قۇرئان يولى
نىجاسەت يېگەن ھايۋاننىڭ ھۆكمى نېمە؟ 1

نىجاسەت يېگەن ھايۋاننىڭ ھۆكمى نېمە؟

نىجاسەت يېگەن ھايۋاننىڭ ھۆكمى

توخۇ، غاز، ئۆردەك قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىدىن؛ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىدىن نىجاسەت يەپ ئوزۇقلانغانلىرى «جەللالە» دەپ ئاتىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشىنى، سۈتلىرىنى ئىچىشىنى ۋە ئۈستىگە مىنىشنى ياقتۇرمىغانلىقى ۋە چەكلىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[1].

بۇ رىۋايەتكە ئاساسەن، پەقەت نىجاسەت بىلەنلا ئوزۇقلىنىدىغان ھايۋانلارنى بىر مۇددەت ساقلاتماستىن ئۆلتۈرۈپ يېيىش مەكرۇھتۇر. ئەگەر ساقلاتمايلا ئۆلتۈرسە ئەۋزەلنى تەرك ئەتكەنلىك بولىدۇ، لېكىن ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئىشنىڭ ئەسلى شۇكى: ھايۋانلارنىڭ يېيىشى ۋە ئىچىشى ئۈچۈن ھالال – ھارام دەپ چەكلىمە يوق. يەنى ھايۋانلار خالىغىنىنى يەيدۇ. ئاللاھ تائالا بىز ئىنسانلار ئۈچۈن ھالال قىلىپ بەرگەن ھايۋانلارنى خالىغان ۋاقتىمىزدا ئۆلتۈرۈپ يېيىشىمىزنىڭ ھېچبىر يامان تەرىپى يوق. لېكىن نىجاسەت يەيدىغان ھايۋاننىڭ گۆشى پۇرايدۇ ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە خۇش كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ھايۋانلارنى بىرقانچە كۈن ساقلىتىپ، بۇ ئەسنادا ئۇلارنى پاك نەرسىلەر بىلەن بېقىپ ئاندىن يېيىش ياخشىدۇر.

[1] ئەبۇ داۋۇد،  «ئەتئىمە»، 25؛ نەسەئى، «داھايا»، 43 – 44؛ ئىبنى ماجە،  «زەبائىھ»، 11؛ مۇۋەتتا، «ئەداھى»، 28؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ، مۇسنەد، 1: 219 –  226.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر