قۇرئان يولى
مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلىشى 1

مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلىشى

 مۇسۇلمانلارنىڭ بىر – بىرىگە زۇلۇم قىلىشى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ

﴿إِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُكُمۡ أَن تُؤَدُّواْ ٱلۡأَمَٰنَٰتِ إِلَىٰٓ أَهۡلِهَا وَإِذَا حَكَمۡتُم بَيۡنَ ٱلنَّاسِ أَن تَحۡكُمُواْ بِٱلۡعَدۡلِۚ إِنَّ ٱللَّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُم بِهِۦٓۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ سَمِيعَۢا بَصِيرٗا  ٥٨﴾

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغان چېغىڭلاردا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان بۇ ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[1].

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَخُونُواْ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ وَتَخُونُوٓاْ أَمَٰنَٰتِكُمۡ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ  ٢٧﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا خىيانەت قىلماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئامانەتلىرىڭلارغا خىيانەت قىلماڭلار»[2].

﴿إِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُ بِٱلۡعَدۡلِ وَٱلۡإِحۡسَٰنِ وَإِيتَآيِٕ ذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَيَنۡهَىٰ عَنِ ٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِ وَٱلۡبَغۡيِۚ يَعِظُكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ  ٩٠﴾

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولۇشقا، ياخشىلىق قىلىشقا ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلارغا ياردەم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. قەبىھ سۆز – ھەرىكەتلەردىن، يامانلىقتىن ۋە ناھەقچىلىكتىن توسىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ. ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر!»[3].

ئىسلام دىنى مۇتلەق مەنىدە ئادالەتكە بۇيرۇيدۇ، ھەر تۈرلۈك زۇلۇمدىن توسىدۇ. بۇ دىن بىلەن شەرەپلىنىپ مۇسۇلمان دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتالغان كىشى ھەر ئىشتا ئادالەتنى ئاساس قىلىدۇ، زۇلۇمدىن يىراق تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ، بەلكىدە ئۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا زالىم بولسا زۇلۇمدىن توسۇش بىلەن، مەزلۇم بولسا يېنىدا تۇرۇش بىلەن ياردەم قىلىدۇ.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:

«مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. ئۇ ئۆز قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە ئۇنى تاشلىۋەتمەيدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ»[4].   

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «قېرىندىشىڭ زۇلۇم قىلغۇچى بولسۇن ياكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بولسۇن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىن» دېگەندە، بىر كىشى: «ئى رەسۇلۇللاھ! قېرىندىشىم زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىغۇ ياردەم قىلارمەن، ئېيتىپ باققىنا، زۇلۇم قىلغۇچىغا قانداق ياردەم قىلىمەن؟» دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى زۇلۇم قىلىشتىن توسقىن، بۇ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىقىڭ بولىدۇ» دېدى[5].

ئەسلىدە مۇسۇلمان يۇقىرىدىكى ئايەت – ھەدىسلەرگە بويسۇنۇپ زۇلۇمدىن يىراق تۇرغان كىشىدۇر، لېكىن بەزى مۇسۇلمانلار مەنپەئەت ئارزۇسى بىلەن ئەقلىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلمايدۇ، نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدۇ، بارغانسېرى قەلب قارىيىدۇ، ئىمان سۇسلىشىدۇ، سەمىمىيەت تۈگەيدۇ، نىيەت بۇزۇلىدۇ. بۇلار كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ گەپ – سۆزلىرىدە يالغان، ئىش – ھەرىكەتلىرىدە رەزىللىك ۋە قارار – ھۆكۈملىرىدە زۇلۇم بولۇپ ئەكس ئېتىدۇ. ئۇلارنىڭ زۇلۇملىرىدىن بەزىدە ئۆز قېرىنداشلىرىمۇ «نېسىۋە» ئالىدۇ. ئۇنىڭ بىر قىسىم مىساللىرى تۆۋەندىكىچە:

1.      يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش

يېتىم – ئاتىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن نارەسىدە بالىدۇر. ئۇنىڭ ئاتىسىدىن قالغان مىراستىن ئالىدىغان ئۈلۈشىنى بەرمەسلىك ياكى تولۇق بەرمەسلىك، ئوبدان نەرسىسىنى ناچار نەرسىگە تېگىشىۋېلىش، مېلىنى ئۆزىنىڭ مېلىغا قوشۇپ تىجارەت قىلىپ پايدا ئايرىپ بەرمەسلىك ياكى ھەققىنى تولۇق بەرمەسلىك ۋە ياكى زىياننى ئىتتىرىپ قويۇش قاتارلىقلار يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ يَأۡكُلُونَ أَمۡوَٰلَ ٱلۡيَتَٰمَىٰ ظُلۡمًا إِنَّمَا يَأۡكُلُونَ فِي بُطُونِهِمۡ نَارٗاۖ وَسَيَصۡلَوۡنَ سَعِيرٗا  ١٠﴾

«يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالىدىغانلار قورساقلىرىغا چوقۇم ئوت يەيدۇ ۋە يېقىندا دوزاخقا كىرىپ كۆيىدۇ»[6].

2.      يەر ئىگىلىۋېلىش

 يەر ئىگىلىۋېلىش باشقىسىنىڭ يېرىگە كىرىۋېلىش، يەر پاسىللىرىنى ئۆزگەرتىش، باشقىسىنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىش، قوشۇۋېلىش، پاسىلغا دەرەخ سېلىش ئارقىلىق يەر قوشنىسىغا زىيان سېلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولىدۇ.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقىلارنىڭ بىر غېرىچ يېرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى يەتتە قات زېمىندىن ئۇ بىر غېرىچ يەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ بوينىغا چەمبىرەك شەكلىدە ئوراپ قويىدۇ»[7].

3.      ئىشچىنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىك ياكى كەم بېرىش

ئايلىق مائاشقا ئىشلەيدىغان ئىشچىنىڭ ياكى كۈنلۈك ئىش ھەققىگە ئىشلەيدىغان كۈنلۈكچىنىڭ ۋە ياكى بىرەر ئىشنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىش قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمەسلىك، كېچىكتۈرۈش، كېمەيتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇمدۇر.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىشچىنىڭ ھەققىنى ئۇنىڭ تەرى قۇرۇماستىن بېرىۋېتىڭلار»[8].

4.      ھەقنى كېچىكتۈرۈش

بۇ ئۆتنىنى ياكى قەرزنى ۋە ياكى نېسى ئالغان نەرسىنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىمەسلىك بىلەن بولىدۇ. بۇمۇ بىر زۇلۇمدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۆلەش ئىمكانىيىتى بار ئادەمنىڭ قەرزىنى ئارقىغا سۈرۈپ ۋاقتىدا بەرمەسلىكى زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ. بىر كىمنىڭ بىر ئادەمدە ئېلىشى بولۇپ، قەرزدار ئادەم ئۇنى بىر باي كىشىنىڭ بېرىپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلسا، ئۇ بۇ ھاۋالىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ»[9].

5.      ئالداش

ئېلىم – سېتىمدا قارشى تەرەپنىڭ خەۋەرسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ بازار باھاسىدىن يۇقىرى باھادا سېتىش، مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇپ سېتىش، ھۈنەر – سەنئەتتە ساختىپەزلىك قىلىش، ئىشنى تەلەپكە لايىق قىلماسلىق، ئىش بەرگۈچىنىڭ ئىشەنچىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئىش ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار زۇلۇمدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم بىزنى ئالدىسا، ئۇ بىزدىن ئەمەستۇر»، «كىم ئالدامچىلىق قىلسا، ئۇ بىزدىن ئەمەستۇر»[10].

6.      بىئارام قىلىش

شەھەردە، ئادەملەر زىچ ئورۇنلاشقان جايلاردا ۋە قەۋەتلىك بىنالاردا گۈلدۈر – گۇپپاڭ قىلىش، توي – تۆكۈنلەردە كېچىنىڭ بىر مەھەلىگىچە داقا – دۇمباق چېلىش، ۋارقىراپ – جارقىراش، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىدا ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلىش، يوللاردا ماشىنىنىڭ ياڭراتقۇسىنى يۇقىرى ئېچىپ قويۇپ بىر نەرسە ئاڭلاش، ناخشا توۋلاپ مېڭىش، ئىنسانلار مېڭىۋاتقان يوللاردا ماشىنا، موتوسىكلىت ۋەھاكازالارنى تېز سۈرئەت بىلەن ھەيدەش، ئېھتىياجدىن ئارتۇق سىگنال چېلىش… قاتارلىقلار بىئارام قىلغانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.

شۇنىڭدەك، يول ۋە كوچا – كويلارغا، سۇ بويلىرىغا، دەل – دەرەخلەرنىڭ تۈۋىلىرىگە تەرەت سۇندۇرۇپ قويۇش، تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، قالايمىقان نەرسە ۋە ئەخلەت – چاۋارلارنى تاشلاش، ئاممىۋى سورۇنلاردا بۇرنىنى كولاش، چىشىنى كولاش، قۇلىقىنى كولاش، تىرنىقىنى كولاش، بەلغەم چىقىرىش، ماڭقىسىنى تارتىش، يەل قويۇۋېتىش، خورەك تارتىش، ئۈستىگە پۇراقلىق نەرسە سۈرۈپ ياكى پۈركۈپ بېرىش… قاتارلىقلار بىئارام قىلغانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلار باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىدۇ، زىيان سالىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زىيان سېلىشقا ۋە زىيان تارتىشقا بولمايدۇ»[11].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 :250 – 255.

[1] 4 – سۈرە نىسا، 58 – ئايەت.

[2] 8 – سۈرە ئەنفال، 27 – ئايەت.

[3] 16 – سۈرە نەھل، 90 – ئايەت.

[4] بۇخارى، «مەزالىم»، 4؛ مۇسلىم، «بىرر ۋە سىلە»، 32، 58؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 45؛ تىرمىزى، «ھۇدۇد»، 3، «بىرر ۋە سىلە»، 18.

[5] بۇخارى، «مەزالىم»، 5؛ مۇسلىم، «بىرر ۋە سىلە»، 62؛ تىرمىزى، «فىتەن»، 68.

[6] 4 – سۈرە نىسا، 10 – ئايەت.

[7] بۇخارى، «بەدئۇلخەلق»، 2؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 139.

[8] ئىبنى ماجە، «رۇھۇن»، 4.

[9] بۇخارى، «ھەۋالات»، 2؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 33؛ ئەبۇ داۋۇد، «بۇيۇئ»، 10؛ تىرمىزى،  «بۇيۇئ»، 68؛ نەسەئى، «بۇيۇئ»، 100؛ ئىبنى ماجە، «سەدەقات»، 8.

[10] مۇسلىم، «ئىمان»، 164؛ تىرمىزى، «بۇيۇئ»، 74؛ ئەبۇداۋۇد، «بۇيۇئ»، 52؛ ئىبنى ماجە،   «تىجارەت»، 36.

[11]  ئىبنى ماجە، «ئەھكام»، 17؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 5: 55 – 56؛ مۇۋەتتا، «ئەقدىيە»، 31.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر