سوئال:
دىنىمىزدا كۇسۇف نامىزى ۋە خۇسۇف نامىزى دەپ نامازلار بارمۇ؟ بولسا قانداق ئوقۇلىدۇ؟
جاۋاب:
بار. كۇسۇف نامىزى كۈن تۇتۇلغاندا ئوقۇلىدىغان، خۇسۇف نامىزى ئاي تۇتۇلغاندا ئوقۇلىدىغان نامازدۇر.
كۈن تۇتۇلغاندا زىكىر-تەسبىھ، دۇئا-تەكبىر، تەۋبە-ئىستىغپار ۋە خەير-ئېھسان قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىش، كۈننىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ناماز ئوقۇش ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىككى ئايەتتۇر. ئۇلار بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ياكى بىر كىشىنىڭ ياشىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلمايدۇ. ئۇلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەڭلار، ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار، تەكبىر ئېيتىڭلار، سەدىقە قىلىڭلار ۋە ناماز ئوقۇڭلار»[1].
كۇسۇف نامىزىنىڭ شەكلى توغرىسىدىكى ھەدىس مۇنداق:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا كۈن تۇتۇلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىنسانلارغا ئىمام بولۇپ، ناماز ئوقۇدى. نامازنىڭ قىرائىتىنى ئۇزۇن قىلدى، ئاندىن رۇكۇ قىلدى، رۇكۇنى ئۇزۇن قىلدى، ئاندىن بېشىنى كۆتۈردى، ئۇزۇن قىرائەت قىلدى، بۇ قىرائەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىرىنچى قىرائەتنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن تۆۋەنرەك ئىدى، ئاندىن رۇكۇ قىلدى، رۇكۇنى ئۇزۇن قىلدى، بۇ رۇكۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىرىنچى رۇكۇنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن تۆۋەنرەك ئىدى، ئاندىن بېشىنى كۆتۈردى، ئاندىن ئىككى سەجدە قىلدى، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككىنچى رەكەتتە بىرىنچى رەكەتتە قىلغانلىرىنىڭ ئوخشىشىنى قىلدى. ئاندىن سالام بەردى. بۇ ۋاقىتتا كۈن ئېچىلغان ئىدى. ئاندىن خۇتبە ئوقۇدى، خۇتبىدە مۇنداق دېدى: «كۈن بىلەن ئاي بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ياكى بىر كىشىنىڭ ياشىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلمايدۇ. لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىككى ئايەتتۇركى، ئاللاھ ئۇلارنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەڭلار، نامازغا ئىلتىجا قىلىڭلار»[2].
بۇ ھەدىسقا ئاساسەن كۇسۇف نامىزى ئىككى رەكەتلىك بىر ناماز بولۇپ، جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. ھەر رەكىتىدە ئىككى قېتىم رۇكۇ، ئىككى قېتىم قىيام ۋە ئىككى قېتىم قىرائەت قىلىنىدۇ. قىيام، قىرائەت، رۇكۇ ۋە سەجدىلىرى ئادەتتىكى نامازدىكىدىن ئۇزۇن قىلىنىدۇ.
خۇسۇف نامىزىغا كەلسەك،
خۇسۇف نامىزى ئاي تۇتۇلغاندا ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكەتلىك بىر نامازدۇر. بۇ ناماز جامائەت بىلەن ئوقۇلمايدۇ. بۇ نامازنى ھەر كىشى ئۆيىدە ياكى مەسچىتتە ئادەتتىكى نەپلە نامازلارنى ئوقۇغاندەك يالغۇز ئوقۇيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نامازنى كۇسۇف نامىزىنى ئوقۇغاندەك جامائەت بىلەن ئوقۇغانلىقى مەلۇم ئەمەس. خۇسۇف نامىزىنىڭ دەلىلى پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «كۈن بىلەن ئاي بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ياكى بىر كىشىنىڭ ياشىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلمايدۇ. لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ئىككى ئايەتتۇركى، ئاللاھ ئۇلارنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەڭلار، نامازغا ئىلتىجا قىلىڭلار» دېگەن سۆزىدۇر[3].
[1]– بۇخارى، جۇمۇئە 1042، 1044، 1046، 1047، 1052، 1058، 1063، بەدئۇلخەلق، 3201، 3202، 3203، نىكاھ 5197؛ مۇسلىم، كۇسۇف 3 (901)، 9 (904)، 28 (914)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 1191؛ نەسەئى، كۇسۇف 3 (1461)، 11 (1472)، 1474، 1478، 1491، 1493.
[2]– بۇخارى، كۇسۇف 2، 4، 5، 13، 19، ئەلئەمەلۇ فىسسالات، 11، بەدئۇلخەلق، 4، تەپسىر، مائىدە 13؛ مۇسلىم، كۇسۇف 1، 8، (901، 902، 903)؛ مۇۋەتتا، كۇسۇف 1 (1/186)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 2261، 263، 264، 165، (1177، 1178، 1180، 1187، 1188، 1190، 1191)؛ تىرمىزى، سالات 396، (561، 563)؛ نەسەئى، كۇسۇف 6، 7، 10، 11، (3، 127، 128، 129، 130).
[3]– بۇ ھەدىس «كۇسۇف نامىزى» دا تەپىسلىي زىكىر قىلىندى، شۇنداقلا بەت ئاستى ئىزاھتا مەنبەلىرى بېرىلدى.