نامازنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى
بۇ يەرگىچە نامازنى ئەتراپلىق بىر شەكىلدە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتۇق. ئەمدى نامازنىڭ قانداق قىلىنىشىنى ماددىلار ھالىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز:
1- ناماز ئۈچۈن ئالدىنقى شەرتلەرنى[1] تولۇقلاپ بولغان كىشى قوللىرىنى مۈرىلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا، بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان شەكىلدە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ «اللّهُ أَكْبَرُ» دەپ قوللىرىنى باغلاپ تۇرىدۇ.
2- ئاندىن «سُبْحَانَكَ اللهُمَّ وَبِحَمْدِكَ وتَبَارَكَ اسْمُكَ وَتَعَالَى جَدُّكَ وَلَا إِلَهَ غَيْرُكَ» نى ئوقۇيدۇ.
3- ئاندىن «أَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ» نى ئوقۇيدۇ.
4- ئاندىن «بِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ» نى ئوقۇيدۇ.
5- ئاندىن سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيدۇ.
6- سۈرە فاتىھەنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئامىين («آمين») دەيدۇ.
7- ئاندىن سۈرە زەم قىلىدۇ، يەنى سۈرە فاتىھەنى ئوقۇپ ئامىين دېگەندىن كېيىن بىر سۈرە ياكى بىرقانچە ئايەت ئوقۇيدۇ. بۇنى پەرز نامازنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىدە ۋە باشقا نامازلارنىڭ ھەر رەكىتىدە قىلىدۇ. ئەگەر سۈرە فاتىھە ۋە سۈرە/ئايەتلەر ئوقۇشنى بىلمىسە «قىرائەت» نىڭ ئورنىدا يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەدىسلەردە ئۆگىتىلگەن زىكىر، تەسبىھ ۋە دۇئالارنى ئوقۇيدۇ.
8- ئاندىن «اللّهُ أَكْبَرُ» دەپ رۇكۇغا بارىدۇ. رۇكۇ مۇنداق: ئېگىلىپ ئىككى ئالىقان بىلەن ئىككى تىز تۇتۇلىدۇ. بىلەكلەر ۋە پاچاقلار تۈز تۇتۇلىدۇ، پاچاقلار ئېگىلىپ بەرسە بولمايدۇ، باش بىلەن بەل ئوخشاش سەۋىيەدە بولىدۇ.
9- ئاندىن رۇكۇدا تۇرۇپ «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.
10- ئاندىن «سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ» دەپ رۇكۇدىن باش كۆتۈرىدۇ.
11- ئاندىن تۈز ھالەتتە تۇرۇپ «رَبَّنَا لَكَ الْحَمْدُ» دەيدۇ.
12- ئاندىن «اللّهُ أَكْبَرُ» دەپ سەجدىگە بارىدۇ.
سەجدىدە تىزلار يەرگە قويۇلىدۇ. ئىككى پۇتمۇ يەرگە قويۇلۇپ پۇتلارنىڭ ئۇچلىرىن ئالدى تەرەپكە ئېگىلىدۇ. ئىككى ئالىقان يەرگە قويۇلىدۇ. پېشانە ۋە بۇرۇن ئىككى ئالىقاننىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ. بىلەكلەر بېقىنغا تېگىپ قالسا بولمايدۇ. قورساق بىلەن ئىككى يوتا ئارىسىدا ئوچۇقلۇق بولۇشى لازىم.
13- ئاندىن سەجدىدە تۇرۇپ «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْأَعْلَى» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.
14- ئاندىن «اللّهُ أَكْبَرُ» دەپ سەجدىدىن باش كۆتۈرىدۇ ۋە بېشى تىك، ۋۇجۇدى تۈز ھالەتتە ئولتۇرىدۇ.
15- ئاندىن «اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي، وَارْحَمْنِي، وَعَافِنِي، وَاهْدِنِي، وَارْزُقْنِي» دېگەن دۇئانى بىر قېتىم ئوقۇيدۇ.
16- ئاندىن «اللّهُ أَكْبَرُ» دەپ ئىككىنچى سەجدىگە بارىدۇ ۋە «سُبْحَانَ رَبِّيَ الْأَعْلَى» نى ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ.
17- ئاندىن «اللّهُ أَكْبَرُ» دەپ ئىككىنچى سەجدىدىن باش كۆتۈرىدۇ.
18- ئاندىن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ تىك ھالەتكە كېلىپ بولغاندىن كېيىن «بِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ» نى ئوقۇپ ئىككىنچى رەكەتنى باشلايدۇ. نامازنىڭ ئىككىنچى رەكىتى بىرىنچى رەكىتىدەكلا ئوقۇلىدۇ.
19- ئىككىنچى رەكەتنىڭ ئىككىنچى سەجدىسىدىن كېيىن ئىككى قولىنىڭ بارماق ئۇچلىرى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە توغرا كېلىدىغان شەكىلدە ئىككى قولىنى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىدە قويۇپ ئولتۇرىدۇ ۋە ئەتتەھىيياتۇ… نى ئوقۇيدۇ.
20- ئەگەر ناماز ئىككى رەكەتلىك بىر ناماز بولسا ئەتتەھىيياتۇدىن كېيىن ئاللاھۇممە سەللىئەلا، ئاللاھۇممە بارىكئەلا ۋە رەببەنالارنى ئوقۇيدۇ.
21- ئاندىن ئاۋۋال ئوڭ تەرەپكە ئاندىن سول تەرەپكە «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ» دەپ سالام بېرىپ نامازدىن چىقىدۇ.
22- ئەگەر ناماز ئىككى رەكەتلىكتىن ئارتۇق ناماز بولسا «ئەتتەھىيياتۇنى ئوقۇپلا «اللّهُ أَكْبَرُ» دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېيىنكى رەكەتلەرنى ئوقۇيدۇ. ھەر رەكەت يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئوقۇلىدۇ.
23- نامازغا باشلىغاندىن تارتىپ نامازدىن سالام بېرىپ چىققۇچىلىك خۇشۇئ قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ. الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ»
«نامىزىدا خۇشۇئ قىلغۇچى مۇئمىنلار ئەلۋەتتە مۇرادىغا يېتىدۇ»- مۇئمىنۇن 23/1-2.
خۇشۇئ دېگەن سۆز ئەيمەنمەك، تەپ تارتماق، سۈر باسماق، تۆۋەنلىمەك، ئېھتىرام بىلدۈرمەك، دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ.
نامازدىكى خۇشۇئ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بولغانلىقى چۈشەنچىسى بىلەن تەۋازۇ كۆرسىتىپ بويۇن ئېگىشىنى ئىپادىلەيدۇ. خۇشۇئنىڭ قەلبىي تەرىپى، بەندىنىڭ جانابىي ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ قەلبىنىڭ كامالى ئېھتىرام تۇيغۇسى ئىچىدە بولۇشىدۇر. خۇشۇئنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بولسا، ۋۇجۇد ئورگانلىرىدا ئۇ ئېھتىرام تۇيغۇسى بىلەن بىر جىمجىتلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشى، كۆزلەرنىڭ ئوڭ-سولغا ئەمەس، سەجدە قىلىدىغان يەرگە تىكىلىپ باشقا بىر نەرسە بىلەن مەشغۇل بولماسلىقىدۇر[2].
نامازنىڭ قىيامىدا بولمىسۇن، باشقا يەرلىرىدە بولمىسۇن، پۈتكۈل باسقۇچلىرىدا خۇشۇئغا توسالغۇ بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك. باشنى ئوڭ-سولغا بۇرىماق، كۆزنى ئوڭ-سولغا قاراتماق، كىيىم-كېچەك، چاچ-باش ۋە ساقال-بۇرۇتلار بىلەن ئوينىماق، ئۇيەر-بۇيەرنى قاچلىماق، تۈگمىنى ئاچماق ياكى ئەتمەك… قاتارلىق ئىشلار خۇشۇئغا توسالغۇ بولىدىغان ئىشلاردۇر. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇللاھدىن نامازنىڭ ئىچىدە باشنى ئوڭ-سولغا بۇراشنى سورىدىم. ئۇ: «بەندىنىڭ نامىزىدىن شەيتاننىڭ ئوغرىلىغان بىر نەرسىسىدۇر» دەپ جاۋاب بەردى[3].
[1] – بۇ شەرتلەر 5 بولۇپ مۇنۇلاردىن ئىبارەت: 1- تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ۋە ياكى تەيەممۇم قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى مەنىۋى نىجاسەتتىن پاكىزلاش، 2- بەدەننى، كىيىم-كېچەكنى ۋە ناماز ئوقۇلىدىغان جاينى ماددىي نىجاسەتتىن پاكىزلاش، 3- ئەۋرەتنى يېپىش (يەنى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى ئۆزىنىڭ زىننەت ھېسابلىنىدىغان كىيىمىنى كىيىش- ئەئراف 7/31)، 4- قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش، 5- نىيەت قىلىش (يەنى، قايسى نامازنى ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈش).
[2] – ئەلمالىلى مۇھەممەد ھەمدى يازىر، ھەق دىنى قۇرئان دىلى، مەتبەئەئىي ئەبۇززىيا، ئىستانبۇل، 1936، 4- جىلد، 3428- بەت.
[3] – بۇخارى، ئەزان 93، بەدئۇل خەلق 11؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 161؛ تىرمىزى، جۈمە 59؛ نەسەئى، سەھۋ 10؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 6/7، 106.