۋغا ـ سالام ئېلىشىمىز، ئۇلار بىلەن بېرىش ـ كېلىش مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.