قۇرئان يولى
نېمە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىمىز؟ 1

نېمە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىمىز؟

          قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھېكمىتى

ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتتە قۇربانلىق قىلىشقا نېمە ئۈچۈن بۇيرىغانلىقىنىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلىدۇ:

وَٱلۡبُدۡنَ جَعَلۡنَٰهَا لَكُم مِّن شَعَٰٓئِرِ ٱللَّهِ لَكُمۡ فِيهَا خَيۡرٞۖ فَٱذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهَا صَوَآفَّۖ فَإِذَا وَجَبَتۡ جُنُوبُهَا فَكُلُواْ مِنۡهَا وَأَطۡعِمُواْ ٱلۡقَانِعَ وَٱلۡمُعۡتَرَّۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرۡنَٰهَا لَكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  لَن يَنَالَ ٱللَّهَ لُحُومُهَا وَلَا دِمَآؤُهَا وَلَٰكِن يَنَالُهُ ٱلتَّقۡوَىٰ مِنكُمۡۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرَهَا لَكُمۡ لِتُكَبِّرُواْ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمۡۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُحۡسِنِينَ  ۞

«بىز سىلەرگە قۇربانلىق قىلىدىغان گەۋدىلىك ھايۋانلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ نىشانلىرىدىن قىلىپ بەردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا ياخشىلىق بار. ئۇ ھايۋانلارنى قاتار تۇرغۇزۇپ قۇربانلىق قىلىشقا تەييار ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ دەپ بوغۇزلاڭلار. ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۈكۈر قىلغايسىلەر.‏ شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشلىرىمۇ، قانلىرىمۇ يەتمەيدۇ. لېكىن ئاللاھقا سىلەرنىڭ تەقۋالىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»-22-سۈرە ھەج، 36 ~ 37- ئايەتلەر).

بۇ ئايەتتىن قۇربانلىق قىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك مەقسەتلەر ئۈچۈن قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز:

1.     ئاللاھقا يېقىنلىشىش

قۇربانلىق قىلىش، ئىسمىدىنمۇ مەلۇم بولغاندەك ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ «قۇربانلىق قىلىڭلار» دېگەن مەزمۇندىكى سۆزلىرى: «مۇئەييەن سۈپەتلەردىكى ھايۋانلاردىن مەلۇم كۈنلەردە بىسمىللاھ دەپ بوغۇزلاش ئارقىلىق ماڭا يېقىنلىشىڭلار» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەتلەر «قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى»دە زىكىر قىلىندى.

2.     گۆش يېيىش ۋە يېگۈزۈش

ھېيت كۈنلىرى قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ گۆشلىرىدىن قۇربانلىق قىلغۇچى كىشى ۋە ئۇنىڭ بالا – چاقىلىرى يەيدۇ، شۇنداقلا ھېيتلاپ كەلگەنلەرگە سۇنۇلىدۇ  ۋە پېقىر – مىسكىنلەرگە ھەدىيە قىلىنىدۇ. ئايەتتىكى «ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار…». ئىپادىسى بۇنى كۆرسىتىدۇ. 

3.     سەمىمىيەت ۋە تەقۋالىقنى ئىپادىلەش

قۇربانلىق قىلىش – بىزگە ھالال قىلىنىپ، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن بويسۇندۇرۇلغان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۆز مەنپەئەتىمىزدىن ۋاز كىچىپ، ئاللاھنىڭ «قۇربانلىق قىلىڭلار» ئەمرىگە بويسۇنۇشتۇر. ئايەتتە دېيىلگەندەك، ئاللاھنىڭ قۇربانلىقنىڭ گۆشىگە ۋە قىنىغا ئېھتىياجى بولمىسىمۇ بۇنداق بىر ئىشقا بۇيرۇشى، ئەمەلىيەتتە مۇئمىنلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ھەر ئەمرىگە بويسۇنۇپ بۇيسۇنمايدىغانلىقىنى، ئاللاھ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىدىن ۋاز كىچىپ كېچەلمەيدىغانلىقىنى سىنايدىغان بىر ئىمتىھاندۇر. شۇڭلاشقا، ئەگە بۇ ئەمىرنى بىجا كەلتۈرسەك ئاللاھقا بولغان سەمىمىيەتىمىزنى ۋە تەقۋالىقىمىزنى ئىپادىلىگەن بولىمىز. ئاللاھمۇ بىزنى ياخشىلىق قىلغۇچىلاردىن سانايدۇ.      

4.     ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى تىرىلدۈرۈش

ئاللاھ تائالا ئەلچىلىرىدىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن بىر ئىمتىھان ئالغان ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئەنە شۇ ئىلاھى ئىمتىھان ئەسلىنىدۇ ۋە زېھىنلەردە جانلاندۇرۇلىدۇ. ئۇ ئىمتىھاننىڭ جەريانى مۇنداق:

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرگەن ۋە پەيغەمبەرلەرگە خاس ئىمانى ۋە ئاتىلارغا خاس مېھرى بىلەن ئوغلى ئىسمائىلغا: «ئى ئوغۇلچىقىم! مەن سېنى قۇربانلىق قىلىپ چۈش كۆرۈپتىمەن، ئويلاپ باققىنا، سەن قانداق قارايسەن!» دەيدۇ، ئوغۇل دادىسىغا: «دادىكا! ساڭا بۇيرۇلغاننى قىلغىن. ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋر قىلغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن: «دادا – بالا ئىككىيلەن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولۇپ، ئىبراھىم ئوغلىنى دۈم ياتقۇزىدۇ»، دەل بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئىبراھىم! سەن چۈشۈڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ!» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئاندىن: «شۈبھىسىزكى بۇ، ئوپئوچۇق بىر ئىمتىھان ئىدى. بىز ئىبراھىمغا ئوغلىنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىق بەردۇق» دەپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ[2].

[2]  قاراڭ: 37 – سۈرە ساففات، 102 ~ 107 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر