قۇرئان يولى

مەن بىر بېقىۋېلىنغان بالا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم ئۇستاز ئاللاھ ئۆزلىرىگە كاتتا ساۋاب ئاتا قىلغاي ئامىن. مەن ئۆزلىرىنىڭ مىراس توغرۇلۇق ناھايىتى ئەتراپلىق بەرگەن پەتىۋالىرىنى كۆرۈپ ئۆزۈم توغرۇلۇق بىر مەسىلىنى سورىغۇم كەلدى. مۇمكىن بولسا مەن ئۈچۈنمۇ بىر توغرا يول كۆرسىتىپ بەرسىكەن دېگەن ئۈمىدتە سىلەرنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. سۆزۈم ئۇزۇنراق ئەپۇ قىلغايلا.
مەن بىر بېقىۋېلىنغان بالا. مېنى بېقىۋالغان دادامنىڭ بىر قىزى بار. بېقىۋالغان دادام مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇ قىزنىڭ ئانىسى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن ئىكەن. دادام كىيىنكى ئايالى يەنى مېنى بېقىۋالغان ئانام بىلەن مېنى بىر قوللۇق چوڭ قىلىپ ئۆيلۈك- ئوچاقلىق قىلغان.
دادامنىڭ ئۇ قىزى ئىككى ئوغلىنى يېتىم قىلىپ باشقا بىر ئەرگە تەككەنلىكى ئۈچۈن دادام نارازى بولۇپ مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن ئىدى. شۇندىن ئېتىبارەن مەن ئۇلارنىڭ كېسەللىرىنى داۋالىتىپ ھالىدىن ئۇلار ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك خەۋەر ئالغان ئىدىم.
دادامنىڭ ئۇ قىزى ئۇ ۋاقىتلاردا كېيىنكى ئېرى بىلەن تۇرمۇشى غورىگىل ۋە دېگەندەك خاتىرجەم بولغانمىغان. شۇنداق بولغاچقا مەن ئۇ ئاچامغا يېنىپ كېلىڭ، بىرگە تۇرايلى، سىز ئۇلارنىڭ ئۆي ئىچىدىكى ئاش-تاماق ئىشلىرىنى، مەن ئۇلارنىڭ خەج-خىراجەتلىرىنى ئۈستۈمگە ئالاي، مەن تىجارەت قىلغاچقا كوپ ۋاقتىم سىرتتا، يەنە كېلىپ بۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىز، مەن بۇلارنىڭ مىراسىدىن ھېچ نەرسە ئالماي، جامائەت گۇۋاھلىقى بىلەن سىزگە ۋەدە بېرەي دېسەممۇ ماقۇل دەپ قۇيۇپلا بىلگىنىنى قىلغان.
سوئال:
مەن بىر بېقىۋېلىنغان بالا. مېنى بېقىۋالغان ئاتا-ئانامدىن قالغان بۇ ئوينى شۇلارنىڭ ۋەسىيىتى بۇيىچە ئۆزۈم تەسەررۇپ قىلىۋاتىمەن. ئۇلارنى داۋالىتىش ئازدۇر ـ كۆپتۇر قەرزلىرىنى تۆلەش ۋە ئۆلۈمىنى ئۇزىتىش جەريانىدا پۇلغا يارىغۇدەك شۇ ئويدىن باشقا مال ـ مۈلۈك قالمىغان ئىدى. ئۇ ئۆيلەرنىڭ قايتا يېڭىلاپ ئۆزۈم تەسەررۇپ قىلدىم.
سورايدىغىنىم بۇلاردىن قالغان بۇ ئۆينى ئۆزۈمنىڭ قىلىۋالسام توغرا بۇلامدۇ؟ ياكى دادامنىڭ ئۇ قىزىغا بېرىۋېتەدىم؟ ئەگەر بېرىۋەتسەم ھازىرقى ئۆينى بېرەمتىم؟ ياكى ئىلگىرىكى ئۆينىڭ باھاسىنى قولۇم ـ قوشنىلارغا باھالىتىپ پۇلىنى تۆلىسەممۇ بولامدۇ؟ ئەگەر ئۆينى پۇلغا سۇندۇرىدىغان ئىش بولسا ھازىرقى باھا بويىچە بۇلامدۇ؟ ياكى 18 يىل ئاۋۋالقى باھا بۇيىچە ھېساپلامدۇق؟ ماڭا توغرىسىنى كۆرسىتىپ بەرسىلە. ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.
ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇناسىر ئابدۇكېرىم
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
مۆھتەرەم قېرىندىشىم! سىزگە ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى مۇھىم نۇقتىنى ئەسكەرتىمەنكى، ئاندىن سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىمەن:
1- نۇقتا شۇكى، ئىسلام دىنىمىزنىڭ مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىدە بېقىۋالغان بالا مىراستىن ھەسسە ئالالمايدۇ. چۈنكى بېقىۋېلىش بېقىۋېلىنغۇچى بىلەن باققۇچى ئارىسىدا ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بېقىۋالغان بالا قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىدە ھەقىقىي بالا ھېسابلانمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«مَا جَعَلَ اللَّهُ لِرَجُلٍ مِنْ قَلْبَيْنِ فِي جَوْفِهِ وَمَا جَعَلَ أَزْوَاجَكُمُ اللَّائِي تُظَاهِرُونَ مِنْهُنَّ أُمَّهَاتِكُمْ وَمَا جَعَلَ أَدْعِيَاءَكُمْ أَبْنَاءَكُمْ ذَلِكُمْ قَوْلُكُمْ بِأَفْوَاهِكُمْ وَاللَّهُ يَقُولُ الْحَقَّ وَهُوَ يَهْدِي السَّبِيلَ. ادْعُوهُمْ لِآبَائِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِنْدَ اللَّهِ فَإِنْ لَمْ تَعْلَمُوا آبَاءَهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ وَمَوَالِيكُمْ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا»
«ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب ياراتمىدى. شۇنىڭدەك سىلەر: ‹سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن› دېگەن ئاياللىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ.
بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار. بۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە دوستلىرىڭلار. ئۇلارنى سەۋەنلىكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقا بىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سالساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇنى قەستەن قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/4-5.
بۇ ئايەتكە بولۇپمۇ ئايەتنىڭ ئاستى سىزىلغان قىسمىغا ئاساسەن سىزگە سىزنى بېقىۋالغان دادىڭىزنىڭ ياكى بېقىۋالغان ئانىڭىزنىڭ ۋە ياكى بۇلارنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىلىرىنىڭ مىراسىدىن ھېچ نەرسە تەگمەيدۇ.
2- نۇقتا شۇكى: يەنە بىر گەپ بىر بالىنىڭ ئۆز دادىسىنىڭ مىراسىدىن ئېلىشى ئۈچۈن دادىسىغا كارغا كەلگەن بولۇشى ياكى دادىسىنىڭ يېنىدا بىللە ياشىغان بولۇشى ۋە ياكى ئۇ دادىنىڭ ئۇ بالىنىڭ ئانىسى بىلەن ئەر-خوتۇنلۇقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىشى ئەسلا شەرت ئەمەستۇر! سىز ئالدى بىلەن بۇنى كاللىڭىزغا ئوبدان يەرلەشتۈرۈڭ. ئۇ ئاچىڭىزنىڭ يەنى سىزنى بېقىۋالغان  دادىڭىزنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئۇ قىزىنىڭ ئۆز دادىسىنىڭ يەنى سىزنى بېقىۋالغان كىشىدىن مىراسىدىن ئېلىشى ئۈچۈن دادىڭىزنىڭ بالىسى بولغانلىقى كۇپايە قىلىدۇ، خالاس!!!
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يُوصِيكُمُ اللّهُ فِي أَوْلاَدِكُمْ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الأُنثَيَيْنِ فَإِن كُنَّ نِسَاء فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ وَإِن كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ…»
«ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ…»- نىسا 4/11.
بۇ ئىككى مۇھىم نۇقتىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك،
1- سىزگە مىراستىن ھېچ نەرسە تەگمەيدۇ. چۈنكى سىز ئۇ كىشىنىڭ بېقىۋالغان بالىسى. يۇقىرىدا بېقىۋالغان بالىنىڭ ھەقىقىي بالا ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئايەت ئوتتۇرىغا قويدى.
2- ئۇ ئۆي سىز بېقىۋالغان دادىڭىزنىڭ ئۆز قىزى بولغان ئەنە شۇ سىز «ئاچام» دېگەن ئايالغا تېگىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «… وَإِن كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ…»
«ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ»- نىسا 4/11.
 مىراسنىڭ قالغان يېرىمى يەنە ئۇ قىزغا تېگىدۇ. بۇ رەد «ھەسسە ئىگىسى ئۆز ھەسسىسىنى ئالغاندىن كېيىن مىراسنىڭ قالغان قىسمىنىڭ باشقا ۋارىس بولمىغانلىقى ئۈچۈن قايتا ئۇنىڭغا تېگىشى» دەپ ئاتىلىدۇ.
چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَسْتَفْتُونَكَ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِي الْكَلَالَةِ ۚ إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ وَلَهُ أُخْتٌ فَلَهَا نِصْفُ مَا تَرَكَ ۚ وَهُوَ يَرِثُهَا إِنْ لَمْ يَكُنْ لَهَا وَلَدٌ ۚ فَإِنْ كَانَتَا اثْنَتَيْنِ فَلَهُمَا الثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَ ۚ وَإِنْ كَانُوا إِخْوَةً رِجَالًا وَنِسَاءً فَلِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ ۗ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ أَنْ تَضِلُّوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ».
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق پەتىۋا سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئاللاھ ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق كىشى قالدۇرغان مىراس توغرىسىدا سىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ: ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسى (قىز بىر تۇغقىنى) بولسا، ئۇ كىشى قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى ئۇنىڭ بۇ ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەمشىرە ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر قېرىندىشى (ئوغۇل بىر تۇغقىنى) بولسا، ھەمشىرىسى قالدۇرغان مىراسنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا تېگىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ بالىسى يوق، ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ كىشى قالدۇرغان مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ئۇنىڭ بۇ ئىككى ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ بالىسى يوق، ۋارىسلار  ھەم ئەر  ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئېزىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»- نىسا 4/176.
مانا بۇ ئايەتتە بىر تۇغقاننىڭ بىر تۇغقاننىڭ مىراسىدىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن ۋاپات بولغۇچى بىر تۇغقاننىڭ بالىسى بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ. دېمەك، بالا بار يەردە بىر تۇغقانغا مىراس يوقتۇر! چۈنكى نىسا سۈرىسىنىڭ 11- ئايىتىدە قىز بالىنىڭمۇ «بالا» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇ ئايەت مۇنداق:
«يُوصِيكُمُ اللَّهُ فِي أَوْلَادِكُمْ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ فَإِنْ كُنَّ نِسَاءً فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ وَإِنْ كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِنْ كَانَ لَهُ وَلَدٌ فَإِنْ لَمْ يَكُنْ لَهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ الثُّلُثُ …»
«ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولسا، ئاتا- ئانىسىدىن ھەر بىرىگە، مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولماي ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا ۋارىس بولغان بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ…»- نىسا 4/11.
ئاللاھ تەئالا  نىسا سۈرىسىنىڭ 176- ئايىتىدە بولسا، «إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ (ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا…)» دەپ ئۆلۈپ قالغان كىشىنىڭ مىراسىدىن ئۇنىڭ قېرىندىشى ۋە ھەمشىرىلىرىنىڭ ھەسسە ئالالىشى ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ (ئۆلۈپ قالغۇچىنىڭ) ئوغۇل-قىز ھېچقانداق بالىسىنىڭ بولماسلىقىنى شەرت قىلىدۇ.
دېمەككى، ئۆلۈپ قالغۇچىنىڭ بىر قىزى بولسىمۇ ئۇنىڭ «بالىسى بار» بولغان بولىدۇ. بۇ تەقدىردە ئۇ ئۆلۈپ قالغۇچىنىڭ بىر تۇغقانلىرىغا مىراسىدىن بىر نەرسە تەگمەيدۇ.
بۇ تەقدىردە يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك سىزنى بېقىۋالغان كىشىنىڭ مىراسىنىڭ يېرىمى ئۇ قىزغا «ھەسسىسى» سۈپىتىدە تېگىدۇ. قالغان يېرىمى يەنە ئۇ قىزغا تېگىدۇ. بۇ رەد «ھەسسە ئىگىسى ئۆز ھەسسىسىنى ئالغاندىن كېيىن مىراسنىڭ قالغان قىسمىنىڭ باشقا ۋارىس بولمىغانلىقى ئۈچۈن قايتا ئۇنىڭغا تېگىشى» دەپ ئاتىلىدۇ.
3- سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا كەلسەك،
سىز يۇقىرىدىكى ئىپادىلىرىڭىزدىن قارىغاندا بېقىۋالغان دادىڭىزدىن قالغان ۋە بۇ دادىڭىز ئۆلۈپ كەتكەن ھامان دادىڭىزنىڭ ئۇ ئۆز قىزىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىڭىز پەرز بولغان ئۇ مىراس ئۆيدە 18 يىلدىن بېرى ئولتۇرۇۋېتىپسىز. بۇ قىلغىنىڭىز تامامەن ھارام ئىش قىلغانلىق بولىدۇ.
ئەمدى بۇ ھارامدىن قۇتۇلۇپ كېتەي دېسىڭىز ئۇ ئۆينى مۇنداق قىلىشىڭىز شەرت:
ئۆينى دەرھال بىكارلاپ شۇ ئاچىڭىزغا تاپشۇرۇپ بېرىسىز، ئاندىن 18 يىللىق كىراسىنى شۇ جاينىڭ بىلىملىك ۋە تەجرىبىلىك ئەھلى ئىلىملىرىگە، سودىگەر ۋە يۇرت ئاقساقاللىرىغا ناھايىتى ئادىللىق بىلەن ھېسابلىتىسىز. ئەگەر ئۇ ئۆينىڭ ۋە ئۇ ئۆينىڭ ئورنىنىڭ 18 يىللىق كىراسى سىزنىڭ ئۇ ئۆينى قايتا يېڭىلاشقا ئىشلەتكەن پۇلىڭىز بىلەن ئۇدۇللاشسا شۇ بويىچە ھېسابلىشىپ ئۆينى ئاچىڭىزغا تاپشۇرۇپ بېرىسىز. ناداۋا سىز ئۆيگە خەجلىگەن پۇلىڭىز ئۆينىڭ ۋە ئورنىنىڭ كىراسىغا چىقىشمىسا يېنىڭىزدىن پۇل قوشۇپ تۆلەيسىز.
سىزنىڭ ئۆينى يېڭىلاپ سېلىشقا چىقىم قىلغان پۇلىڭىز ھەرگىزمۇ 18 يىللىق كىرادىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئۆينىڭ 10 يىللىق كىراسى ئۇ ئۆينىڭ بەدىلى بىلەن تەڭ بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر