ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار بىر – بىرى بىلەن قېرىنداشدۇر. ئۇنداقتا ئىككى قېرىندىىشىڭلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويۇڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»- (ھۇجۇرات 49/10).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«مۇسۇلمانلار ئۆزئارا قېرىنداشتۇر، بىر-بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە بىر-بىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
«مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. ئۇ، قېرىندىشىغا خىيانەت قىلمايدۇ ۋە يالغان ئېيتمايدۇ، قېرىندىشىنى ياردەمسىز قويمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بىر- بىرىنىڭ ئابرۇيىغا ۋە مېلىغا چېقىلىشى، قېنىنى تۆكۈشى ھارامدۇر. تەقۋالىق مانا مۇشۇ يەردە- دىلدا بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۇنىڭ يامان ئادەم بولۇشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر»- (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
«مۇئمىنلار ئۆزئارا دوستلىشىش، بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش ۋە يار-يۆلەك بولۇشتا بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ. بەدەندىن بىرەر ئەزا ئاغرىسا، پۈتۈن بەدەندىن ئۇيقۇ قاچىدۇ ۋە پۈتۈن بەدەن قىزىپ ئارامسىزلىنىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
«مۇئمىن مۇئمىن ئۈچۈن بۆلەكلىرى بىر-بىرىنى چىڭىتىپ تۇرغان بىناغا ئوخشايدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
«مۇئمىنلەر گويا بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن بىئارام بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ بېشى ئاغرىسا، ئۇلار ھەممىسى بۇنىڭدىن ئارامسىزلىنىدۇ»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
«ئى مۇسۇلمانلار! ھەسەت قىلىشماڭلار ۋە باھانى يۇقىرى قويۇپ خېرىدارنى ئالدىماڭلار، دۈشمەنلەشمەڭلار، ئۆزئارا ئارازلاشماڭلار، بىر-بىرىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزماڭلار. ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئۆزئارا قېرىنداش بولۇپ ياشاڭلار، مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. مۇسۇلمان قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە ئۇنى كەمسىتمەيدۇ. بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياردەمسىز قالدۇرمايدۇ…»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
«مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا ئالتە تۈرلۈك ھەققى بولىدۇ: ئۇچراشساڭ سالام بەرگىن، چاقىرغان يەرگە بارغىن، ئەگەر سەندىن نەسىھەت تەلەپ قىلسا، نەسىھەت قىلىپ قويغىن، چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ/ئاللاھقا شۈكۈر، دېسە، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، دەپ جاۋاب قايتۇرغىن، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلىغىن، ئۆلۈپ كەتسە، جىنازىسىغا ئەگەشكىن»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).