1- سوئال: خېرىدارغا مالنىڭ ئەيىبنى يوشۇرغانلارنىڭ ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب:
ئالدامچىلىق. ئەبۇ ھۇرەيرە (ر.ز)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «كىم ئالدامچىلىق قىلىدىكەن، بىزدىن ئەمەس»[1].
2- سوئال: قىلىشقان شەرتلەرگە ئەمەل قىلمىغاننىڭچۇ؟
جاۋاب:
قىلىشقان شەرتكە ئەمەل قىلىش ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَوْفُوا بِالْعُقُودِ»
«ئى مۇئمىنلار! توختاملىرىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار…»- مائىدە 5/1.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇسۇلمانلار قىلىشقان شەرتلىرىگە رىئايە قىلىشى لازىم. ھارامنى ھالال ياكى ھالالنى ھارام قىلىدىغان شەرتلەر مۇستەسنا»[2].
قىلىشقان شەرتلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلار ئەنە شۇ ئايەت ۋە ھەدىسكە ئەمەل قىلمىغان بولىدۇ، شۇنداقلا گۇناھكار بولىدۇ.
3- ئايالىم ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن باشقا شەھەرلەرگە كېتىدۇ ۋە بىرقانچە كۈن شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ، بەزىدە مەندىن سورىماي ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ بىرقانچە كۈن ئۆيگە كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەسنادا قىلغان يامان ئىشلىرىدىن مەن جاۋابكار بولامدىمەن، ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن باشقۇرمىسام گۇناھكار بولامدىمەن؟
ئەلۋەتتە گۇناھكار بولىسىز، چۈنكى سىز «ئالدىم» دېگەن چېغىڭىزدا ئايالىڭىزنى ماددىي جەھەتتىن ئىنسانچە بېقىشنى، مەنىۋى جەھەتتىن ئىسلامچە باشقۇرۇشنى زىممىڭىزگە ئالغان. ئايالىڭىزنى مۇشۇ بويىچە ساقلىمىسىڭىز ياكى ئايالىڭىز سىزنىڭ نىكاھىڭىزدا تۇرۇپ ئۆزى چاغلىغان جايلاردا يېتىپ-قوپۇپ يۈرسە، سىز ئايالىڭىزنى باشقۇرالمىغان بولىسىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنْفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا»
«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار» تەھرىم 66/6.
«الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ»
«ئەرلەر، ئاياللىرىنىڭ ھامىيلىرىدۇر»- نىسا 4/34.
ئەر كىشى، ئائىلىسىنى دوزاختىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىسلام تەلىماتلىرىغا ئۇيغۇن ھامىيلىق (قوغدىغۇچىلىق) قىلىشى كېرەك. ئايالىنى ئىسلام تەلىماتى بويىچە ساقلىمىغان ئەر، ئۇنىڭغا تەلەپكە لايىق ھامىيلىق قىلمىغان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:
«ئەر ئائىلىسىگە مەسئۇل. ئۇ بۇ مەسئۇللۇقىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ»[3].
4- ئايالىم ئاشۇنداق ئايال، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنچە ياخشى ئادەملەر ئەمەس. ئەگەر مەن سەۋر قىلىپ ئۆيۈمنى تۇتسام بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا ئەجىر بېرىلەمدۇ؟
جاۋاب:
ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى دىنىمىزنىڭ ئەمرىدۇر، ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش ئايالغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ بىر پارچىسىدۇر، شۇنداقلا دىنىمىزنىڭ ئەمرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى ئايالىغا ۋە ئايالىنىڭ ئائىلىسىگە «دىنىم ئەمىر قىلغان» دەپ ياخشى مۇئامىلە قىلسا ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئەجىر بېرىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە توي قىلغان ئەر–ئاياللارغا مۇنداق دېگەن:
«وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ»
«ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار»- نىسا 4/19.
بۇ ئايەتتىكى «تىرىكچىلىك قىلىڭلار» دېگەن ئىپادىنىڭ ئەرەبچىسى ئاشىرۇ «عَاشِرُو»دۇر. بۇ كەلىمە «چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى ئەر–ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ بەجا كەلتۈرۈشىنىڭ لازىملىقىغا، بۇ بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈشتە ئايالغا قارىغاندا ئەرنىڭ بەكراق كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى بۇ كەلىمە مۇفائەلە بابىدىندۇر. مۇفائەلە بابى، فائىل بىلەن مەفئۇلنىڭ ھەر ئىككىلىسى قىلغان/ قىلىدىغان، لېكىن فائىل كۆپراق قىلغان/ قىلىدىغان بىر ئىشنىڭ قىلىنىشىغا دالالەت قىلىدۇ.
يەنە كېلىپ ئائىلە قۇرۇش ئاسان، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش تەس. سىز قۇرغان ئائىلىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن سەۋرچان، ئېغىر-بېسىق ۋە پىداكار بولسىڭىز، شۇنداقلا ئايالىڭىزغا ۋە ئائىلىسىگە ئۇيغۇن پۇرسەتتە، مۇۋاپىق پەيتتە، ئىلمىي يوسۇندا ۋە تاتلىق بىر تىل بىلەن توغرىلارنى چۈشەندۈرسىڭىز، نەتىجىدە ئۆيىڭىز بۇزۇلمىسا، سىزگە ئەلۋەتتە ئەجىر بېرىلىدۇ.
5- ماڭا يول كۆرسەتسىلە قانداق قىلىشىم كېرەك؟
ئۇلارغا قارشى سەۋر قىلىڭ، مۇمكىنقەدەر ئارىڭىزنى ياخشىلاشقا تىرىشىڭ. چۈنكى يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش گۈزەل ئەخلاقتۇر. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇلار بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى سىزنى چۈشىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ. وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ»
«ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوخشاش بولمايدۇ. يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن. مۇشۇنداق قىلساڭ، دۈشمىنىڭ خۇددى سەمىمىي دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىلىرىلا ئېرىشەلەيدۇ»- فۇسسىلەت 41/34-35.
[1]– مۇسلىم، ئىمان 43 (102) 164؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 74 (1315، )؛ ئەبۇداۋۇد، بۇيۇئ 52 (3452)؛ ئىبنى ماجە، تىجارات 36(2224).
[2]– ئەبۇ داۋۇد، ئەقدىيە 3594؛ تىرمىزى، ئەھكام 1352؛ ئىبىن ماجەم، ئەھكام 23 (2353).
[3]– بۇخارى، ئەھكام 1، جۇمە 11، ئىستىقراز 20، ئىتق 17، 19، ۋەسايا 9، نىكاھ 81، 90؛ مۇسلىم، ئىمارەت 20 (1829)؛ تىرمىزى، جىھاد 27 (1705)؛ ئەبۇ داۋۇد، ئىمارەت 1 (2928).