جاۋاب:
توغرا ۋە راست كۈلدۈرگىلەرنى يېزىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن داڭ چىقىرىشنىڭ بىر زىيىنى يوق. لېكىن ئىنسانلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن خاتا ۋە يالغان سۆزلەرنى يېزىش ۋە سۆزلەش توغرا ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام: «ئىنسانلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!» دېگەن. (بۇ ھەدىس مۇسنەدى ئەھمەد، 19200 دە زىكىر قىلىنىدۇ).
ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغان ئېيتىشنىڭ چوڭ گۇناھلاردىن بىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەر بار.