«مىراس» دېگەن سۆز ئەسلىدە مەسدەر (تۈپ سۆز) بولۇپ، لۇغەت مەنىسى مال، ئىلىم ۋە شەرەپ قاتارلىقلارنىڭ بىر كىشىدىن يەنە بىر كىشىگە ياكى بىر قەۋمدىن يەنە بىر قەۋمگە ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلمەستىن يۆتكىلىشى دېگەن بولىدۇ. ئىستىلاھىي (تېرىم) مەنىسى بولسا، ۋاپات بولغان كىشىنىڭ، ئارقىسىدا قالدۇرۇپ كەتكەن ھەر تۈرلۈك مال – مۈلكى دېگەن بولىدۇ[1].
دۇنياغا كەلگەن ھەر ئىنسان ئەجىلى بەلگىلەنگەن ھالدا كېلىدۇ[2]، ئەجىلى توشقاندا ئۆلىدۇ[3] ۋە ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن مال – مۈلۈك قالدۇرۇپ كېتىدۇ. ئۆلگەن كىشىنىڭ مال – مۈلكىدىن ئۇنى يۇيۇش، كېپەنلەش ۋە دەپنە قىلىش چىقىملىرى چىقىرىۋېتىلىدۇ، تىرىك چېغىدا شاھىتلارنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىراپ قىلغان ياكى ھۆججەت يېزىپ بەرگەن قەرزلىرى بولسا تۆلىنىدۇ. ئاندىن ئېشىپ قالغان قىسمى ۋارىسلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ تەقسىماتنى قۇرئان كەرىمدە تەپسىلىي بايان قىلغان[4].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿لِّلرِّجَالِ نَصِيبٞ مِّمَّا تَرَكَ ٱلۡوَٰلِدَانِ وَٱلۡأَقۡرَبُونَ وَلِلنِّسَآءِ نَصِيبٞ مِّمَّا تَرَكَ ٱلۡوَٰلِدَانِ وَٱلۡأَقۡرَبُونَ مِمَّا قَلَّ مِنْهُ أَوْ كَثُرَ نَصِيبًا مَّفۡرُوضٗا ٧﴾
«ئەرلەر ئۈچۈن ئاتا – ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئاتا – ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئۇ مىراس ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن نېسىۋىسى بار»[5].
﴿وَلِكُلّٖ جَعَلۡنَا مَوَٰلِيَ مِمَّا تَرَكَ ٱلۡوَٰلِدَانِ وَٱلۡأَقۡرَبُونَۚ وَٱلَّذِينَ عَقَدَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡ فَآتُوهُمۡ نَصِيبَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدًا ٣٣﴾
«بىز ھەربىرىگە ۋارىسلار بەلگىلىدۇق. ئۇلار ئاتا – ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن ئۈلۈش ئالىدۇ. سىلەر قەسەم ئىچىشىپ مۇناسىۋەت ئورناتقان كىشىلەرگە نېسىۋىسىنى بېرىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[6].
بۇ ئىككى ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، ئۆلۈپ كەتكەن كىشى مال قالدۇرۇپ كېتىدۇ، بۇ مال ئۇ كىشىنىڭ ئاتا – ئانىسى، ئەڭ يېقىنلىرى ۋە يولدىشى ئارىسىدا تەقسىم قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا تەپسىلىي يوليۇرۇق بەرگەن[7]. ئادەتتە ئۇ مال مىراس دېيىلىدۇ. ئۇ مالدىن ئۈلۈش ئېلىش ھەققىگە ئىگە بولغان كىشى ۋارىس دەپ ئاتىلىدۇ.
مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 409 – 410.
[1] ئىبنى مەنزۇر، «و ر ث»، 2: 199.
[2] قاراڭ:6 – سۈرە ئەنئام، 2 – ئايەت.
[3] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 185 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 78 – ئايەت؛، 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 57 – ئايەت؛ 56 – سۈرە ۋاقىئە، 60 – ئايەت.
[4] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 11 – ، 12 – ۋە 176 – ئايەتلەر.
[5] 4 – سۈرە نىسا ، 7 – ئايەت.
[6] 4 – سۈرە نىسا ، 33 – ئايەت.
[7] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 11 – ، 12 – ۋە 176 – ئايەتلەر.