ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! ئاللاھ تەئالا بىر كېچە ـ كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان. بۇ، كۈنىمىزدە نامازنىڭ پەرزلىرى دەپ ئاتىلىدىغان نامازلاردۇر. بۇ نامازلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەئالانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئوقۇغان. يەنى بامداتنى 2 رەكئەت، پېشىننى 4 رەكئەت، نامازدېگەرنى 4 رەكئەت، نامازشامنى 3 رەكئەت، خۇپتەننى 4 رەكئەت ئوقۇغان ۋە باشقىلارغا مۇشۇنداق ئوقۇشنى ئۆگەتكەن.
قۇرئان كەرىمدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ۋە ساھابىلەرنىڭ زامانىدا «بەشۋاخ ناماز» دېيىلسە، رەكئەت سانى ئەنە شۇ يۇقىرىدىكىلەردىن ئىبارەت بولغان بەشۋاخ ناماز چۈشىنىلەتتى.
لېكىن كېيىنكىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامداتقا چىقشتىن بۇرۇن ئوقۇغان ئىككى رەكئەت، پېشىنگە چىقىشتىن بۇرۇن بەزى چاغلاردا ئوقۇغان 4 رەكئەت (چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى چاغلاردا پېشىنگە چىقىشتىن بۇرۇن 2 رەكئەت ئوقۇغانلىقى ھەققىدىمۇ ھەدىسلەر بار)، پېشىندىن قايتىپ بەزى چاغلاردا ئوقۇغان 2 رەكئەت (چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى چاغلاردا پېشىندىن قايتىپ 4 رەكئەت ئوقۇغانلىقى ھەققىدىمۇ ھەدىسلەر بار)، نامازدېگەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئوقۇغان 4 رەكئەت (بۇ 4 رەكئەت بەزى جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئومۇملاشمىغان)، نامازشامدىن قايتىپ ئوقۇغان 2 رەكئەت، خۇپتەندىن قايتىپ ئوقۇغان 2 رەكئەت، كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ بەزى چاغلاردا ئوقۇغان 3 رەكئەت تەھەججۇد (چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەھەججۇدنى ئېزى 3 رەكئەت، جىقى 11 رەكئەت ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ) قاتارلىق نەپلە نامازلارنى ئاللاھ تەئالا ئوقۇشنى پەرز قىلغان نامازلارنىڭ ئالدى ـ كەينىگە قوشۇپ، ھەممىسىنى ئوقۇمىسا بولمايدىغان نامازلار قىلىپ بېكىتىشكەن.
شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تەئالا بۇيرۇغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بەشۋاخ نامازنىڭ رەكئەت سانى ئۆزگىرىپ، تېخىمۇ توغرىسى ئۆزگەرتىلىپ تۆۋەندىكى شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن:
بامدات 4 رەكئەت، پېشىن 10 رەكئەت، نامازدېگەر 8 رەكئەت، نامازشام 5 رەكئەت، خۇپتەن 9 رەكئەت.
سىز قانداقلا بىر مۇسۇلماندىن «پېشىن نامىزى قانچە رەكئەت؟» دەپ سورىسىڭىز، دەرھال «10 رەكئەت» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. «4 رەكئەت» دېسىڭىز، قوبۇل قىلمايدۇ؛ چۈشەندۈرسىڭىز سىزگە قىلمىغان ھاقارىتى قالمايدۇ، سىزنى ئەيىبلايدۇ، دىنسىز دەپ تىللاپ كېتىدۇ، كۈچى يەتسە ئۇرۇشتىن يانمايدۇ.
ھالبۇكى مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېچبىر زامان ئۇ نەپلە نامازلارنى ئوقۇشقا بۇيرۇمىغانلىقىنى، ئەكسىچە تەشۋىق قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ، بەشۋاخ نامازنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق. يەنى سىز كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرىدىن قانداقلا بىر نامازنىڭ رەكئەت سانىنى سورىسىڭىز، ئۇ سىزگە ئاللاھ تەئالا بۇيرۇغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن سان بىلەن ئەمەس، كېيىنكىلەر بېكىتكەن سان بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى پەرزنى ئاللاھغا، سۈننەتنى پەيغەمبەرگە ئوقۇيمىز دەپ «چۈشەنچە» مۇ بېرىشىدۇ.
ئىش مانا مۇشۇنداق، قېرىندىشىم! ئەسلى مەنىسى «ئاللاھغا تەسلىم بولۇش» بولغان ئىسلامنىڭ مەنىسى، «كونىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش» بولۇپ قالغان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەنىسى ئۆزگەرتىلگەن ئىسلامنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئاللاھ تەئالا مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان رەھمەت، ياردەم ۋە نېمەتلەردىن مەھرۇم قالغان. بۇنى كۈنىمىزدە چۈشىنىشىڭىز قىيىن بولمىسا كېرەك.
يىغىپ ئېيتقاندا سىز نامازنىڭ سۈننىتى دەپ ئاتىلىدىغان (بەشۋاخ نامازنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى) نەپلە نامازلارنى ۋاقتىڭىز بولسا ۋە ئۆزىڭىز ئوقۇشنى خالىسىڭىز، ئوقۇسىڭىز ساۋابقا ئېرىشىسىز. ۋاقتىڭىز بولمىسا ياكى ئوقۇشنى خالىمىسىڭىز، ئوقۇمىسىڭىز گۇناھكار بولمايسىز. مۇھىمى ئۇ نەپلە نامازلارنى ئوقۇمىغان چېغىڭىزدا نامازنى چالا ئوقۇغاندەك بولۇپ قالماسلىقىڭىز لازىم.