ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! ئالدى بىلەن «فىدىيە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. بۇ سۆز ئەسلىدە ئەرەبچە بولۇپ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ.
دىققەت قىلسىڭىز بۇ ئىشنى قىلىدىغانلار: «مېيتنىڭ ئادا قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ نۇقساناتى، ئادا قىلمىغان ئىبادەتلىرىنىڭ كەپپارىتى ئۈچۈن بۇ نەرسىنى فىدىيە قىلىپ ئالدىڭىزمۇ» دەپ بىر ياكى بىرقانچە كىشى بىلەن سودىلىشىدۇ. ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسى چۈشىنەلمەيدىغان كەلىمىلەردىن جۈملە تۈزۈپ سۆزلەيدۇ. قارشى تەرەپ ئالدىم دەيدۇ. سودا بۇ شەكىلدە پۈتىدۇ.
بۇ ئىشلانىڭ مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلام بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى يوق. يەنى دىنىمىزدا ئۇ ئىشلانىڭ ئاساسى يوقتۇر.
ئۇ ئىشلار يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلاردىكى «گۇناھ چىقىرىش» ئادىتىنىڭ قۇرئان ـ سۈننەتتىن يىراقلاشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلىق شەكلىدۇر.
ئىسلام دىنىمىزدا گۇناھلار تەۋبە قىلىش بىلەن ئاللاھ تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ. گۇناھلارنى ئېلىپ ـ سېتىش ئىشىغا بىدئەت دېگەن سۆز كىچىك كېلىپ قالىدۇ. بۇ ئىشقا خۇدالىق دەۋاسى قىلغانلىق دېيىلسە ئۇيغۇن بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ خالىسا ئەپۇ قىلىدىغان، خالىسا ئەپۇ قىلمايدىغان گۇناھنى ئۇ ئىنسانلار پۇل ـ مال بىلەن «يوققا چىقىرىۋېتىدۇ» ئەمەسمۇ!
قۇرئان كەرىمدە ھېچكىمنىڭ گۇناھى ھېچكىمگە يۈكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، ھېچكىمنىڭ ياخشىلىقى ھېچكىمگە ئەسقاتمايدىغانلىقى، ھەر كىشىنىڭ ئايرىم دەپتىرى بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قىلغان ھەر سۆزى ۋە ھەر ھەرىكىتىنىڭ ئۇ دەپتەرگە خاتىرلىنىپ تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى يازسام جاۋاب بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكىلى قوپتى. شۇڭا ئۇ ئايەتلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئورنىنى ئەسكەرتىش بىلەن كۇپايىلەندىم:
بەقەرە سۈرىسى 134 ـ ، 141 ـ ، 286 ـ ئايەتلەر؛ ئەنئام سۈرىسى 164 ـ ئايەت؛ ئىسرا سۈرىسى 15 ـ ئايەت؛ فاتىر سۈرىسى 18 ـ ئايەت؛ زۇمەر سۈرىسى 7 ئايەت؛ نەجم سۈرىسى 38 ـ ئايەت؛ جاسىيە سۈرىسى 15 ـ ئايەت؛ فۇسسىلەت سۈرىسى 46 ـ ئايەت؛ ياسىن سۈرىسى 12 ـ ئايەت؛ نەبەئ سۈرىسى 29 ـ ئايەت قاتارلىق ئايەتلەردە بۇ مەسىلىلەر بايان قىلىنىدۇ.